2-بۆلۈم
بىر-بىرىڭلارغا ۋاپادار بولۇڭلار
«خۇدا بىر بويۇنتۇرۇق ئاستىغا قوشقانلارنى ئادەم ئايرىمىسۇن» (مارك 10:9).
تەڭرىمىز يەھۋا بىزنىڭ ساداقەتمەن بولۇشىمىزنى خالايدۇ (زەبۇر 18:25). بۇ بولۇپمۇ نىكاھدا ئىنتايىن مۇھىم، چۈنكى ساداقەتمەنسىزلىك ئىشەنچنى يوقىتىدۇ. ئىشەنچسىز سۆيگۈ سوۋۇپ كېتىدۇ.
بۈگۈنكى كۈندە ھەممىلا ئادەملەر نىكاھدا ۋاپادار بولۇش كېرەك دەپ قارىمايدۇ. ئائىلىڭىزنى ساقلاپ قېلىشىڭىز ئۈچۈن ئىككى ئەمەلىي مەسلىھەتكە ئەمەل قىلىشىڭىز ناھايىتى زۆرۈر.
1. نىكاھىڭىز — ئەڭ قىممەت غەزىنە
مۇقەددەس كىتابتا نېمە يېزىلغان؟ مۇقەددەس كىتاب «مۇھىمىراق نەرسىگە كۆز يەتكۈزۈشكە» چاقىرىدۇ (فىلىپپىلىقلارغا 1:10). نىكاھ مۇناسىۋىتى ھاياتىڭىزنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر تەرىپى. ئۇ بىرىنچى ئورۇندا بولۇشى لازىم.
يەھۋا خۇدا ئەر-ئايالنىڭ بىرگە قول تۇتۇشۇپ، ھاياتتىن بىللە ھۇزۇرلىنىشىنى خالايدۇ (ۋەز 9:9). ئۇ ئەر-ئايالنىڭ بىر-بىرىگە يېتەرلىك دەرىجىدە ۋاقىت چىقىرىشىنى ۋە ئۇلارنىڭ بىر-بىرىنى خۇرسەن قىلىشقا مۇمكىنچىلىكلەرنى ئىزدىشىنى خالايدۇ (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 10:24). ئۆمۈرلۈك جۈپتىڭىز ئۆزىنى كېرەكلىك ۋە قەدىرلىك ھېس قىلىشى ئۈچۈن، قولۇڭىزدىن كەلگەن ھەممە نەرسىلەرنى قىلىڭ.
پايدىلىق مەسلىھەتلەر
-
ئۆمۈرلۈك ھەمراھىڭىز ئۆزىنى ئېتىبارسىز سەزمەسلىكى ئۈچۈن باشقا ھەممە ئىشلارنى كەينىگە قالدۇرۇپ، ۋاقىتنى چوقۇم بىرگە ئۆتكۈزۈڭ
-
«مەن» دەپ ئەمەس، بەلكى «بىز» دەپ ئېيتىشقا ئادەتلىنىڭ
2. قەلبىڭىزنى ئاسراڭ
مۇقەددەس كىتابتا نېمە يېزىلغان؟ «كىمدەكىم ئايال كىشىگە قاراۋېرىپ، شەھۋانىيلىققا بېرىلسە، ئۇ يۈرىكىدە شۇ ئايال بىلەن نىكاھ ۋاپالىقىنى بۇزغان بولىدۇ» (مەتتا 5:28). ئەخلاقسىز خىياللارغا بېرىلگەن ئادەمنى ئۆمۈرلۈك ھەمراھىغا نىسبەتەن ۋاپاسىزلىق قىلىدۇ دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.
يەھۋا خۇدا: «قەلبىڭنى پاك تۇت»،— دەپ چاقىرىدۇ (پەندى-نەسىھەت 4:23؛ يەرەمىيا 17:9). بۇنىڭ ئۈچۈن نەزەرىڭىز كۆپرەك نېمىگە تىكىلگەنلىكىگە دىققەت قىلىڭ (مەتتا 5:29، 30). ئۆز ئايالىدىن باشقا ئاياللارغا ھەۋەس بىلەن قارىماسلىقى ئۈچۈن كۆزلىرى بىلەن كېلىشىم تۈزگەن ئايۇپ پەيغەمبەرنى ئۈلگە قىلىڭ (ئايۇپ 31:1). شەھۋانىي مەزمۇنلارغا قارىماسلىققا بەل باغلاڭ. ئۆمۈرلۈك جۈپتىڭىزدىن باشقا ھېچكىم بىلەن ئىشقى مۇناسىۋەتلەرنىڭ راۋاجلىنىشىغا يول قويماڭ.
پايدىلىق مەسلىھەتلەر
-
ئۆمۈرلۈك جۈپتىڭىزگە پۈتۈنلەي سادىق ئىكەنلىكىڭىزنى ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە ئوچۇق كۆرسىتىڭ
-
ھەمراھىڭىزنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئىناۋەتكە ئېلىڭ. ئۇ قارشى جىنسلىق ئادەملەر بىلەن قانداق مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىڭىزدىن ئەندىشە قىلسا، ئەشۇنداق مۇئامىلىنى دەرھال توختىتىڭ