13-بۆلەك
ئىتائەتچان پادىشاھلار ۋە ئىتائەتسىز پادىشاھلار
ئىسرائىلىيەنىڭ بۆلۈنىشى؛ ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، ئىسرائىلىيىگە ھۆكۈمران بولغان پادىشاھلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ساداقەتسىز بولۇشى؛ يېرۇسالېمنىڭ بابىلونلىقلار تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنىشى
دەل پەرۋەردىگار يەھۋا ئېيتقاندەك، سۇلايمان پادىشاھ توغرا ئۇسۇلدا ئىبادەت قىلىشنى تاشلىغاندىن كېيىن، ئىسرائىليە بۆلۈنۈپ كەتتى. سۇلايماننىڭ تەخت ۋارىسى بولغان ئوغلى رېھابام ناھايىتى قوپال پادىشاھ بولغان. نەتىجىدە، ئىسرائىلنىڭ ئون قەبىلىسى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، شىمالىي پادىشاھلىق يەنى ئىسرائىلىيەنى قۇردى. قالغان ئىككى قەبىلە يېرۇسالېمدا داۋۇت پادىشاھنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان پادىشاھقا سادىقلىقىنى ساقلاپ، جەنۇبىي پادىشاھلىق يەنى يەھۇدىيەنى قۇردى.
ھەر ئىككى پادىشاھلىق مۇقىم بولماي، نۇرغۇنلىغان قالايمىقانچىلىقلار بولدى. ئاساسىي سەۋەبى، پادىشاھلار خۇداغا ئىتائەتسىز ۋە ساداقەتسىز بولغان ئىدى. شىمالىي پادىشاھلىق، جەنۇبىي پادىشاھلىققا قارىغاندا بەكرەك يامان كۈنگە چۈشۈپ قالدى. چۈنكى، شىمالىي پادىشاھلىق قۇرۇلغاندىن باشلاپلا، پادىشاھ بولغانلار يالغان ئىلاھلارغا چوقۇنۇشنى تەرغىپ قىلغان ئىدى. ئىلياس ۋە ئېلىشا پەيغەمبەرلەر ھەر ئىككىلىسى ئۆلگەنلەرنى تىرىلدۈرۈپ، ئاجايىپ مۆجىزىلىك ئىشلارنى قىلغان بولسىمۇ، شىمالىي پادىشاھلىق ئۆزىنىڭ يامان يولدا مېڭىشىنى توختاتمىدى. ئاخىرىدا، خۇدا ئاسسۇر قوشۇنلىرىنىڭ شىمالىي پادىشاھلىقنى ۋەيران قىلىشىغا يول قويغان ئىدى.
جەنۇبىي پادىشاھلىق، شىمالىي پادىشاھلىققا قارىغاندا بىر ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت داۋام قىلدى. لېكىن، جەنۇبىي پادىشاھلىقمۇ خۇدانىڭ جازاسىغا ئۇچرىدى. جەنۇبىي پادىشاھلىقنىڭ پەقەت ئازلا پادىشاھلىرى خۇدانىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قۇلاق سالغان ۋە خەلقنى قايتا يەھۋاغا ئىبادەت قىلشقا يېتەكلەشكە تىرىشقان ئىدى. مەسىلەن، يوشىيە پادىشاھ جەنۇبىي پادىشاھلىقتىكى يالغان ئىلاھلارغا چوقۇنۇشنى تازلاشقا باشلىدى ۋە يەھۋانىڭ ئىبادەتخانىسىنى قايتا ياسىدى. مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن خۇدانىڭ قانۇنىنىڭ بىر پارچە ئەسلى نۇسخىسى تېپىلغاندا، يوشىيە قاتتىق تەسىرلەندى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ، توغرا ئىبادەت قىلىشقا قايتىش ھەرىكىتىنى جىددىيلەشتۈردى.
لېكىن، ئەپسۇسلىنارلىقى يوشىيەنىڭ تەخت ۋارىسى ئۇنىڭ ياخشى ئۈلگىلىرىگە ئەگىشىپ ماڭمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، بابىلونلىقلارنىڭ جەنۇبىي پادىشاھلىقنى ئىشغال قىلىپ، يېرۇسالېم شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئىبادەتخانىسىنى ۋەيران قىلىشىغا يەھۋا خۇدا رۇخسەت قىلدى. ھايات قالغانلار بابىلونغا ئەسىر قىلىنىپ ئېلىپ كېتىلدى. خۇدا، ئاشۇ ئەسىر بولۇپ ياشاشنىڭ 70 يىل داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئالدىن بېشارەت بەردى. ۋەدە قىلىنغاندەك، ئاشۇ مىللەت ئۆز زېمىنىغا قايتىش رۇخسەت قىلىنغىچە، جەنۇبىي پادىشاھلىق زېمىنى 70 يىل چۆل تاشلىۋېتىلدى.
لېكىن، ئالدىن بېشارەت بېرىلگەن مەسىھ، يەنى ۋەدە قىلىنغان قۇتقۇزغۇچى نىجاتكار پادىشاھ بولۇپ كەلمىگۈچە، داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرى ئارىسدىن ئەمدى پادىشاھلار مەيدانغا كەلمەيتتى. يېرۇسالېمدىكى داۋۇتنىڭ پادىشاھلىق تەختتىدە ئولتۇرۇپ ھۆكۈمرانلىق قىلغان پادىشاھلارنىڭ كۆپۈنچىسى، ئۆز يامان ئىش-ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق مۇكەممەل بولمىغان ئىنسانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈشكە لايىق كەلمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان ئىدى. پەقەت مەسىھلا ھەقىقىي لايىق بولالايتتى. شۇڭا يەھۋا خۇدا، داۋۇتنىڭ تەختتىدە ئولتۇرغان ئەڭ ئاخىرقى پادىشاھقا مۇنداق دېگەن: «تاجىڭنى ئېلىپ ئاتقىن. ... ھەقدار بولۇپ مەندىن مۇنى تاپقان كىمەرسە [كىشى] كەلمىگۈچە بۇ ئىش سابىت [مۇقىم] بولمايدۇر».—ھەزقىيال 21:26، 27.
—1، 2-پادىشاھلار؛ 2-تارىخنامە 10–36-باب ھەمدە يەرەمىيا 25: 8–11-ئايەتلەرگە ئاساسەن.