مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

تىنچ يېڭى دۇنيا كېلەمدۇ؟

تىنچ يېڭى دۇنيا كېلەمدۇ؟
جەننەتتە ھاياتلىقتىن بەھرىمەن بولۇۋاتقانلار

مۇشۇ ۋاراقچىدىكى رەسىمگە قارىغاندا،‏ سىزدە قانداق سېزىم پەيدا بولىدۇ؟ سىزنىڭ كۆڭلىڭىز مۇشۇ سۈرەتتىكى بەختلىك،‏ تىنچلىق ۋە ھەممە نەرسە تەل تۇرمۇشقا تەشنا بولامدۇ؟ ئەلۋەتتە،‏ شۇنداق بولىدۇ. ئۇنداقتا،‏ مۇشۇنداق تۇرمۇش شارائىتى بىر كۈنى يەرشارىدا بولىدىغانلىقى سىز ئۈچۈن ئارمان ياكى خام-خىيالدەك بىلىنەمدۇ؟

بەلكىم،‏ كۆپ ئادەملەر خام-خىيال دەپ ئويلار. بۈگۈنكى كۆز ئالدىمىزدىكى رېئاللىقنىڭ بىر نەچچىسىنى ئېلىپ ئېيتساق _ ئۇرۇش،‏ جىنايەت،‏ ئاچارچىلىق،‏ كېسەللىك،‏ قېرىلىق قاتارلىقلار. لېكىن كەلگۈسى ئۈمىدكە ئىشەنچىمىز بار. مۇقەددەس يازمىلار:‏ ئاللا «يېڭى ئاسمانلار بىلەن يېڭى بىر يەرنى» يارىتىدۇ ۋە «ئىلگىرىكىلەر بولسا ياد قىلىنماس ۋەيا خاتىرگىمۇ كەلتۈرۈلمەس» دەپ ئالدىنئالا ئېيتقان ئىدى . —يەشايا 65:‏17.

مۇقەددەس يازمىلار بويىچە،‏ بۇ «يېڭى ئاسمانلار» ۋە «يېڭى بىر يەر» بولسا ئاللا قايتىدىن باشقا ئاسمانلار ۋە باشقا بىر يەرنى يارىتىدۇ دېگەنلىك ئەمەس. چۈنكى خۇدا دەسلەپتە ئاسمانلارنى ۋە يەرنى مۇكەممەل ياراتقان ھەم ئۇلارنىڭ مەڭگۈ قالىدىغانلىقى مۇقەددەس يازمىلاردا كۆرسىتىلگەن (زەبۇر 89:‏36،‏ 37؛ 104:‏5). «يېڭى بىر يەر» _ بۇ يەردە ياشايدىغان ئادىل ئادەملەردىن قۇرۇلىدىغان يېڭى جەمئىيەت ۋە «يېڭى ئاسمانلار» بولسا يەردىكى يېڭى جەمئىيەت ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ئاسماندىكى مۇكەممەل پادىشاھلىق ياكى ھۆكۈمەت. ئۇنداقتا،‏ «يېڭى بىر يەر» يەنى ئاجايىپ يېڭى دۇنيانىڭ بولۇشىغا ئىشىنىش ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇنمۇ؟

ئويلىنىپ كۆرسەك،‏ خۇدانىڭ ئەسلى مەقسىتى مۇشۇنداق گۈزەل شارائىتلارنىڭ مۇشۇ يەرشارى ئۈچۈن يارىتىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ بىرىنچى بىر جۈپ ئادەمنى يەردىكى ئېرەم باغ جەننەتكە ئورۇنلاشتۇردى ۋە ئۇلارغا ئاجايىپ تاپشۇرۇق بەردى:‏ «سىلەر بولساڭلار ئۇرۇغلاپ [نەسىل قالدۇرۇپ] تولا بولۇپ يەرنى تولدۇرۇپ ئۇنى تەسەررۇپ [ئىدارە]» قىلىڭلار (يارىتىلىش 1:‏28). پەرۋەردىگارنىڭ مەقسىتى بۇ بىر جۈپ ئادەم ئۈچۈن ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىك بولۇپ ئەڭ ئاخىرىدا جەننەتنى پۈتۈن يەر يۈزىدە كېڭەيتىش بولغان. كېيىنرەك،‏ ئۇلار ئاللاغا ئىتائەت قىلماسلىقنى تاللىغان،‏ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مەڭگۈ ھايات كەچۈرۈشكە مۇناسىپ كەلمەيدىغانلىقىنى دەلىللىدى. لېكىن خۇدانىڭ ئەسلى مەقسىتى ئۆزگەرگىنى يوق. پەرۋەردىگارنىڭ مەقسىتى يېڭى دۇنيادا ئەمەلگە ئېشىشى شەك- شۈبھىسىزدۇر! —يەشايا 55:‏11.

ئەمەلىيەتتە،‏ مەسىھ مۇقەددەس يازمىلاردىكى ۋەدىگە ئاساسەن ئاللا تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن پادىشاھ،‏ ھەمدە ئۇ يېڭى دۇنيا ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ (زەبۇر 2:‏2،‏ 6-9؛ دانىيال 7:‏13،‏ 14). مەسىھ يەردىكى ھەممە رەزىللىكلەرنى يوق قىلىدۇ،‏ ئاندىن زەبۇردىكى:‏ «ئادىللار ئۆزى يەرگە ۋارىس بولۇپ ئەبەدغىچە ئاندا [ئۇ يەردە] ئولتۇرار» دېگەن ئايەت ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. — زەبۇر 37:‏29.

خۇدانىڭ يېڭى دۇنياسىدىكى تۇرمۇش

مەسىھنىڭ ھۆكۈمرانلىقى يەر يۈزىگە تەڭداشسىز بەخت-سائادەت ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى خۇدانىڭ ئەسلى مەقسەت قىلغان ھەممە ياخشى ئىشلىرىنى تاماملاش ۋە خۇدانىڭ خەلقىنىڭ ئاشۇ ياخشى ئىشلاردىن بەھرىمەن بولۇشى ئۈچۈندۇر. ئۆچمەنلىك ۋە بىر-بىرىنى كەمسىتىش مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئۈزۈل-كېسل توختىتىلىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا يەردىكى ھەممە ئادەملەر بىر-بىرى بىلەن ھەقىقىي دوست بولىدۇ. پەرۋەردىگار ئۆز يازمىسىدا:‏ «يەرنىڭ ئانھالارىغىچە [ئەڭ چەت جايلىرىغىچە] جەڭلەر» توختايدۇ دەپ ۋەدە بەرگەن. «تائىفە تائىفەنىڭ [مىللەت مىللەتنىڭ] ئۈستىگە قىلىچ كۆتۈرمەي،‏ بىر-بىرى بىلەن جەڭ قىلماقنىمۇ ئۆگەنمەس». — زەبۇر 46:‏9؛ يەشايا 2:‏4.

ئەڭ ئاخىرىدا پۈتكۈل يەرشارى ئاجايىپ گۈزەل باغ جەننەتكە ئايلىنىدۇ. مۇقەددەس يازمىدا:‏ «جاڭگال بىلەن قۇرۇق يەر شادلىق قىلىپ باياۋان خوش بولۇپ سۆسۈن [-گۈل] دەك چېچەكلەيدۇ… جاڭگالدا سۇلار جارى بولۇپ باياۋاندا ئېقىنلار چىقادۇر. ئالغام سالغام [ئېزىتقۇ] ئۆزى كۆلگە ئاۋيۇرۇلۇپ [ئايلىنىپ] ئۇسسۇز يۇرت بۇلاقلارغا مۇبەددەل بولۇر [ئايلىنۇر]» دېيىلگەن. — يەشايا 35:‏1،‏ 6،‏ 7.

يەردىكى جەننەتتە بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشكە نۇرغۇن سەۋەبلەر بار. ئادەملەر يەنە ھەرگىز ئاچ قالمايدۇ،‏ چۈنكى ئاشلىق كەم بولمايدۇ. مۇقەددەس يازمىلاردا:‏ «يەر ئۆزى ئۆز ھوسۇلىنى بېرىدۇر» دەپ ئېيتىلغان (زەبۇر 67:‏6؛ 72:‏16). ھەممىسى ئۆز ئەمگىكىنىڭ ھالاۋىتىنى كۆرىدۇ. ئۇلار «تاللىقلار [ئۈزۈم-تال] سېلىپ ئۇلارنىڭكى مېۋىسىنى يەپ… باشقىسىنىڭ يېمىكى ئۈچۈنمۇ تىكمەسلەر» دەپ ياراتقان ئىگىمىز ۋەدە بېرىدۇ. — يەشايا 65:‏21،‏ 22.

خۇدانىڭ يېڭى دۇنياسىدا ئادەملەر قىستىلىشىپ كۆپ قەۋەتلىك ئۆيلەردە ياكى تاشلاندۇق ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن جايلاردا تۇرمۇش كەچۈرمەيدۇ،‏ چۈنكى خۇدا:‏ «ئادەملەر ئۆيلەر ياساپ ئۇلاردا ساكىن بولۇر [ئولتۇرار]… باشقىسىنىڭكى ساكىن بولمىقى ئۈچۈن ياسىمايدۇ» ھەم ‹ئۇلار بىھۇدە ئىشلىمەيدۇ› دەپ مۇقەددەس يازمىلاردا ۋەدە ېرىدۇ. — يەشايا 65:‏21-23.

خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ھەتتا ئېرەم باغدا ئىلگىرى مەۋجۇت بولغان جان-جانىۋارلارنىڭ ئارىسىدىكى ۋە ئادەم بىلەن جانىۋارلار ئارىسىدىكى تىنچلىق ئالاقىلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. مۇقەددەس يازمىدا:‏ «ئۇ ۋاقىتتا بۆرە قوزا بىلەن تۇرۇپ يولۋاس ئوغلاق بىلەن يېتىپ موزاي بىلەن ياش شىر ۋە سېمىز مال بولسا بىللە يۈرۈشۈپ كىچىك بالا ئۇلارنى ھەيدىيەلۇر» دەپ ئېيتىلغان. — يەشايا 11:‏6-9؛ ھوشىيا 2:‏18.

كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈپ بېقىڭ،‏ يەرشارىدىكى جەننەتتە ھەممە ئاغرىقلار بىلەن ناكارلار ساقىيىپ كېتىدۇ! خۇدا سۆزى بىزنى:‏ «ھېچ كىم:‏ كېسەل دۇرمەن دېمەس» دەپ كاپالەتلەندۈرىدۇ (يەشايا 33:‏24). خۇدا سۆزى يەنە:‏ خۇدا «ئۆلۈمنى ئەبەدغىچە يوق قىلىۋېتۇر» دەپ ۋەدە بەرگەن. — يەشايا 25:‏8.

بۇنىڭغا يېتىش سىزگە قانداق مۇمكىن بولىدۇ؟

راست،‏ بۇ ئاجايىپ ئۈمىد،‏ خام-خىيال ئەمەس. چۈنكى ئاللا ھەر دائىم ئۆزىنىڭ ۋەدىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ (يەشايا 46:‏9،‏ 10). ئەلۋەتتە،‏ ئەگەردە بىز كېلەچەكتە يەردىكى جەننەتتە مەڭگۈ ياشاشنى خالىساق،‏ بىز پەرۋەردىگارنىڭ تەلەپلىرىنى ئورۇندىشىمىز كېرەك. ئۇنداق بولسا ئاشۇ تەلەپلەر نېمىدىن ئىبارەت؟

بۇ تەلەپلەرنىڭ بىر قىسمىنى تەۋرات بىلەن زەبۇردىن تېپىشقا بولىدۇ،‏ كۆپ كىشىلەر ئۇلارنى «كونا ئەھدە» دەپ ئاتايدۇ. مۇشۇ تەلەپلەر ھەم ئىنجىلدا تەكىتلەنگەن،‏ شۇنداقلا مەسىھ توغرىسىدا «ئىنجىل» ئېنىق تەپسىلاتلارنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. كېيىنرەك يېزىلغان يازمىلارنى كۆپلىگەن كىشىلەر «يېڭى ئەھدە» دەپ ئاتايدۇ. بۇ خۇدا تەرىپىدىن ئىلھاملاندۇرلۇپ يېزىلغان ئىككى قوشۇلغان پۈتۈكلەر مۇقەددەس يازمىلاردىن ياكى «مۇقەددەس كىتاب» تىن ئىبارەتتۇر. ئۇلاردا ئاجايىپ ۋەدە بار:‏ خۇدا،‏ ئۇ ئۆزى كىشىلەرنىڭكى «كۆزلىرىدىن ھەر يېشىنى ئېيتىدۇر ۋە ئۆلۈم يەنە بولماس ۋە غەم يا پەرياد ۋەيا ئاغرىق يەنە بولماس چۈنكى ئاۋۋالقىسى ئۆتتى». — ۋەھىيلەر 21:‏4؛ شۇنداقلا ھوشىيا 13:‏14 ئايەتكە قاراڭ.

يەھۋا گۇۋاھچىلىرى،‏ مۇشۇ ۋاراقچىنىڭ مۇئەلىپلىرى خرىستىئان سىياسىي دۇنياسى ۋە يەھۇدىي دىنىغا تەۋە ئەمەس،‏ بەلكى ئۇلار مۇشۇ مۇقەددەس كىتابنى خۇدانىڭ ئىرادىسى توغرىسىدا ئېنىق بىلىم ئېلىشنىڭ بىردىن بىر ئاساسىي سۈپىتىدە قوبۇل قىلىدۇ. يەھۋا گۇۋاھچىلىرى پۈتكۈل يەر يۈزىدە بارلىق خەلقلەرگە ھەقىقىي خۇدا يەھۋا توغرىسىدا بىلىم ئېلىپ،‏ ئۇلارنىڭمۇ پەرۋەردىگار يەھۋانىڭ ۋەدە قىلغان تىنچ يېڭى دۇنياسىدا مەڭگۈ ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولىشى ئۈچۈن تىرىشىپ ياردەم بەرمەكتە. — مىخا 4:‏1-4.


ئەگەر باشقا كۆرسەتمىلەر بولمىسا،‏ نەقىل كەلتۈرۈلگەن ئايەتلەر برىتانىيە چەتئەل مۇقەددەس كىتاب جەمئىيىتى نەشىرى چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى مۇقەددەس كىتاب تەرجىمىسىنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئىملا قائىدىسىگە ماسلاشتۇرغان ئاساستا نەقىل كەلتۈرۈلدى.