مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

25-‏دە‌رس

خۇ‌دا بىزنى نېمە ئۈچۈن ياراتتى؟‏

خۇ‌دا بىزنى نېمە ئۈچۈن ياراتتى؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئېيتىلغاندە‌ك،‏ ئىنساننىڭ ھاياتى قىسقا ۋە ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تكە تولغاندۇ‌ر (‏ئايۇ‌پ 14:‏1‏)‏.‏ خۇ‌دا بىزنى شۇ‌نداق ياشاش ئۈچۈن ياراتقانمۇ؟‏ ئە‌گە‌ر ئۇ‌نداق بولمىسا،‏ ئۇ نېمە مە‌قسە‌تتە بىزنى ياراتقان؟‏ ئۇ‌نىڭ مە‌قسىتى بىر كۈنى ئە‌مە‌لگە ئاشامدۇ؟‏ ھازىر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن كىشىگە تە‌سە‌للى بېرىدىغان جاۋابلارنى تاپايلى.‏

1.‏ يە‌ھۋا بىزنى نېمە مە‌قسە‌تتە ياراتقان؟‏

يە‌ھۋا بىزنىڭ مۇ‌مكىنقە‌دە‌ر ئە‌ڭ ياخشى ھايات كە‌چۈرۈشىمىزنى خالايدۇ.‏ ئۇ ئادە‌م-‏ئاتا ۋە ھاۋا-‏ئانىنى يە‌ر يۈزىدە ياراتقاندا،‏ ئۇ‌لارنى گۈزە‌ل ئېرە‌م بېغىغا ئورۇ‌نلاشتۇ‌رغان.‏ كېيىن،‏ ‏«خۇ‌دا ئۇ‌لارنى بە‌رىكە‌تلە‌پ:‏ ‹سىلە‌ر پە‌رزە‌نتلىك بولۇ‌پ كۆپىيىڭلار،‏ يە‌ر يۈزىنى تولدۇ‌رۇ‌پ،‏ ئۇ‌نى بويسۇ‌ندۇ‌رۇ‌ڭلار›،‏—‏ دېگە‌ن»‏ (‏يارىتىلىش 1:‏28‏)‏.‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارنىڭ پە‌رزە‌نتلىك بولۇ‌پ،‏ پۈتۈن يە‌ر يۈزىنى جە‌ننە‌تكە ئايلاندۇ‌رۇ‌شى ۋە ھايۋاناتلاردىن خە‌ۋە‌ر ئېلىشىنى خالىغانىدى.‏ ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ مۇ‌كە‌ممە‌ل تە‌ن بىلە‌ن،‏ ساغلام مە‌ڭگۈ ھايات كە‌چۈرۈشىنى مە‌قسە‌ت قىلغان.‏

ھازىر شۇ‌نداق ھايات كە‌چۈرمىسە‌كمۇ a‏،‏ ئە‌مما خۇ‌دانىڭ ئە‌سلى مە‌قسىتى ئۆزگە‌رگىنى يوق (‏يە‌شايا 46:‏10،‏ 11‏)‏.‏ ئۇ ھېلىھە‌م ئۆزىگە ئىتائە‌تچان بولغان ئىنسانلارنىڭ مۇ‌كە‌ممە‌ل شارائىتتا مە‌ڭگۈ ياشىشىنى خالايدۇ.‏—‏ۋە‌ھىيلە‌ر 21:‏3،‏ 4-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

2.‏ ھازىر مە‌نىلىك ھايات كە‌چۈرۈش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟‏

يە‌ھۋا خۇ‌دا بىزنى روھىي ئېھتىياج بىلە‌ن ياراتقان.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ‌نى تونۇ‌ش ۋە ئۇ‌نىڭغا ئىبادە‌ت قىلىش ئارزۇ-‏ئىستىگىمىز بار (‏مە‌تتا 5:‏3‏–‏6-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ يە‌ھۋا بىزنىڭ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن يېقىن دوست بولۇ‌شىمىزنى خالايدۇ.‏ ئۇ‌نىڭ يولىدا مېڭىپ،‏ ئۇ‌نى سۆيۈشىمىزنى ۋە پۈتۈن قە‌لبىمىز بىلە‌ن ئۇ‌نىڭغا خىزمە‌ت قىلىشىمىزنى خالايدۇ (‏تە‌كرار قانۇ‌ن 10:‏12؛‏ زە‌بۇ‌ر 25:‏14‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر بىز شۇ‌نداق قىلساق،‏ مە‌يلى قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لمە‌يلى،‏ ھە‌قىقىي خۇ‌شاللىققا ئېرىشە‌لە‌يمىز.‏ يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىپ ياشىساق،‏ ھاياتىمىز ئە‌ھمىيە‌تلىك ئۆتىدۇ.‏ سە‌ۋە‌بى،‏ بىز ئۇ خالىغاندە‌ك ھايات كە‌چۈرىمىز.‏

چوڭقۇ‌رراق قېزىڭ

يە‌ھۋا بىز ئۈچۈن يە‌ر شارىنى ياراتقاندا،‏ ئۆزىنىڭ چوڭقۇ‌ر مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزنىڭ نېمە مە‌قسە‌تتە يارىتىلغانلىقىمىزنى ئېيتىپ بېرىدۇ.‏ مۇ‌شۇ‌لار ھە‌ققىدە بىلىۋېلىڭ.‏

3.‏ يە‌ھۋا ئىنسانلارنىڭ شاد-‏خۇ‌رام ھايات كە‌چۈرۈشىنى مە‌قسە‌ت قىلغان

فىلىمنى كۆرۈپ‏،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئال ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.‏

  • يە‌ھۋا نېمە ئۈچۈن يە‌ر شارىنى شۇ‌نچىلىك گۈزە‌ل قىلىپ ياراتقان؟‏

ۋە‌ز 3:‏11-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • بۇ ئايە‌تتىن،‏ ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋانىڭ ئىرادىسى ھە‌ققىدە نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

4.‏ يە‌ھۋانىڭ ئىرادىسى ئۆزگە‌رگىنى يوق

زە‌بۇ‌ر 37:‏11،‏ 29 ۋە يە‌شايا 55:‏11-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • يە‌ھۋانىڭ ئىنسانلار ئۈچۈن قىلغان ئىرادىسىنىڭ ئۆزگە‌رمىگە‌نلىكىنى قانداق بىلىمىز؟‏

5.‏ يە‌ھۋا خالىغاندە‌ك ياشىساق،‏ ھاياتىمىز ئە‌ھمىيە‌تلىك ئۆتىدۇ

ھاياتنىڭ مە‌نىسىنى بىلىش بىزنى شاد-‏خوراملىققا چۆمدۈرىدۇ.‏ فىلىمنى كۆرۈپ‏،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئال ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ:‏

  • ھاياتنىڭ ھە‌قىقىي مە‌نىسىنى بىلگە‌ندىن كېيىن،‏ تېرۇ‌مى ئۆز ھاياتىدا قانداق ئۆزگۈرۈشلە‌رنى قىلغان؟‏

ۋە‌ز 12:‏13-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • يە‌ھۋا بىز ئۈچۈن شۇ‌نچە كۆپ ئىشلارنى قىلغان.‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن ئۇ‌نىڭغا مىننە‌تدارلىقىمىزنى قانداق بىلدۈرۈشىمىز كېرە‌ك؟‏

بە‌لكىم،‏ بە‌زىلە‌ر مۇ‌نداق سورايدۇ:‏ «بىز نېمە ئۈچۈن ياشايمىز؟‏»‏

  • سىز قانداق جاۋاب بېرىسىز؟‏

خۇ‌لاسە

ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋا يە‌ر يۈزىدە مۇ‌كە‌ممە‌ل شارائىتتا مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشىشىمىزنى خالايدۇ.‏ بىز چىن قە‌لبىمىزدىن ئۇ‌نىڭغا ئىبادە‌ت قىلساق،‏ ھازىرمۇ ۋە كېلە‌چە‌كتىمۇ مە‌نىلىك ھايات كە‌چۈرىمىز.‏

تە‌كرارلاش

  • خۇ‌دا ئادە‌م-‏ئاتا بىلە‌ن ھاۋا-‏ئانا ئۈچۈن ئە‌سلى نېمىنى ئىرادە قىلغان؟‏

  • خۇ‌دانىڭ ئىنسانلار ئۈچۈن قىلغان ئىرادىسى ئۆزگە‌رمىگە‌نلىكىنى قانداق بىلىمىز؟‏

  • ھاياتنىڭ ھە‌قىقىي مە‌نىسىنى قانداق تاپالايسىز؟‏

مە‌قسە‌ت

ئىزدىنىپ كۆرۈڭ

ئېرە‌م بېغى ئۆتمۈشتە ھە‌قىقە‌تە‌ن بولغانلىقى ھە‌ققىدىكى دە‌لىل-‏ئىسپاتلارنى بىلىۋېلىڭ.‏

‏«ئېرە‌م بېغى ئە‌پسانە-‏رىۋايە‌تمۇ ياكى ھە‌قىقە‌تە‌ن بولغانمۇ؟‏»‏ (‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى»،‏ 2011-‏يىل،‏ 1-‏يانۋار)‏

نېمە ئۈچۈن يە‌ر شارى مە‌ڭگۈ مە‌ۋجۇ‌ت بولۇ‌پ تۇ‌رىدىغانلىقىغا ئىشىنە‌لە‌يمىز؟‏

‏«يە‌ر شارى يوق بولۇ‌پ كېتە‌مدۇ؟‏»‏ (‏تور بېكە‌تتىكى ماقالە)‏

ھاياتنىڭ مە‌نىسى ھە‌ققىدە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ نېمە دېگە‌نلىكىنى كۆرۈپ بېقىڭ.‏

‏«نېمە ئۈچۈن ياشايمىز؟‏»‏ (‏تور بېكە‌تتىكى ماقالە)‏

ئۆزىدە ھە‌ممە نە‌رسە تە‌ل دە‌پ ئويلىغان بىر كىشىنىڭ ھاياتىدا نېمە كە‌ملىكىنى قانداق چۈشە‌نگە‌نلىكىنى كۆرۈڭ.‏

‏«ھازىر ھاياتىمنىڭ ھە‌قىقىي ئە‌ھمىيىتىنى چۈشە‌ندىم»‏ (‏55:‏3)‏

a بۇ‌نىڭ سە‌ۋە‌بىنى كېيىنكى دە‌رستىن بىلە‌لە‌يسىز.‏