12-بۆلۈم
ھەقىقىي ئىمان-ئېتىقادلىق كىشى ئىكەنلىكىڭىزنى كۆرسىتىڭ!
خۇدا ئۆز خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىمان-ئېتىقادى سىناقلارغا دۇچ كېلىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان. مۇقەددەس كىتاب: «ھوشيار ۋە سەگەك تۇرۇڭلار! دۈشمىنىڭلار بولغان ئىبلىس ھۆركىرەيدىغان شىردەك بىرەرسىنى يۇتماقچى بولۇپ ئىزدەپ يۈرىدۇ»،— دەيدۇ (1-پېترۇس 5:8). شەيتان قانداق قىلىپ سىزنى ئىمان-ئېتىقاد يولىدىن ياندۇرۇشقا ئۇرۇنۇشى مۇمكىن؟
شەيتان باشقىلار، بولۇپمۇ ئۆز يېقىن كىشىلىرىمىز ئارقىلىق بىزنى مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇماسلىققا قىستىشى مۇمكىن. مۇشۇ توغرىسىدا، ئەيسا پەيغەمبەر: «ئادەمنىڭ دۈشمەنلىرى ئۆز ئائىلىسىدىكى كىشىلەر بولىدۇ»،— دەپ ئالدىن ئېيتقان (مەتتا 10:36). بەلكىم، شۇ ياخشى نىيەتلىك ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭىز مۇقەددەس كىتابتا زادى نېمە ھەقىقەتنىڭ بارلىقىدىن خەۋەرسىز بولۇشى ياكى باشقىلارنىڭ سۆز-چۆچەكلىرىدىن قورقۇشى مۇمكىن. بىراق، مۇقەددەس كىتاب: «ئىنسانلاردىن قورقۇش كىشىگە تۇزاق بولار، بىراق يەھۋاغا ئىشەنگەن كىشى قوغدىلىنار»،— دەيدۇ (پەندى-نەسىھەت 29:25). ئەگەر سىز ئىنساننى خۇش قىلىش ئۈچۈن مۇقەددەس يازمىلارنى ئۆگىنىشنى توختاتسىڭىز، خۇدا خۇش بۇلارمۇ؟ ئەلۋەتتە، ياق! ھەقىقىي ئىمان-ئېتىقاد يولىدا ماڭغىنىمىزدا، خۇدا بىزگە ياردەم بېرىدۇ. «بىز ئارقىغا چېكىنىپ ھالاك بولىدىغانلاردىن ئەمەس، بەلكى جېنىمىزنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئىمان-ئېتىقادقا ئىگە بولغانلاردىنمىز».— ئىبرانىيلار 10:39.
ئىلگىرى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن دۇماسنىڭ ھايات سەرگۈزەشتىلىرىنى ئەسلەپ كۆرسەك، دەسلىپىدە ئۇنىڭ ئايالى ئۇنىڭ ئىمان-ئېتىقادنى مازاق قىلغان. بىراق، ئۇ كېيىنچە ئېرىگە قۇشۇلۇپ بىرلىكتە مۇقەددەس يازمىلارنى ئۆگەنگەن. شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەگەر سىز توغرا يولدا مېڭىشنى داۋاملاشتۇرسىڭىز، سىز بەلكىم دوستلىرىڭىز ۋە يېقىن كىشىلىرىڭىزگە تەسىر قىلىپ، ئۇلارمۇ ئۆگىنىشى مۇمكىن. نۇرغۇن بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلەردە، بەزى قارشى چىققۇچىلار ھەق ئىمان-ئېتىقاد يولىدا ماڭغۇچىنىڭ گۈزەل پەزىلەتلىرىدىن تەسىرلىنىپ، ھەقىقەتنى ئىزدەشكە باشلىغان. دەرۋەقە، مۇقەددەس يازمىلارنىڭ «ئۇلار سىلەرنىڭ پاك پەزىلەتلىرىڭلار بىلەن چوڭقۇر ھۆرمىتىڭلارنى كۆرۈپ تۇرىدۇ»،— دېگەن سۆزلىرى ھەقىقەتتۇر.— 1-پېترۇس 3:1، 2.
شەيتان يەنە كىشىلەرنى مۇقەددەس يازمىلارنى ئۆگىنىشتىن توسۇش مەقسىتىدە، ئۇلارنى ناھايىتى ئالدىراش دېگەن ئوي-خىيالغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنىدۇ. ئۇ سىزنى تۇرمۇشتىن بېسىم ھېس قىلىشقا، يەنى ھەرخىل غەم-ئەندىشىلەرنى قىلىپ، مال-دۇنيا قوغلىشىشقا ئېزىقتۇرۇشى مۇمكىن. سەۋەبى، ھەمىشە شۇنداق ئوي-خىياللارنى قىلىش «سۆزنى بوغۇۋېتىدۇ». نەتىجىدە بولسا، ئىمان-ئېتىقادىڭىز «ھوسۇلسىز قالىدۇ» (ماركۇس 4:19). پەقەت بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرمەي، ئەكسىچە يىراقلارغا نەزەر سېلىش كېرەك! مۇقەددەس يازمىلار: «مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، سەن يېگانە خۇدانى ۋە سەن ئەۋەتكەن ئەيسا مەسىھنى تونۇش كېرەك»،— دەيدۇ (يۇھاننا 17:3). شۇڭا، جەننەتتىكى مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن داۋاملىق خۇدا ۋە ئەيسا مەسىھ توغرىسىدا ئۆگىنىش ھەقىقەتەن زۆرۈر!
مىسىردا پادىشاھ ئوردىسىدا چوڭ بولغان مۇسا پەيغەمبەرنى ئويلاپ كۆرسەك، ئۇنىڭ مال-دۇنيا، شان-شۆھرەت ۋە ھوقۇق-ئەمەللەرنى قوغلىشىش پۇرسىتى بار ئىدى. ئەمما، مۇسا «ۋاقتىنچە گۇناھلىق ئىشلاردىن ھۇزۇر-ھالاۋەت ئېلىشنىڭ ئورنىغا، خۇدا خەلقى بىلەن بىللە جاپا-مۇشەققەت چېكىشنى تاللىدى». نېمە ئۈچۈن؟ «چۈنكى، ئۇ كۆزگە كۆرۈنمەس زاتنى كۆرۈپ تۇرغاندەك داۋاملىق چىداپ»، ئىمان-ئېتىقادتا چىڭ تۇرغان (ئىبرانىيلار 11:24، 25، 27). مۇسا خۇدانى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ئۆزىنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى قوغلاشمىغاچ، خۇدا ئۇنى مول بەرىكەتلەشكە ئىگە قىلغان. ئەگەر سىز ھەم شۇنداق قىلسىڭىز، خۇدا سىزنىمۇ بەرىكەتلەيدۇ.
شەيتان ھەرخىل يوللار بىلەن سىزگە ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنۇشى مۇمكىن. بىراق، ئۇنىڭ ئولجىسىغا ئايلىنىپ قېلىشتىن ساقلىنالايسىز. چۈنكى، مۇقەددەس كىتاب بىزنى ئىلھاملاندۇرۇپ: «ئىبلىسقا قارشى تۇرۇڭلار. شۇ چاغدىلا، ئۇ سىلەردىن قاچىدۇ»،— دەيدۇ (ياقۇپ 4:7). ئۇنداقتا، شەيتانغا قانداق قارشى تۇرالايسىز؟
مۇقەددەس يازمىلارنى ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ. خۇدانىڭ سۆزلىرىنى ھەركۈنى ئوقۇش؛ ئۇنىڭ تەلىملىرىنى ئۆگىنىش؛ نەسىھەتلىرىنى ئەمەلىي تۇرمۇشتا ئىشلىتىش ئارقىلىق، سىز «خۇدا بەرگەن بارچە قورال-ياراقلار بىلەن» قوراللىنىپ، شەيتاننىڭ ھۇجۇملىرىغا قارشى تۇرالايسىز.— ئەفەسلىكلەر 6:13.
ھەقىقىي ئىمان-ئېتىقادلىق كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلىڭ. مۇقەددەس يازمىلارنى ئوقۇپ ئۆگىنىدىغان ۋە ئۆگەنگەنلىرىنى ئۆز تۇرمۇشىغا تەتبىقلايدىغان كىشىلەرنى ئىزدەپ تېپىڭ. شۇنداق كىشىلەر «مېھىر-مۇھەببەت ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئۈندەش ئۈچۈن» بىر-بىرىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ. ئۇلار سىزنىڭ ئىمان-ئېتىقادتا ئۆسۈپ يېتىلىشىڭىز ئۈچۈن ياردەم بېرىدۇ.— ئىبرانىيلار 10:24، 25.
يەھۋاغا يېقىنلىشىڭ. ئىشەنچ بىلەن خۇدادىن ياردەم سوراپ دۇئا قىلىڭ. خۇدانىڭ سىزگە ياردەم بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى ھەرگىز ئۇنتۇماڭ. خۇدا سۆزى: «بارلىق غەم-ئەندىشەڭلارنى ئۇنىڭغا [خۇداغا] تاشلاڭلار. چۈنكى، ئۇ سىلەردىن خەۋەر ئالىدۇ»،— دەپ بىزگە ئىلھام بېرىدۇ (1-پېترۇس 5:6، 7). «خۇدا سادىقتۇر ۋە ئۇ سىلەرنى بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان ئازدۇرۇلۇشقا دۇچار قىلمايدۇ. ئەكسىچە، ئازدۇرۇلۇشقا ئۇچرىغاندا بەرداشلىق بېرەلىشىڭلار ئۈچۈن چىقىش يولىنى كۆرستىپ بېرىدۇ».— 1-كورىنتلىقلار 10:13.
شەيتان، ئەگەر كىشى قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلسە، ئۇلار ئىمان-ئېتىقاد يولىدىن يېنىپ، داۋاملىق خۇداغا ئىبادەت قىلىشتىن ۋاز كېچىدۇ، دەپ خۇدانى ھاقارەتلەيدۇ. بىراق، سىز شەيتاننىڭ بىر يالغانچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىيالايسىز! خۇدا بىزلەرنى چاقىرىپ: «دانا بولساڭ كۆڭلۈمنى خۇشال قىلارسەن، شۇنداق بولساڭ مېنى ئەيىبلىگۈچىگە جاۋاب بېرەلەيمەن»،— دەيدۇ (پەندى-نەسىھەت 27:11). شۇنداق ئىكەن، ئۆزىڭىزنىڭ ھەقىقىي ئىمان-ئېتىقادلىق كىشى ئىكەنلىكىڭىزنى كۆرسىتىڭ!