26-بۆلەك
جەننەتكە قايتا ئېرىشىش!
ئەيسانىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى پادىشاھلىق ئارقىلىق يەھۋانىڭ ئۆز ئىسمىنى مۇقەددەس قىلىشى؛ ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى ياقلىشى ۋە بارچە رەزىللىكنى يوق قىلىشى
مۇقەددەس كىتابنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بۆلەك قىسىمى ۋەھىيلەر دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئۇ پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئۈمىد بېرىدۇ. شۇ كىتابتا غايىبانە كۆرۈنۈش ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققاندا، خۇدانىڭ مەقسىتى ئەمەلگە ئاشقانلىقى شاگىرت يۇھاننا تەرىپىدىن خاتىرىلەنگەن.
تۇنجى غايىبانە كۆرۈنۈشتە، ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلگەن ئەيسا بەزى جامائەتچىلىكنى ماختايدۇ ھەمدە يەنە تەنبىھ بېرىپ تۈزىتىدۇ. كېيىنكى غايىبانە كۆرۈنۈش، روھىي مەخلۇقاتلارنىڭ خۇدانىڭ ئاسماندىكى تەختى ئالدىدا ھەمدۇسانالار ئېيتىشۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
خۇدانىڭ مەقسىتىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ئەگىشىپ، قوزا يەنى ئەيسا مەسىھ يەتتە مۆھۈر بىلەن پېچەتلەنگەن بىر ئورام يازمىغا ئىگە بولدى. ئاۋۋالقى تۆت پېچەتنىڭ ئېچىلىشى بىلەن، سىمۋۇللۇق مەنىسى بار ئات چاپتۇرغۇچىلار پەيدا بولدى. بىرىنچى بولۇپ، تاج كېيگەن پادىشاھ سۈپىتىدە ئاق ئات مىنگەن ئەيسا كەلدى. ئۇنىڭغا ئەگىشىپ، بۇ رەزىل دۇنيانىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى مەزگىلىدە يۈز بېرىدىغان ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە ۋابالارغا سىمۋول قىلىنغان بېشارەتلىك مەنىسى بار رەڭگى ھەرخىل ئاتلارنى چاپتۇرغۇچىلار كەلدى. يەتتىنچى پېچەت ئېچىلغاندىن كېيىن، خۇدا ھۆكۈمىنىڭ ئېلان قىلىنىشىنى ئىپادىلەيدىغان سىمۋۇللۇق يەتتە كاناي چېلىنىش باشلاندى. شۇنىڭدىن كېيىن، سىمۋۇللۇق مەنسى بار خۇدانىڭ غەزەپىنى ئىپادىلەيدىغان يەتتە بالايىئاپەت چۈشۈشكە باشلاندى.
ئاسماندا تىكلەنگەن خۇدا پادىشاھلىقى، يېڭى تۇغۇلغان ئوغۇل بوۋاق سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىپ سۈرەتلەنگەن ئىدى. ئۇرۇش باشلىنىپ، شەيتان ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن رەزىل پەرىشتىلەر ئاسماندىن يەر يۈزىگە قوغلاپ چۈشۈرۈلدى. «ۋاي يەرگە»، دېگەن بىر جاراڭلىق ئاۋاز ئاڭلاندى. ئىبلىس ئۆزىنىڭ ۋاقتىنىڭ ئاز قالغانلىقىنى بىلىپ قاتتىق غەزەپلەندى.—ۋەھىيلەر 12:12.
يۇھاننا ئاسماندا قوزىغا سىمۋول قىلىنغان ئەيسانى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تۇرغان ئىنسانلار ئارىسىدىن تاللانغان 000 144 كىشىنى كۆرىدۇ. ئاشۇلار ئەيسا بىلەن بىرلىكتە «پادىشاھلىق قىلۇرلار». شۇڭا ۋەھىيلەر كىتابى، ۋەدە قىلىنغان نەسىل يەنى ئەۋلادنىڭ قوشۇمچە ئەزاسىنىڭ ئومۇمىي سانى 000 144 ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.—ۋەھىيلەر 14:1؛ 20:6.
بۇ دۇنيادىكى ھۆكۈمرانلار «قادىرى مۇتلەق [ھەممىگە قادىر] خۇدانىڭ چوڭ كۈنىنىڭ جېڭىگە جەم» بولۇپ ئارماگېدونغا يىغىلشىدۇ. ئۇلار، ئاسماندىكى قوشۇنلارنىڭ سەركەردىسى بولغان ئاق ئات چاپتۇرغۇچى ئەيساغا قارشى جەڭ قىلىدۇ. نەتىجىدە، بۇ دۇنيادىكى بارچە ھۆكۈمرانلار يوقىتىلىدۇ. شەيتان بولسا كىشەنلىنىپ، ئەيسا ۋە 000 144 تاللانغانلار «مىڭ يىلغىچە» يەر يۈزى ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزىدۇ. مىڭ يىل ئاخىرلىشىپ تامام بولغاندا، شەيتان مەڭگۈلۈك يوق قىلىنىدۇ.—ۋەھىيلەر 16:14؛ 20:4.
مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈش دەۋرىدە، مەسىھ ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىلار ئىتائەتچان ئىنسانلار ئۈچۈن قانداق بەخت-سائادەت ئېلىپ كېلىدۇ؟ يۇھاننا: «[يەھۋا] ئۆزى ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىن ھەر يېشىنى ئېيتىدۇر ۋە ئۆلۈم يەنە بولماس ۋە غەم يا پەرياد ۋە يا ئاغرىق يەنە بولماس چۈنكى ئاۋۋالقىسى ئۆتتى»، دەپ يازغان (ۋەھىيلەر 21:4). يەر يۈزى جەننەتكە ئايلىنىدۇ!
شۇنداق قىلىپ، مۇقەددەس كىتاب ئاشكارىلايدىغان خەۋەر ۋەھىيلەر كىتابىدا تامام ئاخىرلىشىدۇ. خۇدا پادىشاھلىقى ئارقىلىق يەھۋا ئۆز ئىسمىنى مۇقەددەس قىلىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى مەڭگۈ ياقىلايدۇ يەنى ئىسپاتلايدۇ!
—ۋەھىيلەر كىتابىغا ئاساسەن.