2-بۆلۈم
ھەقىقىي ئىمان-ئېتىقاد دېگەن نېمە؟
ھەقىقىي ئىمان-ئېتىقاد — خۇدانىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئىشىنىش بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. مىليونلىغان كىشىلەر خۇداغا ئىشىنىشىدۇ، ئەمما ئۇلار قەستەن يامان ئىشلارنى قىلىدۇ. شۇنداق «ئىمان-ئېتىقاد» خۇددى ساختا پۇلغا ئوخشاش بولۇپ، قارىماققا ھەقىقىي، راستتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە قىممىتى يوق. ئۇنداقتا، ھەقىقىي ئىمان-ئېتىقاد دېگەن نېمە؟
ھەقىقىي ئىمان-ئېتىقاد — مۇقەددەس يازمىلاردىكى توغرا بىلىمگە ئاساسلانغان بولىدۇ. خۇدادىن كەلگەن مۇشۇ يازمىلار ياراتقۇچى ئىگە توغرىسىدىكى ھەقىقەتنى بىزگە بىلدۈرۈپ، بىزنىڭ ئۇنى تونۇشىمىزغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ. يەنى ئۇنىڭ قانۇن- ئۆلچەملىرى، ئىرادىسى ۋە ھەقىقەتلىرىنى بىزگە ئاشكارا قىلىدۇ. ئاشۇ ھەقىقەتلەر بۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
-
ئاللا بىر. ئۇنىڭ تەڭدىشى يوق.
-
ئەيسا ھەممىگە قادىر خۇدا ئەمەس. ئۇ خۇدانىڭ پەيغەمبىرى.
-
خۇدا ھەر تۈرلۈك بۇتپەرەسلىكنى ئۆچ كۆرىدۇ.
-
ھەربىر ئىنسان قىيامەت كۈنىدە ھۆكۈم قىلىنىدۇ.
-
خۇدا سان-ساناقسىز كىشىلەرنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرىدۇ ۋە ئۇلار جەننەتتە ياشايدۇ.
ھەقىقىي ئىمان-ئېتىقاد بىزنى ساۋابلىق ئىشلارنى قىلىشقا ئۈندەيدۇ. شۇنداق ئىشلار خۇدانى ئۇلۇغلاپ، باشقىلارغا ۋە ئۆزىمىزگە پايدا-مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ ساۋابلىق ئىشلار مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
-
خۇداغا ئىبادەت قىلىش.
-
خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان پەزىلەتلەرنى، بولۇپمۇ مېھىر-مۇھەببەتنى يېتىلدۈرۈش
-
يامان ئوي-پىكىر ۋە ئارزۇ-ھەۋەسلەرنى تاشلاش
-
قىيىنچىلىقلارغا قارىماي، خۇداغا بولغان ئىمان-ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇش
-
باشقىلارغا خۇدا توغرىسىدا ئۆگىتىش
قانداق قىلىپ ھەقىقىي ئىمان-ئېتىقادنى يېتىلدۈرەلەيسىز؟
خۇدادىن ياردەم سوراش. مۇسا پەيغەمبەر خۇداغا: «ئۆتۈنەي، سېنى تونۇشۇم ئۈچۈن ۋە داۋاملىق نەزىرىڭدە ئىلتىپات تېپىشىم ئۈچۈن، ماڭا ئۆز يوللۇرۇڭنى كۆرسىتىپ بەر a»،— دەپ دۇئا قىلغان. خۇدا مۇسانىڭ دۇئاسىغا قۇلاق سېلىپ، ئۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرغان. نەتىجىدە، مۇسا ئىمان-ئېتىقادنىڭ ئەڭ ياخشى ئۈلگىسىنى قالدۇرغان ئىدى. شۇنىڭدەك، خۇدا سىزنىڭمۇ ھەقىقىي ئىمان-ئېتىقادنى يېتىلدۈرۈشىڭىز ئۈچۈن ياردەم بېرىدۇ.
ۋاقىت چىقىرىپ مۇقەددەس يازمىلارنى ئۆگىنىش. مۇقەددەس يازمىلار، تەۋرات، زەبۇر، ئىنجىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، مۇقەددەس كىتاب دەپ ئاتالغان. بۇ كىتاب كۆپلىگەن تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان ۋە دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىدا كەڭ تارقىتىلغان. سىزدە مۇقەددەس كىتاب بارمۇ؟
مۇقەددەس يازمىلاردىكى نەسىھەتلەرنى كۈندىلىك تۇرمۇشقا تەتبىقلاش. ئىمان-ئېتىقاد، خۇددى مۇسكۇلغا ئوخشاش، چېنىقتۇرۇش ئارقىلىق كۈچىيىدۇ. ھەر ئىشتا ئىمان-ئېتىقادىڭىزغا ئاساسەن يول تۇتسىڭىز، خۇدانىڭ نەسىھەتلىرىنىڭ نەقەدەر پايدىلىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتىسىز ۋە شۇ تەرىقىدە ئىمان-ئېتىقادىڭىز كۈچىيىدۇ. مۇقەددەس يازمىلاردىكى نەسىھەتلىك سۆزلەر ھەقىقەتەن سان-ساناقسىز كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىغا ياردەم بەرگەن. تۆۋەندە بىرنەچچە مىساللارنى كۆرۈپ باقايلى.
a چىقىش 33:13.