13-بۆلۈم
ھەقىقىي ئىمان-ئېتىقاد مەڭگۈلۈك بەخت-سائادەتكە يېتەلەيدۇ
مۇقەددەس يازمىلار: «ئادىل كىشى ئىمانى تۈپەيلى ياشايدۇ»،— دەيدۇ (رىملىقلار 1:17). مۇشۇ سۆزلەر سىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئاجايىپ ۋەدىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. نېمە ئۈچۈن شۇنداق دەيمىز؟
ئەيسا مەسىھ يەر يۈزىدىكى ئىشلىرىنى ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن، خۇدا بىلەن بىللە بولۇش ئۈچۈن «يۇقىرىغا كۆتۈرۈلدى». ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ئۇنىڭغا قاراپ تۇرغىنىدا، «ئۇنى بىر بۇلۇت ئۇلارنىڭ نەزىرىدىن ئېلىپ كەتتى» (ئەلچىلەر 1:9). ئاسماندا، خۇدا ئۇنى پادىشاھ قىلىپ تەيىنلىگەن. يېقىن كەلگۈسىدە، ئەيسا «ئىنسان ئوغلى ئۆز ئۇلۇغلىقى ئىچىدە بارچە پەرىشتىلەر بىلەن بىرلىكتە كەلگەندە، ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ تەختىدە ئولتۇرىدۇ. پۈتكۈل مىللەتلەر ئۇنىڭ ئالدىدا توپلىنىدۇ. ئۇ خۇددى بىر پادىچى قويلىرىنى ئۆچكىلەردىن ئايرىغاندەك، ئادەملەرنى بىر-بىرىدىن ئايرىيدۇ» (مەتتا 25:31، 32). بۇ ئىش قاچان يۈز بېرىدۇ؟
مۇقەددەس يازمىلار، دۇنيانىڭ ھەممىلا جايلىرىدا بىر مەزگىل قالايمىقانچىلىقنىڭ يۈز بېرىشى — مەسىھ پۈتكۈل خەلقلەرنى ھۆكۈم قىلىدىغان ۋاقىتنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئاز قالغانلىقىنىڭ ئالامىتى، دەپ ئالدىن ئېيتقان. ئەيسا مەسىھ شۇ ئالامەتنىڭ نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ: «مىللەت مىللەتكە قارشى، پادىشاھلىق پادىشاھلىققا قارشى قوپىدۇ. شىددەتلىك يەر تەۋرەشلەر يۈز بېرىدۇ. بىر جايدىن كېيىن يەنە بىر جايدا يۇقۇملۇق كېسەللەر تارقىلىدۇ ۋە ئاچارچىلىقلار بولىدۇ. قورقۇنچلۇق كۆرۈنۈشلەر ۋە ئاسماندىن ھەيۋەتلىك ئالامەتلەر كۆرۈنىدۇ»،— دېگەن ئىدى.— لۇقا 21:7، 10، 11.
بۈگۈنكى كۈندە، بىز ئەيسا مەسىھنىڭ سۆزلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرەلەيمىز. پات يېقىندا، ئەيسا رەزىللىكلەرنى يوق قىلىدۇ. ھەتتا، ئەڭ ئاخىرىدا شەيتاننى مەڭگۈلۈككە ھالاك قىلىدۇ! پۈتۈن يەر يۈزى جەننەتكە ئايلىنىدۇ. بارچە كىشىلەر بىر-بىرى بىلەن، ھەتتا ھايۋاناتلار بىلەن تىنچ-ئىتتىپاق تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. «ئۇ ۋاقىت، بۆرە بىلەن قوزا بىللە تۇرىدۇ. يىلپىز بىلەن ئوغلاق بىللە ياتىدۇ، موزاي بىلەن شىر ئارسلىنى بىللە ئوتلايدۇ، كىچىك بالا ئۇلارنى يېتىلەپ يۈرىدۇ. … نە زىيانكەشلىك بولماس، نە خاراب قىلىش بولماس» (يەشايا 11:6، 9). «ھېچكىم: «مەن كېسەل»،— دېمەيدۇ. … ئۇ چاغدا قارىغۇلارنىڭ كۆزلىرى ئېچىلىدۇ، گاسلارنىڭ قۇلاقلىرى ئاڭلايدۇ» (يەشايا 33:24؛ 35:5). ھەتتاكى ئۆلۈكلەر ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلىدۇ. «يەھۋا ھەممىسىنىڭ كۆزلىرىدىن يېشىنى سۈرتىدۇ» ۋە «ئۆلۈم يەنە بولمايدۇ، نە ماتەم، نە پەرياد ۋە ئازاب-ئوقۇبەت باشقا بولمايدۇ» (يەشايا 25:8؛ ۋەھىيلەر 21:4). شۇ چاغدا، خۇدانىڭ يەرشارىغا بولغان دەسلەپكى مەقسىتى ئەمەلگە ئاشىدۇ. نېمە دېگەن گۈزەل كېلەچەك بىزنى كۈتۈپ تۇرغان-ھە!
ئىمان-ئېتىقادتا ئۆسۈپ يېتىلىش
خۇدانىڭ مۇكاپاتىغا، يەنى جەننەتتىكى ھاياتلىققا قانداق كىشىلەر ئېرىشەلەيدۇ؟ ھەقىقىي ئىمان-ئېتىقادلىق كىشىلەر!
ئېسىڭىزدە بولسا، ھەقىقىي ئىمان-ئېتىقاد — مۇقەددەس يازمىلاردىكى توغرا بىلىمگە ئاساسلانغان بولىدۇ. شۇڭلاشقا، خۇدا ۋە ئەيسا مەسىھ ھەققىدە كۆپرەك بىلىم ئېلىش ئۈچۈن ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ!
ھەقىقىي ئىمان-ئېتىقادنى ھەققانىي ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق كۆرسىتەلەيمىز. خۇدا سۆزى: «ئىش-ھەرىكەتسىز ئىمان ھەم ئۆلۈكتۇر»،— دېگەن (ياقۇپ 2:26). شۇنىڭدەك توغرا ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق، سىز خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرەت، ئادىللىق، دانالىق ۋە مۇھەببەتكە ئوخشاش ئېسىل پەزىلەتلىرىنى ئەكس ئەتتۈرەلەيسىز. شۇنداق ئېسىل پەزىلەتلەرنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن توختىماي تىرىشىڭ!
ھەقىقىي ئىمان-ئېتىقادنى يېتىلدۈرۈش، سىزنى مول بەرىكەتلەشكە ئىگە قىلىدۇ. دەرھەقىقەت، بۈگۈنكى كۈندە ۋە كېلەچەكتىكى جەننەتتە بەخت-سائادەتلىك تۇرمۇشقا ئېرىشىشىڭىزنىڭ ئاچقۇچى — ھەقىقىي ئىمان-ئېتىقادتۇر!