ئۆگەنگەنلىرىڭىزدىن ئەمەلىي پايدىلىنىڭ
ئاۋۋال كۆرسەتمىلەرنى قىسقىچە كۆرۈپ چىقىڭ، كېيىن فىلىمنى كۆرسىتىڭ.
بىرىنچى بۆلەك
ھەربىر دەرسكە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن بىرىنچى بۆلەكنى ئوقۇڭ. ئۇنىڭ ئىچىگە مۇھىم ئوي-پىكىرلەرنى تەكىتلەيدىغان (1) قېنىق بويالغان سوئاللار ۋە (2) ئايەتلەر كىرىدۇ. بەزى «ئوقۇڭ» دەپ كۆرسىتىلگەن ئايەتلەرگە دىققەت قىلىڭ.
ئىككىنچى بۆلەك
(3) داۋامىدا نېمىلەرنى قىلىش «چوڭقۇرراق قېزىڭ» دېگەن جاينىڭ ئاستىدا چۈشەندۈرۈلىدۇ. (4) ماۋزۇلار مۇھىم ئوي-پىكىرلەرنى تونۇشتۇرىدۇ. ئۆگەتكۈچى بىلەن ئايەتلەرنى ئوقۇڭ، سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ ۋە فىلىملەرنى كۆرۈڭ.
فىلىم دېگەن رامكىدىكى فىلىم ياكى ئاۋازلىق ماتېرىياللار بۇ دەرسلىكنىڭ بىر قىسمى، بىلىم ئېلىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ. بەزى قىسقا فىلىملەردە ھەقىقىي ئادەملەرنىڭ ھاياتىدىكى ۋەزىيەتلەر كەلتۈرۈلگەن. بەزىلىرىدە، ھەقىقىي ئادەملەرنى ئەمەس، بىراق ھاياتتا يۈز بېرىدىغان ۋەزىيەتلەرنى كۆرسىتىدۇ.
(5) سۈرەتلەر ئاستىدىكى چۈشەندۈرۈشلەر ھەققىدە چوڭقۇر ئويلاپ كۆرۈڭ. (6) «بەزىلەر مۇنداق دەيدۇ» دېگەن جايدىكى سوئالغا قانداق جاۋاب بېرىش ھەققىدە ئويلىنىڭ.
ئۈچىنچى بۆلەك
(7) «خۇلاسە» ۋە «تەكرارلاش» بىلەن ئۆگىنىش تاماملىنىدۇ. شۇ كۈننى يېزىپ قويۇڭ. (8) «مەقسەت»، سىز قىلىشىڭىز كېرەك بولغان ئەمەلىي ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (9) «ئىزدىنىپ كۆرۈڭ»، دېگەن جايدا ئۆزىڭىز ئوقۇش ياكى كۆرۈشكە بېرىلگەن قوشۇمچە مەلۇماتلار بار.
مۇندەرىجە
|
|
|
|
يازمىلاردىن ئايەتلەرنى تېپىش
مۇقەددەس كىتاب 66 كىچىك كىتابلاردىن ئىبارەت. ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن. بىرىنچى قىسمى ئىبرانىي ۋە ئارامىي تىللىرىدا، ئىككىنچى بولسا گرېك تىلىدا يېزىلغان.
مەسىلەن، ۋەھىيلەر 21:4 كەلتۈرۈلگەن بولسا، ۋەھىيلەر (1) كىتابنىڭ نامىنى، 21 دېگەن سان (2) بابنى، 4 دېگەن سان (3) ئايەتنى بىلدۈرىدۇ. بەزىدە بىرنەچچە ئايەت كەلتۈرۈلۈشى مۇمكىن.