1-بۆلەك
ياراتقۇچىنىڭ ئىنسانغا جەننەتنى بېرىشى
خۇدانىڭ كائىناتنى ۋە يەر يۈزىدىكى بارچە ھاياتلىقنى يارىتىشى؛ مۇكەممەل ئەر بىلەن ئايالنى يارىتىپ، ئۇلارنى گۈزەل باغقا ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە ئۇلارنىڭ بويسۇنۇشى ئۈچۈن بۇيرۇقلارنى چۈشۈرۈشى
مۇقەددەس كىتاب، «دەسلىپىدە خۇدا ئاسمان بىلەن يەرنى ياراتتى»، دېگەن ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان سۆز-ئىبارە بىلەن باشلانغان (يارىتىلىش 1:1). مۇقەددەس كىتاب مۇشۇ ئاددىي، ھەيۋەتلىك سۆز-جۈمىلىلەر ئارقىلىق مۇقەددەس يازمىلاردىكى ئەڭ ئالاھىدە شەخس يەنى ھەممىگە قادىر خۇدا يەھۋانى بىزگە تونۇشتۇرىدۇ. مۇقەددەس كىتابتىكى تۇنجى ئايەت، ئاللا جىمىكى كائىناتنىڭ ۋە بىز ياشاۋاتقان يەرشارىنىڭ ياراتقۇچىسى ئىكەنلىكىنى ئاشكارا قىلىدۇ. كېيىنكى ئايەتلەر، كۆچمە مەنىدە كۈنلەر دەپ ئاتالغان ئارقىمۇ-ئارقا كەلگەن ئۇزۇن مەزگىلىك ۋاقىت بۆلەكلىرىدە، پەرۋەردىگارنىڭ بىزنىڭ ماكانىمىز يەرشارىنى تەييار قىلغانلىقىنى ۋە تەبىئەت دۇنياسىدىكى بارچە مەۋجۇداتلارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
خۇدانىڭ يەر يۈزىدىكى ئەڭ كاتتا ياراتمىسى ئىنسان بولغان. چۈنكى، ئىنسان خۇدانىڭ ئوبرازىدا يارىتىلغان. دېمەك ئىنسان مېھىرى-مۇھەببەت ۋە دانالىققا ئوخشاش يەھۋانىڭ ئۆزىگە خاس خاراكتېر-خۇسۇسىيەتلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرۈش قابىلىيىتىگە ئىگە قىلىنغان. خۇدا ئىنساننى تۇپراقتىن ياراتقان ۋە ئۇنىڭغا ئادەم دەپ ئىسىم قويغان، ئاندىن كېيىن ئۇنى ئېرەم باغ دەپ ئاتالغان جەننەتكە ئورۇنلاشتۇرغان. پەرۋەردىگار ئۆز قولى بىلەن ئاشۇ باغنى بەرپا قىلىپ، ئۇنى چىرايلىق، مول مېۋىلەرنى بېرىدىغان دەل-دەرەخلەر بىلەن تولدۇرغان ئىدى.
ئاللا، ئادەم-ئاتىنىڭ ھەمراھقا مۇھتاجلىقىنى بىلىپ، ئۇنىڭ بىر تال قوۋۇرغىسىنى ئېلىپ ئايالنى ياسىغان. ھەمدە كېيىنچە ھاۋا دەپ ئاتالغان ئايالنى ئادەم-ئاتىنىڭ خوتۇنى بولۇشى ئۈچۈن بەرگەن. خۇشاللىقىدىن قىن-قېنىغا پاتمىغان ئادەم-ئاتا مۇنداق شېئىرىي سۆزنى قىلغان: «بۇ ئەمدى سۆڭەكلىرىمدىن سۆڭەك بولۇپ ئېتىمدىن ئەت» دۇر. شۇنىڭ بىلەن، مۇشۇ توغرىسىدا پەرۋەردىگار: «مۇنىڭ ئۈچۈن ئادەم ئۆزى ئاتا بىلەن ئانىسىنى قويۇپ ئۆز خوتۇنى بىلەن بىر بولۇپ ئىككىلىسى بىر بەدەن بولسۇن»، دەپ ئۆز مەقسىتىنى چۈشەندۈرگەن ئىدى.—يارىتىلىش 2:22–24؛ 3:20.
پەرۋەردىگار، ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانىغا ئىككى بۇيرۇق بەرگەن. بىرىنچى، تېرىقچىلىق قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ ماكانى بولغان يەر يۈزىدىن خەۋەر ئېلىشنى ۋە ئاستا-ئاستا يەر يۈزىنى پەرزەنتلىرى بىلەن تولدۇرۇشنى ئېيتقان. ئىككىنچى، باغدىكى بارچە مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ ئارىسىدىكى پەقەت بىرلا دەرەخ يەنى «ياخشى يامانلىقنى بىلدۈرىدىغان ئىلىم دەرىخىدىن» مېۋە ئېلىپ يېمەسلىكنى ئېيتقان (يارىتىلىش 2:17). ئەگەر ئۇلار بۇيرۇققا ئىتائەتسىزلىك قىلسا ئۆلەتتى. ئاشۇ بۇيرۇقلار ئارقىلىق خۇدا، ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانىغا ئۆزلىرىنىڭ خۇدانى ئۆز ھۆكۈمرانى دەپ قوبۇل قىلغانلىقىنى كۆرسىتىش پۇرسىتى بەرگەن ئىدى. ئۇلار ئىتائەتچان بولۇش ئارقىلىق ھەم ئۆزلىرىنىڭ ئاللاغا بولغان مۇھەببىتىنى ۋە مىننەتدارلىقىنى كۆرسىتەلەيتتى. ئۇلارنىڭ خۇدانى مېھرىبان ھۆكۈمران سۈپىتىدە قوبۇل قىلىشىغا پۈتۈنلەي ئىمكانىيىتى بار ئىدى. چۈنكى، ئۇلار نۇقسانسىز بولۇپ، مۇكەممەل ئىنسانلار ئىدى. مۇقەددەس كىتاب ئاشۇ توغرىسىدا: «خۇدا ھەممە قىلغىنىغا سەرساپ [قاراپ] باقسا مانا مۇنىڭ تولا ياخشى بولغانىنى كۆردى»، دەيدۇ.—يارىتىلىش 1:31.
—يارىتىلىش 1 ۋە 2-بابقا ئاساسەن.