مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

22-‏دە‌رس

باشقىلارغا خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى قانداق يە‌تكۈزە‌لە‌يسىز؟‏

باشقىلارغا خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى قانداق يە‌تكۈزە‌لە‌يسىز؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌قىقە‌تلىرىنى ئۆگە‌نگە‌ندە،‏ بە‌لكىم سىز:‏ «بۇ‌نى ھە‌ممە ئادە‌م بىلىشى كېرە‌ك»،‏—‏ دە‌پ ئويلىغانسىز.‏ توغرا،‏ بۇ‌نى ھە‌ممە ئادە‌م بىلىشى كېرە‌ك.‏ ئە‌مما،‏ ئاشۇ ئۆگە‌نگە‌نلىرىڭىزنى باشقىلارغا ئېيتماقچى بولغاندا،‏ جىددىيلىشىپ كېتىشىڭىز مۇ‌مكىن.‏ كېلىڭ،‏ جىددىيلىشىشنى قانداق يېڭىپ،‏ خۇ‌شاللىق بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى باشقىلارغا يە‌تكۈزە‌لە‌يدىغانلىقىڭىزنى مۇ‌ھاكىمە قىلايلى.‏

1.‏ ئۆگە‌نگە‌نلىرىڭىزنى ئۆزىڭىز تونۇ‌يدىغان كىشىلە‌رگە قانداق ئېيتىپ بېرە‌لە‌يسىز؟‏

ئە‌يسانىڭ شاگىرتلىرى مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ ‏«بىز كۆرگە‌ن ۋە ئاڭلىغانلىرىمىزنى ئېيتماي تۇ‌رالمايمىز»‏ (‏ئە‌لچىلە‌ر 4:‏20‏)‏.‏ ئۇ‌لار ھە‌قىقە‌تنى ناھايىتى قە‌دىرلە‌پ،‏ ئۇ‌نى ئىمكانقە‌دە‌ر كۆپرە‌ك كىشىلە‌رگە يە‌تكۈزمە‌كچى بولغان.‏ سىزمۇ شۇ‌نداق ئويلىغانمۇ؟‏ ئە‌گە‌ر شۇ‌نداق بولسا،‏ ئۆگە‌نگە‌نلىرىڭىزنى ھۆرمە‌ت بىلە‌ن ئائىلىدىكىلىرىڭىزگە ۋە دوستلىرىڭىزغا ئېيتىپ بېرىشنىڭ پۈرسە‌تلىرىنى ئىزدە‌ڭ.‏—‏كولوسىلىقلار 4:‏6-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

سۆھبە‌ت باشلاش ئۈچۈن تۆۋە‌ندىكى ئۇ‌سۇ‌للارنى ئىشلىتىپ كۆرۈڭ

  • ئائىلىدىكىلە‌ر بىلە‌ن پاراڭلاشقاندا:‏ «مە‌ن بۇ ھە‌پتە قىزىق نە‌رسىلە‌رنى ئۆگە‌ندىم»،‏ دە‌پ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌ققىدە سۆز باشلىسىڭىز بولىدۇ.‏

  • بىر دوستىڭىز ئاغرىۋاتقان ياكى غە‌م-‏ئە‌ندىشە قىلىۋاتقان بولسا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى بىر ئايە‌تنى ئىشلىتىپ،‏ تە‌سە‌للى بېرىڭ.‏

  • ئە‌گە‌ر ئىش ئورنىڭىزدا خىزمە‌تداشلىرىڭىز دە‌م ئېلىش كۈنلىرىڭىزنى قانداق ئۆتكۈزگە‌نلىكىڭىزنى سورىسا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىق ئۆگىنىشىڭىزدە ياكى جامائىتىڭىزدە نېمىلە‌رنى ئۆگە‌نگە‌نلىرىڭىزنى ئېيتىپ بېرىڭ.‏

  • دوستىڭىزغا jw.org تور بېكىتىنى كۆرسىتىپ بېرىڭ.‏

  • باشقىلارنى ئۆزىڭىزنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىشىنى تىڭشاشقا تە‌كلىپ قىلىڭ ياكى ئۇ‌لارنى تە‌تقىق ئۆگىنىشىنى باشلاش ئۈچۈن jw.org تور بېكىتىدە ئۆگىنىش ئىلتىماسىنى قانداق تولدۇ‌رالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىڭ.‏

2.‏ نېمە ئۈچۈن جامائە‌ت بىلە‌ن خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى يە‌تكۈزۈش بە‌ك مۇ‌ھىم؟‏

ئە‌يسانىڭ شاگىرتلىرى پە‌قە‌ت ئۆزلىرى تونۇ‌يدىغان كىشىلە‌رگە خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر ئېيتىش بىلە‌ن چە‌كلىنىپ قالمىغان.‏ ئە‌يسا ئۇ‌لارنى ئالدىن شە‌ھە‌رگە ئىككى-‏ئىككىدىن ئە‌ۋە‌تكە‌ن ئىدى (‏لۇ‌قا 10:‏1‏)‏.‏ شۇ‌نداق تە‌شكىللىك ئېلىپ بېرىلگە‌ن ۋە‌ز قىلىش خىزمىتى نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌رنىڭ خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ئاڭلىشىغا پۇ‌رسە‌ت يارىتىپ بە‌رگە‌ن.‏ ئۇ‌لار بىرلىكتە ۋە‌ز ئېيتىپ،‏ شاد-‏خۇ‌راملىققا چۆمگە‌ن (‏لۇ‌قا 10:‏17‏)‏.‏ سىزمۇ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش جامائە‌تتىكى قېرىنداشلار بىلە‌ن بىرلىكتە ۋە‌ز ئېيتىش ئۈچۈن مە‌قسە‌ت قويالامسىز؟‏

چوڭقۇ‌رراق قېزىڭ

ۋە‌ز خىزمە‌تتە جىددىيلىشىشنى قانداق يېڭە‌لە‌يدىغانلىقىڭىز ۋە خۇ‌شاللىققا ئېرىشە‌لە‌يدىغانلىقىڭىزنى بىلىۋېلىڭ.‏

3.‏ يە‌ھۋا سىز بىلە‌ن بىللە بولىدۇ

بە‌زىلە‌ر ۋە‌ز ئېيتىشنى خالىسىمۇ،‏ بىراق «باشقىلار مە‌ن توغرۇ‌لۇ‌ق نېمە ئويلاپ قالار؟‏» ياكى «سۆزلىرىمگە قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رار؟‏» دە‌پ ئە‌نسىرە‌پ قورقۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏

  • ئۆگە‌نگە‌نلىرىڭىزنى باشقىلارغا ئېيتىشتىن قورققامسىز؟‏ نېمە ئۈچۈن؟‏

فىلىمنى كۆرۈڭ‏،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئال ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.‏

  • بە‌زى ياش يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ئۆز قورقۇ‌نچلىرىنى قانداق يە‌ڭگە‌ن؟‏

يە‌شايا 41:‏10-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • ۋە‌ز ئېيتىشتىن قورققاندا،‏ دۇ‌ئا سىزگە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

سىز بىلە‌مسىز؟‏

نۇ‌رغۇ‌ن يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ئىلگىرى،‏ مە‌ن ھە‌رگىزمۇ باشقىلارغا خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ئېيتالمايمە‌ن دە‌پ ئويلىغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ سېرگېي مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىشتىن بۇ‌رۇ‌ن ئۆزىنى ئە‌رزىمە‌س ھېس قىلىپ،‏ باشقىلار بىلە‌ن پاراڭلىشىشتىن قورقاتتى.‏ بىراق،‏ ئۇ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگە‌نگە‌ندىن كېيىن مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «گە‌رچە مە‌ن قورقساممۇ،‏ باشقىلارغا ئۆگە‌نگە‌نلىرىم ھە‌ققىدە ئېيتىپ بېرىشنى باشلىدىم.‏ ھە‌يران قالارلىق يېرى شۇ‌كى،‏ باشقىلارغا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب توغرۇ‌لۇ‌ق ئېيتىپ بە‌رگە‌نسېرى،‏ ئۆز-‏ئۆزۈمگە بولغان ئىشە‌نچىم ئاشتى ۋە ئىمان-‏ئېتىقادىممۇ مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌ندى».‏

4.‏ باشقىلارغا ھۆرمە‌ت كۆرسىتىڭ

ۋە‌ز ئېيتقاندا پە‌قە‌ت نېمە ئېيتىش توغرۇ‌لۇ‌قلا ئە‌مە‌س،‏ يە‌نە ئۇ‌نى قانداق ئېيتىش توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلىنىپ كۆرۈڭ.‏ 2-‏تىموتىي 2:‏24 ۋە 1-‏پېترۇ‌س 3:‏15-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب توغرۇ‌لۇ‌ق باشقىلار بىلە‌ن پاراڭلاشقاندا،‏ مۇ‌شۇ ئىككى ئايە‌تتىكى مە‌سلىھە‌تلە‌رگە قانداق قۇ‌لاق سالالايسىز؟‏

  • بە‌زى تۇ‌غقانلىرىڭىز ياكى دوستلىرىڭىز ئېيتقان سۆزلىرىڭىزنى قوبۇ‌ل قىلمىسا،‏ سىز نېمە قىلىشىڭىز كېرە‌ك؟‏ نېمە قىلىشتىن پە‌خە‌س بولۇ‌شىڭىز كېرە‌ك؟‏

  • ئۆز ئوي-‏پىكىرىڭىزنى باشقىلارغا زورلاپ تېڭىشنىڭ ئورنىغا،‏ مۇ‌لايىملىق بىلە‌ن سوئاللارنى قويۇ‌ش نېمە ئۈچۈن ياخشىراق؟‏

5.‏ خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ئېيتىش سىزنى خۇ‌شاللىققا ئېرىشتۈرىدۇ

يە‌ھۋا خۇ‌دا ئە‌يسا مە‌سىھنى خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى يە‌تكۈزۈشكە ئە‌ۋە‌تكە‌ن.‏ ئە‌يسا بۇ خىزمە‌تكە قانداق قارىغان؟‏ يۇ‌ھاننا 4:‏34-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • ياخشى تاماقلارنى يېيىش تە‌ن-‏سالامە‌تلىكىمىزگە پايدىلىق ۋە بىزگە ھۇ‌زۇ‌ر بېغىشلايدۇ.‏ ئە‌يسا نېمە ئۈچۈن خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نلاشنى،‏ شۇ جۈملىدىن خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ئېيتىشنى،‏ تاماق يېيىش بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رغان؟‏

  • باشقىلارغا خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى يە‌تكۈزۈش سىزگە قانداق خۇ‌شاللىق ئېلىپ كېلە‌لە‌يدۇ؟‏

مە‌سلىھە‌تلە‌ر

  • ھە‌پتە ئارىسىدىكى جامائە‌ت يىغىلىشلىرىنىڭ مە‌زمۇ‌نىغا دىققە‌ت قىلىپ،‏ باشقىلار بىلە‌ن قانداق سۆھبە‌ت باشلاش توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلىنىپ كۆرۈڭ.‏

  • سىز بىلە‌ن ئۆگىنىۋاتقان گۇ‌ۋاھچىدىن ھە‌پتە ئوتتۇ‌رىسىدىكى يىغىلىشتا تاپشۇ‌رۇ‌قلارنى ئېلىشقا قانداق يېزىلسا بولىدىغانلىقىنى سوراپ كۆرۈڭ.‏ شۇ تاپشۇ‌رۇ‌قلار ئۆگە‌نگە‌نلىرىڭىزنى باشقىلارغا قورقماي ئېيتىشنى ئۆگىنىشكە ياردە‌م بېرىدۇ.‏

  • «بە‌زىلە‌ر مۇ‌نداق دە‌يدۇ» ياكى «بە‌لكىم،‏ بە‌زىلە‌ر مۇ‌نداق سورايدۇ» دېگە‌ن رامكىلارنى ئىشلىتىپ،‏ كۆپ سورالغان سوئاللارغا ياكى قارشى ئوي-‏پىكىردە بولغانلارغا قانداق جاۋاب بېرىشنى مە‌شىق قىلىڭ.‏.‏

بە‌لكىم،‏ بە‌زىلە‌ر مۇ‌نداق سورايدۇ:‏ «ئۇ‌زۇ‌ن بولدى كۆرۈنمە‌يسىز.‏ نېمە ئىشلارنى قىلىۋاتىسىز؟‏ قانداق يېڭىلىقلار بار؟‏»‏

  • شۇ پۇ‌رسە‌تتىن پايدىلىنىپ،‏ شۇ‌نداق سورىغان كىشىگە ئۆگە‌نگە‌نلىرىڭىزنى قانداق ئېيتىپ بېرە‌لە‌يسىز؟‏

خۇ‌لاسە

باشقىلارغا خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى يە‌تكۈزۈش سىز ئويلىغاندە‌ك شۇ‌نچە تە‌س ئىش ئە‌مە‌س.‏ ئە‌كسىنچە،‏ ئۇ سىزگە خۇ‌شاللىق ئېلىپ كېلە‌لە‌يدۇ.‏

تە‌كرارلاش

  • نېمە ئۈچۈن خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ئېيتىش كېرە‌ك؟‏

  • خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ئېيتقاندا،‏ باشقىلارغا قانداق ھۆرمە‌ت كۆرسىتە‌لە‌يسىز؟‏

  • سىز جىددىيلىشىشنى يېڭىپ،‏ ۋە‌ز ئېيتىشتىن قورقماسلىق ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟‏

مە‌قسە‌ت

ئىزدىنىپ كۆرۈڭ

خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر يە‌تكۈزۈشتە،‏ jw.org ئالاقىلىشىش كارتىسىنى ئىشلىتىشنىڭ تۆت ئۇ‌سۇ‌لىنى كۆرۈپ بېقىڭ.‏

‏«JW.ORG ئالاقىلىشىش كارتىسىنى ئىشلىتىش ئۇ‌سۇ‌لى» (‏43:‏1‏)‏

خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى جاكارلاش ئۈچۈن قايسى تۆت پە‌زىلە‌ت ياردە‌م بېرىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىڭ.‏

‏«سىز ئادە‌م تۇ‌تقۇ‌چى بولۇ‌شقا تە‌ييارمۇ؟‏»‏ (‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى»،‏ 2020-‏يىل،‏ سېنتە‌بىر)‏

گە‌رچە كىچىك بولساقمۇ،‏ خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى يە‌تكۈزۈش ئۈچۈن جاسارە‌تلىك بولۇ‌شىمىزغا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى بىر ئۈلگە قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدىغانلىقىنى كۆرۈڭ.‏

‏«يە‌ھۋا جاسارە‌تلىك بولۇ‌شىڭىزغا ياردە‌ملىشىدۇ» (‏59:‏11‏)‏

ئە‌گە‌ر ئائىلىدىكىلە‌ر يە‌ھۋا خۇ‌دانى تونۇ‌مىسا،‏ ئۇ‌لار بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌ققىدە سۆھبە‌تنى قانداق باشلاشقا بولىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىڭ.‏

‏«يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى ئە‌مە‌س تۇ‌غقانلىرىڭىزنىڭ ھە‌قىقە‌تنى تونۇ‌شىغا ياردە‌م بېرىڭ»‏ (‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى»،‏ 2014-‏يىل،‏ 15-‏مارت)‏