15-دەرس
نېمىشقا خۇدا ھەققىدە بىلىم ئېلىشنى توختاتماسلىق كېرەك؟
1. مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرۇش سىزگە قانداق پايدا-مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدۇ؟
مۇشۇ مۇقەددەس كىتابنىڭ ئاساسىي تەلىملىرى ھەققىدىكى قىسقىچە بايانلار، سىزنىڭ يەھۋاغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىڭىزنى كۈچەيتكەنلىكى شەك-شۈبھىسىزدۇر. بۇ سۆيگۈ-مۇھەببەتنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ يېتىلدۈرۈش زۆرۈر (1-پېترۇس 2:2). سىزنىڭ مەڭگۈلۈك ھاياتلىق ئۈمىدىڭىز، مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىش ئارقىلىق خۇداغا يېقىنلىشىشنى داۋاملاشتۇرۇشىڭىزغا باغلىقتۇر.— يۇھاننا 17:3؛ 1-تىموتىي 2:3، 4-ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.
خۇدا ھەققىدىكى بىلىمىڭىز ئاشقانسېرى، ئىمان-ئېتىقادىڭىزمۇ بارغانسېرى كۈچىيىدۇ. ئىمان-ئېتىقاد خۇدانى خۇرسەن قىلىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ (ئىبرانىيلار 11:1،6). يەنە سىزنى توۋا قىلىش ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىڭىزدە بەزى پايدىلىق ئۆزگەرتىشلەرنى قىلىشقا ھەرىكەتلەندۈرىدۇ.— ئەلچىلەر 3:19-ئايەتنى ئوقۇڭ.
2. خۇدا ھەققىدىكى بىلىمىڭىز باشقىلارغا قانداق پايدا-مەنپەئەت ئېلىپ كېلەلەيدۇ؟
ئۆزىڭىزنىڭ ئۆگەنگەنلىرىنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىشقا تەقەززا بولۇش ناھايىتى تەبئىي ئىش. چۈنكى، ھەممىمىز باشقىلارنى خۇش قىلىدىغان خەۋەرنى يەتكۈزۈشنى ياخشى كۆرىمىز. مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرغىنىڭىزدا، مۇقەددەس كىتابنى ئىشلىتىپ، ئۆزىڭىزنىڭ يەھۋاغا ۋە خۇشخەۋەرگە بولغان ئىشەنچىنى قانداق قىلىپ باشقىلارغا چۈشەندۈرۈشنى ئۆگىنەلەيسىز.— رىملىقلار 10:13–15-ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.
كۆپلىگەن كىشىلەر خۇشخەۋەرنى ئۆز دوست-يارەن ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ئورتاقلىشىشقا باشلايدۇ. پەم-پاراسەتلىك بولۇڭ! ئۇلارنىڭ ئىشەنچ ئەقىدىسىنى خاتا دېمەي، ئەكسىچە ئۇلارغا خۇدانىڭ ۋەدىلىرى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئېيتىڭ. شۇنىمۇ ئەستە ساقلاش كېرەككى، ئېيتقان سۆزلىرىڭىزگە قارىغاندا مېھرىبانلىق بىلەن قىلغان ئىشلىرىڭىز باشقىلارنى بەكرەك تەسىرلەندۈرىدۇ.— 2-تىموتىي 2:24، 25-ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.
3. خۇدا بىلەن قانداق مۇناسىۋەت ئورنىتالىشىڭىز مۇمكىن؟
خۇدانىڭ سۆزىنى تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش سىزنىڭ روھىي جەھەتتە ئۆسۈپ يېتىلىشىڭىزگە ياردەم بېرىدۇ. سىز ئاخىرىدا يەھۋا بىلەن ئالاھىدە مۇناسىۋەت ئورنىتالايسىز. 2-كورىنتلىقلار 6:18-ئايەتنى ئوقۇڭ.
يەنى خۇداغا تەۋە بولۇپ، ئۇنىڭ چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولالايسىز.—4. قانداق قىلىپ داۋاملىق روھىي جەھەتتە ئۆسۈپ يېتىلەلەيسىز؟
خۇدانىڭ سۆزىنى تەتقىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇش ئارقىلىق سىز روھىي جەھەتتە ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيسىز (ئىبرانىيلار 5:13،14). يەھۋا گۇۋاھچىلىرىدىن بىرىنى، مۇقەددەس كىتابتا زادى نېمە ھەقىقەت بار؟ دېگەن كىتابنى ئىشلىتىش ئارقىلىق سىز بىلەن مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىشكە تەكلىپ قىلىڭ. خۇدا سۆزىدىن كۆپرەك ئۆگەنگەنسېرى، تۇرمۇشىڭىز تېخىمۇ بەختلىك بولىدۇ.— زەبۇر 1:1–3؛ 73:27،28-ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.
خۇش خەۋەر «شاد-خۇرام خۇدا» يەھۋادىن كېلىدۇ (1-تىموتىي 1:11، ي د). خۇدانىڭ خەلقىگە يېقىنلىشىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا يېقىنلىشالايسىز (ئىبرانىيلار 10:24،25). ھەقىقىي ھايات، يەنى مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن داۋاملىق يەھۋانى خۇرسەن قىلىشقا تىرىشىڭ. دەرۋەقە، سىز قىلالايدىغان ئىشلار ئارىسىدا خۇداغا يېقىنلىشىشتىنمۇ ئارتۇق ياخشى ئىش يوقتۇر!— 1-تىموتىي 6:19-ئايەتنى ئوقۇڭ.