1-بۆلۈم
خۇدانىڭ مەسلىھەتلىرى ئائىلىدە بەخت-سائادەتكە ئېرىشىشكە ياردەم بېرىدۇ
«ياراتقۇچى ئۇلارنى باشتىن ئەر ۋە ئايال قىلىپ ياراتتى» (مەتتا 19:4).
دەسلەپكى نىكاھنى يەھۋا * خۇدا ئۆزى ئورۇنلاشتۇرغان. مۇقەددەس كىتابتا يەھۋا دەسلەپكى ئايالنى ياراتقان ۋە «ئۇنى ئىنساننىڭ ئالدىغا ئەكەلدى» دەپ يېزىلغان. ئادەم ئاتا ئۆزىنى شۇنچىلىك بەختلىك ھېس قىلىپ: «مانا ئەمدى، سۆڭەكلىرىمدىن چىققان سۆڭەك ۋە ئەتلىرىمدىن چىققان ئەت ئالدىمدا»،— دېدى (يارىتىلىش 2:22، 23). بۈگۈنكى كۈندىمۇ يەھۋا خۇدا ئائىلە قۇرغانلارنىڭ بەختلىك بولۇشىنى خالايدۇ.
ئائىلە قۇرغاندا نۇرغۇن ئادەملەر ئائىلىۋى تۇرمۇش ئاجايىپ گۈزەل بولىدۇ دەپ ئۈمىد قىلىدۇ. لېكىن، ئەر-ئايال بىر-بىرىنى چىن يۈرىكىدىن سۆيگەن ھالەتتىمۇ، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقلاردىن قېچىپ قۇتۇلۇشى ئاسان ئەمەس (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 7:28). بۇ كىتابچىدە بېرىلگەن مۇقەددەس كىتابنىڭ پرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق نىكاھ ۋە ئائىلىدە بەخت-سائادەتكە ئېرىشىشكە بولىدۇ (زەبۇر 19:8—11).
1. يەھۋا تاپشۇرغان مەسئۇلىيەت
مۇقەددەس كىتابتا نېمە يېزىلغان؟ ئەر — ئائىلىنىڭ بېشى (ئەفەسلىكلەرگە 5:23).
ئەگەر ئائىلىنىڭ بېشى بولسىڭىز، يەھۋا خۇدا ئايالىڭىزغا مېھرىبانلىق بىلەن غەمخورلۇق قىلىشىڭىزنى كۈتىدۇ (پېترۇسنىڭ 1-خېتى 3:7). ئۇ ئايالىڭىزنى سىزگە ياردەمچى سۈپىتىدە ياراتقان ھەم ئۇنى سۆيۈشىڭىزنى ۋە قەدىرلىشىڭىزنى خالايدۇ (يارىتىلىش 2:18). ئايالىڭىزنى چىن قەلبىڭىزدىن سۆيسىڭىز، ئۇنىڭ مەنپەئەتلىرىنى ئۆزىڭىزنىڭكىدىن ئۈستۈن قويۇشىڭىز كېرەك (ئەفەسلىكلەرگە 5:25—29).
ئەگەر تۇرمۇش قۇرغان ئايال بولسىڭىز، يەھۋا سىزدىن ئېرىڭىزنى ھۆرمەتلەپ، ئۇنىڭغا ئائىلىدە ئۆز رولىنى ئادا قىلىشقا ياردەم بېرىشىڭىزنى كۈتىدۇ (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 11:3؛ ئەفەسلىكلەرگە 5:33). ھەمراھىڭىزنىڭ قارارلىرىنى قوللاپ، ئۇنىڭغا سادىق ياردەمچى بولۇڭ (كولوسىلىقلارغا 3:18). شۇ چاغدا ھەمراھىڭىزنىڭ ھەم يەھۋا خۇدانىڭ نەزەرىدە پەزىلەتلىك ئايال بولالايسىز (پېترۇسنىڭ 1-خېتى 3:1—6).
پايدىلىق مەسلىھەتلەر
-
ياخشىراق ئەر ياكى ئايال بولۇش ئۈچۈن نېمە قىلىشىڭىز كېرەكلىكى ھەققىدە ئۆمۈرلۈك ھەمراھىڭىزدىن سوراپ كۆرۈڭ. ئۇنى دىققەت قويۇپ تىڭشاڭ ۋە ئېيتقانلىرىنى ئورۇنلاشقا تىرىشىڭ
-
سەۋر-تاقەتلىك بولۇڭ. بىر-بىرىڭلارنى بەختلىك قىلىشنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ۋاقىت كېرەك بولىدۇ
2. ئۆمۈرلۈك جۈپتىڭىزنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى نەزەرگە ئېلىڭ
مۇقەددەس كىتابتا نېمە يېزىلغان؟ ئۆمۈرلۈك ھەمراھىڭىزنىڭ موھتاجلىقلىرىدىن خەۋەر ئېلىشىڭىز زۆرۈر (فىلىپپىلىقلارغا 2:3، 4). ئۆمۈرلۈك ھەمراھىڭىز ئۆزىنىڭ سىز ئۈچۈن قەدىرلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسۇن. ئېسىڭىزدە بولسۇن، ئاللا يەھۋا خىزمەتچىلىرىدىن «ھەممىسى بىلەن يۇمشاق» بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ (تىموتىيغا 2-خەت 2:24). «بەزى ئادەملەرنىڭ يېنىكلىك بىلەن قىلغان سۆزلىرى ئادەمگە سانجىلغان قىلىچقا ئوخشار؛ بىراق دانىشمەنلەرنىڭ تىلى دەردكە دەرماندۇر». شۇڭا، گەپ-سۆزلىرىڭلاردا پاراسەتلىك بولۇڭلار (پەندى-نەسىھەت 12:18). يەھۋانىڭ مۇقەددەس روھى سىزگە مېھىر-مۇھەببەت ۋە مېھرىبانلىق بىلەن سۆزلەشكە ياردەم بېرىدۇ (گالاتىلىقلارغا 5:22، 23؛ كولوسىلىقلارغا 4:6).
پايدىلىق مەسلىھەتلەر
-
ھەمراھىڭىز بىلەن مۇھىم مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىشتىن بۇرۇن، ئۇنىڭ ئوي-پىكرىنى نەزەرگە ئېلىپ، سەۋرچانلىقنى ساقلاش ئۈچۈن دۇئا قىلىڭ
-
نېمە دەيدىغانلىقىڭىزنى ۋە قانداق دەيدىغانلىقىڭىزنى چوڭقۇر ئويلىنىڭ
3. بىر نىيەتتە بولۇڭلار
مۇقەددەس كىتابتا نېمە يېزىلغان؟ ئۆيلەنگەندىن كېيىن، ئۆمۈرلۈك ھەمراھىڭىز بىلەن «بىر تەن» بولىسىز (مەتتا 19:5). لېكىن سىلەر يەنىلا ئىككى شەخس ھەم ئوي-پىكرىڭلار ھەرخىل بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، بىر ئىدىيەدە ۋە ھېسىياتتا بولۇشنى ئۆگىنىشىڭلار كېرەك (فىلىپپىلىقلارغا 2:2). قارارلارنى قىلغاندا، بىر نىيەتتە بولۇش ناھايىتى زۆرۈر. مۇقەددەس كىتابتا: «پىلانلار مەسلىھەت بىلەن بېكىتىلەر»،— دەپ يېزىلغان (پەندى-نەسىھەت 20:18). مۇھىم قارارلارنى قىلغاندا، مۇقەددەس كىتابنىڭ پرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلىڭلار (پەندى-نەسىھەت 8:32، 33).
پايدىلىق مەسلىھەتلەر
-
ئۆمۈرلۈك ھەمراھىڭىز بىلەن پەقەت يېڭىلىقلار ياكى ئوي-پىكرىڭىز بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ھېس-تۇيغۇلىرىڭىز بىلەنمۇ ئورتاقلىشىڭ
-
ئۆز ئۈستۈڭلارغا بىرەر مەسئۇلىيەتلەرنى ئېلىشتىن بۇرۇن بىر-بىرىڭلار بىلەن مەسلىھەتلىشىڭلار
^ 4-ئابزاس مۇقەددەس كىتابقا ئاساسەن، يەھۋا — خۇدانىڭ ئىسمى.