03-دەرىس
مۇقەددەس يازمىلارغا ئىشىنىشكە بولامدۇ؟
مۇقەددەس يازمىلار نۇرغۇن ۋەدىلەرنى ۋە مەسلىھەتلەرنى بېرىدۇ. بەلكىم، سىز ئۇلارنىڭ نېمىنى ئۆگىتىدىغانلىقىغا قىزىقىدىغانسىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شۇنداق كونا يازمىلاردىكى ۋەدىلەر ۋە مەسلىھەتلەرگە ئىشىنىش كېرەكمۇ؟ دەپ ئىككىلىنىپ قالىدىغانسىز. مۇقەددەس كىتابنىڭ ھازىر ۋە كېلەچەكتە شاد-خۇرام ھايات كەچۈرۈش ھەققىدە ئېيتقانلىرىغا ھەقىقەتەن ئىشىنەلەمسىز؟ مىليونلىغان ئىنسانلار بۇنىڭغا ئىشىنىدۇ. بەزى سەۋەبلەرنى كۆرۈپ باقايلى.
1. مۇقەددەس كىتابتىكى ئىش-ۋەقەلەر ھەقىقەتمۇ ياكى ئەپسانە-رىۋايەتمۇ؟
مۇقەددەس كىتابتا توغرا ھەقىقەت سۆزلىرى يېزىلغان (ۋەز 12:10). ئۇنىڭدا ياشاپ ئۆتكەن ھەقىقىي شەخسلەر ۋە يۈز بەرگەن ئىش-ۋەقەلەر بايان قىلىنغان (لۇقا 1:3؛ 3:1، 2-نى ئوقۇڭ). نۇرغۇنلىغان تارىخشۇناسلار ۋە ئارخېئولوگلار مۇقەددەس كىتابتا تەسۋىرلەنگەن مۇھىم كۈنلەر، ئادەملەر، جايلار ۋە ئىش-ۋەقەلەرنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاپ كەلگەن.
2. نېمە ئۈچۈن مۇقەددەس يازمىلارغا بۈگۈنكى كۈندە ئىشىنىشكە بولىدۇ؟
مۇقەددەس كىتابتا ئۆز زامانىدا تېخى بولمىغان ئىشلار ئالدىن-ئالا ئېيتىلغان. مەسىلەن، ئۇنىڭدا ئىلىم-پەنگە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارمۇ تىلغا ئېلىنغان. شۇ يېزىلغانلارنىڭ كۆپىنچىلىرىگە ئاشۇ زاماندا ئادەملەر ئىشەنمىگەن. بىراق، بۈگۈنكى كۈندە ئىلىم-پەن مۇقەددەس كىتابتا يېزىلغانلارنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. شۇڭا، مۇقەددەس يازمىلار ھازىر ۋە مەڭگۈ، ھەمىشە ئىشەنچىلىكتۇر.—زەبۇر 111:8.
3. نېمە ئۈچۈن مۇقەددەس كىتابنىڭ كېلەچەك ھەققىدە ئېيتقانلىرىغا ئىشىنەلەيمىز؟
مۇقەددەس كىتابتا نۇرغۇن بېشارەتلەر a بار. ئۇلار تېخى يۈز بەرمىگەن ئىشلارنى ئالدىن ئېيتىپ بېرىدۇ (يەشايا 46:10). نۇرغۇن تارىخىي ئىش-ۋەقەلەر يۈز بېرىشتىن ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى توغرا بېشارەت قىلىنغان. ئۇنىڭدا يەنە بۈگۈن كۈندىكى دۇنيانىڭ ۋەزىيەتلىرى ھەققىدە نۇرغۇنلىغان تەپسىلاتلار كۆرسىتىلگەن. بۇ دەرستە، بىز مۇقەددەس كىتابتىكى بەزى بېشارەتلەرنى مۇھاكىمە قىلىمىز. ئۇلارنىڭ توغرىلىقى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ!
چوڭقۇرراق قېزىڭ
زامانىۋىي ئىلىم-پەننىڭ مۇقەددەس يازمىلارغا ماس كېلىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭدىكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بەزى بېشارەتلەر ھەققىدە ئىزدىنىپ كۆرۈڭ.
4. ئىلىم-پەن مۇقەددەس كىتابقا ئۇيغۇن
قەدىمقى زامانلاردا، كۆپلىگەن ئادەملەر يەر شارى بىر نەرسىنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ، دەپ ئويلىغان. فىلىمنى كۆرۈڭ.
تەخمىنەن 3500 يىل ئىلگىرى ئايۇپ كىتابىدا يېزىلغانلارغا دىققەت ئاغدۇرۇڭ. ئايۇپ 26:7-نى ئوقۇڭ ۋە كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
-
يەر شارى بوشلۇقتا ھېچنېمىگە ئېسىلمىغان، دېگەن بايانلار نېمە ئۈچۈن ھەيران قالارلىق؟
پەقەت 200 يىل ئىلگىرى ئىنسانلار يەر شارىدىكى سۇنىڭ ئايلىنىشى ھەققىدە ئېنىق چۈشەنچىگە ئىگە بولغان. بىراق، مۇقەددەس كىتابتا 3500 يىل ئىلگىرى نېمە ئېيتىلغانلىقىغا دىققەت قىلىڭ. ئايۇپ 36:27، 28-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:
-
نېمە ئۈچۈن سۇ ئايلىنىشى ھەققىدىكى بۇ ئاددىي چۈشەندۈرۈش سىزنى ھەيران قالدۇرىدۇ؟
-
ئوقۇغان مۇشۇ ئايەتلەر مۇقەددەس كىتابقا بولغان ئىشەنچىڭىزنى كۈچەيتتىمۇ؟
5. مۇقەددەس كىتاب مۇھىم ئىش-ۋەقەلەرنى ئالدىن-ئالا ئېيتىپ بېرىدۇ
يەشايا 44:27–45:2-نى ئوقۇڭ ۋە كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
-
بابىلوننىڭ ۋەيران قىلىنىشى ھەققىدە، مۇقەددەس كىتابتا 200 يىل بۇرۇن قانداق تەپسىلاتلار ئېيتىلغان؟
تارىخ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 539-يىلى پارس پادىشاھى كورەش ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى بابىل شەھىرىنى ئىگەللىگەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. ئۇلار شەھەرنى قوغدايدىغان دەريانىڭ سۈيىنى باشقا يۆنىلىشكە باشلىۋەتكەن. كېيىن، ئوچۇق قالغان شەھەر دەرۋازىسىدىن كىرىپ، جەڭ قىلمايلا شەھەرنى بېسىۋالغان. شۇنىڭدىن 2500 يىل ئۆتۈپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، بابىل خارابلىق ئىچىدە ياتىدۇ. مۇقەددەس يازمىلاردا ئېيتىلغان بېشارەتلەرگە دىققەت ئاغدۇرۇڭ.
يەشايا 13:19، 20-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
-
بابىلنىڭ ۋەيران بولۇشى بۇ بېشارەت ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى قانداق ئىسپاتلايدۇ؟
6. بۈگۈن بىز كۆرۈۋاتقان ئىشلار ھەققىدە مۇقەددەس يازمىلار ئالدىن-ئالا ئېيتىدۇ
مۇقەددەس كىتاب بىز ياشاۋاتقان ۋاقىتنى ئاخىر زامان دەپ ئاتايدۇ (2-تىموتىي 3:1). مۇقەددەس كىتاب ئاخىر زاماننىڭ كۈنلىرى ھەققىدە نېمە ئېيتقانلىقىغا دىققەت قىلىڭ.
مەتتا 24:6، 7-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
-
مۇقەددەس يازمىلار ئاخىر زاماننىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە نېمىلەرنى ئېيتىدۇ؟
2-تىموتىي 3:1–5-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى ئىككى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
-
مۇقەددەس كىتاب، ئاخىر زامان كۈنلىرىدە ياشايدىغان ئادەملەرنىڭ ئەخلاق-پەزىلەتلىرىنى قانداق تەسۋىرلەيدۇ؟
-
سىز قانداق ئادەملەرنى كۆرۈۋاتىسىز؟
بەزىلەر مۇنداق دەيدۇ: «مۇقەددەس يازمىلار — چۆچەك ياكى ئەپسانە-رىۋايەت كىتابى».
-
سىزنىڭچە، مۇقەددەس كىتابنىڭ ئىشەنچىلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ئەڭ كۈچلۈك دەلىل-ئىسپات نېمە؟
خۇلاسە
تارىخ، ئىلىم-پەن ۋە بېشارەتلەرنىڭ ھەممىسى مۇقەددەس كىتابقا ئىشەنچ قىلالايدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىدۇ.
تەكرارلاش
-
مۇقەددەس يازمىلار ھەقىقەتمۇ ياكى ئەپسانە-رىۋايەتمۇ؟
-
قايسى جەھەتتىن ئىلىم-پەن مۇقەددەس كىتابقا ئۇيغۇن كېلىدۇ؟
-
سىزنىڭچە، مۇقەددەس كىتاب كېلەچەك ھەققىدە ئالدىن-ئالا ئېيتىپ بېرەمدۇ؟ نېمە ئۈچۈن شۇنداق ئويلايسىز؟
ئىزدىنىپ كۆرۈڭ
مۇقەددەس كىتابتا ئىلىم-پەنگە ماس كەلمەيدىغان خاتالىقلار بارمۇ؟
«ئىلىم-پەن مۇقەددەس كىتابقا ئۇيغۇن كېلەمدۇ؟» (تور بېكەتتىكى ماقالە)
ئاخىر زامان ھەققىدە قانداق دەلىل-ئىسپاتلار بار؟
گرېك ئىمپېرىيىسى ھەققىدە مۇقەددەس كىتابتىكى بېشارەتلەرنىڭ قانداق ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى كۆرۈڭ.
«مۇقەددەس كىتابتىكى بېشارەت ئىشەنچىڭىزنى كۈچەيتىدۇ» (22:5)
بېشارەتلەرنىڭ بىر كىشىنىڭ مۇقەددەس كىتابقا بولغان كۆزقارىشىنى قانداق ئۆزگەرتكەنلىكىنى كۆرۈڭ.
«مەن ئۈچۈن خۇدا يوق ئىدى» («كۈزىتىش مۇنارى»، 2017-يىل، 5-سان)
a شۇ بېشارەتلەر كېلەچەكتە بولىدىغان ئىشلار توغرىسىدا خۇدادىن كەلگەن خەۋەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.