2-قىسىمنى تەكرارلاش
ئۆگەتكۈچى بىلەن تۆۋەندىكى سوئاللارنى مۇھاكىمە قىلىڭ:
خۇدا ساختا دىنلارغا قارشى نېمە ئىش قىلىدۇ؟
(13-دەرسكە قاراڭ)
چىقىش 20:4–6-نى ئوقۇڭ.
ئادەملەر يەھۋا خۇداغا ئىبادەت قىلىۋاتىمىز دەپ بۇتلارنى ئىشلەتسە، ئۇ قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولىدۇ؟
(14-دەرسكە قاراڭ)
ئەيسا پەيغەمبەر كىم؟
(15-دەرسكە قاراڭ)
ئەيسا مەسىھنىڭ قايسى پەزىلەتلىرىنى ياقتۇردىڭىز؟
(17-دەرسكە قاراڭ)
يۇھاننا 13:34، 35 ۋە ئەلچىلەر 5:42-نى ئوقۇڭ.
بۈگۈنكى كۈندە ئەيسانىڭ ھەقىقىي ئەگەشكۈچىلىرى كىملەر ؟ ئۇلارنىڭ ئەيسانىڭ ھەقىقىي ئەگەشكۈچىلىرى ئىكەنلىكىنى قانداق بىلەلەيسىز؟
(18-دەرسكە ۋە 19-دەرسكە قاراڭ)
جامائەتنىڭ بېشى كىم؟ ئۇ جامائەتنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرىگە قانداق يېتەكچىلىك قىلىدۇ؟
(20-دەرسكە قاراڭ)
مەتتا 24:14-نى ئوقۇڭ.
بۈگۈنكى كۈندە بۇ بېشارەت قانداق ئەمەلگە ئېشىۋاتىدۇ؟
خۇش خەۋەرنى كىملەرگە ئېيتىپ بېرىۋاتىسىز؟
(21-دەرسكە ۋە 22-دەرسكە قاراڭ)
چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈش قەدىمىنى بېسىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتامسىز؟
(23-دەرسكە قاراڭ)
شەيتان ۋە ئۇنىڭ جىنلىرىدىن ئۆزىڭىزنى قانداق قوغدىيالايسىز؟
(24-دەرسكە قاراڭ)
خۇدا بىز ئۈچۈن نېمىنى ئىرادە قىلغان؟
(25-دەرسكە قاراڭ)
نېمە ئۈچۈن ئىنسانلار ئازاب-ئوقۇبەت چېكىدۇ ۋە ئۆلىدۇ؟
(26-دەرسكە قاراڭ)
يۇھاننا 3:16-نى ئوقۇڭ.
بىزنى ئۆلۈم ۋە گۇناھنىڭ قۇللىقىدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن يەھۋا نېمە قىلغان؟
(27-دەرسكە قاراڭ)
ۋەز 9:5-نى ئوقۇڭ.
ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن نېمە بولىدۇ؟
ئەيسا كەلگۈسىدە مىلياردلىغان ئۆلۈپ كەتكەن ئىنسانلارنى نېمە قىلىدۇ؟
(29-دەرسكە ۋە 30-دەرسكە قاراڭ)
نېمە ئۈچۈن خۇدا پادىشاھلىقى ئىنسانلارنىڭ ھۆكۈمەتلىرىدىن ياخشى؟
(31-دەرسكە ۋە 33-دەرسكە قاراڭ)
خۇدا پادىشاھلىقى ھازىر ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقانلىقىغا ئىشىنەمسىز؟ نېمە ئۈچۈن؟ شۇ پادىشاھلىق ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈشنى قاچان باشلىغان؟
(32-دەرسكە قاراڭ)