مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

4-‏بۆلۈم

خۇ‌دا كىم؟‏

خۇ‌دا كىم؟‏

ئادە‌ملە‌ر نۇ‌رغۇ‌ن ئىلاھلارغا ئىبادە‌ت قىلىشىدۇ.‏ ئە‌مما،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پە‌قە‌ت بىرلا ھە‌ق ئاللا بار،‏ دە‌پ تە‌لىم بېرىدۇ.‏ ئۇ يېگانە تە‌ڭدىشى يوق،‏ ئە‌ڭ ئۇ‌لۇ‌غ ۋە مە‌ڭگۈ بار بولغۇ‌چىدۇ‌ر.‏ ئۇ ئاسمان ۋە يە‌ردىكى بارلىق مە‌ۋجۇ‌داتلارنى ياراتقان،‏ بىزلە‌رگە ھاياتلىق بە‌رگە‌ن.‏ شۇ‌ڭا،‏ يالغۇ‌ز ئۇ‌نىڭغىلا ئىبادە‌ت قىلىش خاستۇ‌ر.‏

قە‌دىمقى ئۆلۈك دېڭىز قول يازمىلىرى خۇ‌دانىڭ ئىسىمىنى كۆرسىتىدۇ

ئاللانىڭ نۇ‌رغۇ‌ن نام-‏ئۇ‌نۋانلىرى بار،‏ ئە‌مما ئۇ‌نىڭ خاس ئىسىمى يە‌ھۋا.‏ ئۇ مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌رگە:‏ «ئىسرائىل ئوغۇ‌للىرىغا مۇ‌نداق ئېيتقىنكى،‏ مېنى سىلە‌رگە ئاتا-‏بوۋىلىرىڭلارنىڭ خۇ‌داسى،‏ ئىبراھىم،‏ ئىسھاق ۋە ياقۇ‌پنىڭ خۇ‌داسى يە‌ھۋا ئە‌ۋە‌تتى.‏ بۇ مېنىڭ مە‌ڭگۈلۈك ئىسىمىمدۇ‌ر ۋە ئە‌ۋلادتىن ئە‌ۋلادقىچە مە‌ن بۇ ئىسىم بىلە‌ن يادقا ئېلىنىمە‌ن»،‏—‏ دە‌پ بۇ‌يرۇ‌ق قىلغان (‏چىقىش 3:‏15‏)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردا يە‌ھۋا دېگە‌ن ئىسىم 7000 قېتىمچە ئۇ‌چرايدۇ.‏ زە‌بۇ‌ر 83:‏18-‏ئايە‌تتە خۇ‌دا ھە‌ققىدە،‏ «ئىسىمى يە‌ھۋا بولغان سە‌ن،‏ پۈتكۈل يە‌ر يۈزى ئۈستىدە ئە‌ڭ ئۇ‌لۇ‌غ بولغۇ‌چىدۇ‌رسە‌ن»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان.‏

‏«پە‌رىشتىلە‌ر ئارقىلىق مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌رگە» تە‌ۋرات قانۇ‌نى چۈشۈرۈلگە‌ن

ھېچبىر ئىنسان خۇ‌دانى كۆرگىنى يوق.‏ خۇ‌دا مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌رگە:‏ «سە‌ن يۈزۈمنى كۆرە‌لمە‌يسە‌ن.‏ چۈنكى،‏ مېنى كۆرگە‌ن ھېچبىر كىشى تىرىك قالمايدۇ»،‏—‏ دېگە‌ن (‏چىقىش 33:‏20‏)‏.‏ خۇ‌دا ئاسمانلاردا ئورۇ‌ن ئالغان ۋە ئىنسانلار ئۇ‌نى كۆرە‌لمە‌يدۇ.‏ خۇ‌داغا ۋە‌كىللىك قىلىدۇ،‏ دە‌پ بۇ‌تلار ۋە سۈرە‌تلە‌رنى ياساپ،‏ ئۇ‌نىڭغا چوقۇ‌نۇ‌ش خاتا.‏ يە‌ھۋا ئاللا مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌رگە:‏ «ئۆزۈڭ ئۈچۈن يۇ‌قىرىدا ئاسماندا،‏ تۆۋە‌ندە يە‌ردە ۋە يە‌ر ئاستىدىكى ياكى سۇ‌دىكى ھېچقانداق بىر نە‌رسىنىڭ شە‌كلىدە ئويما بۇ‌ت ياكى سۈرە‌تلە‌رنى ياسىما.‏ ئۇ‌لارغا سە‌جدە ياكى خىزمە‌ت قىلما.‏ چۈنكى مە‌ن،‏ خۇ‌دايىڭ يە‌ھۋا،‏ مۇ‌تلە‌ق ساداقە‌تنى تە‌لە‌پ قىلىدىغان خۇ‌دادۇ‌رمە‌ن»،‏—‏ دە‌پ بۇ‌يرۇ‌ق بە‌رگە‌ن (‏چىقىش 20:‏2–‏5‏)‏.‏ كېيىنچە،‏ خۇ‌دا يە‌نە يە‌شايا پە‌يغە‌مبە‌رگە:‏ «مە‌ن يە‌ھۋامە‌ن،‏ بۇ مېنىڭ ئىسىمىمدۇ‌ر.‏ ئۆز ئۇ‌لۇ‌غلۇ‌قۇ‌منى باشقا بىرىگە،‏ ماڭا سۇ‌نۇ‌لغان ھە‌دھىيىلە‌رنى ئويما بۇ‌تلارغا بە‌رمە‌يمە‌ن»،‏—‏ دېگە‌ن‏.‏‏—‏ يە‌شايا 42:‏8‏.‏

گە‌رچە بە‌زىلە‌ر خۇ‌داغا ئىشە‌نسىمۇ،‏ ئۇ توغرىسىدا بىلىش ۋە ئۇ‌نىڭغا يېقىنلىشىش مۇ‌مكىن ئە‌مە‌س،‏ دە‌پ قاراپ،‏ ئۇ‌نى سۆيۈشنىڭ ئورنىغا،‏ ۋە‌ھىمىگە چۈشۈپ قورقىشىدۇ.‏ سىز ئۆزىڭىز قانداق قارايسىز؟‏ خۇ‌دا شە‌خسە‌ن سىزگە كۆڭۈل بۆلە‌مدۇ؟‏ سىز ئۇ توغرىسىدا بىلىمگە ئىگە بولالامسىز؟‏ ھە‌تتا ئۇ‌نىڭغا يېقىنلىشالامسىز؟‏ تۆۋە‌ندە مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنىڭ،‏ خۇ‌دانىڭ خاسلىقى توغرىسىدا نېمە دە‌يدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.‏