36-دەرس
ھەممىلا ئىشتا راستچىل بولۇڭ
ھەممىمىز راستچىل كىشىلەر بىلەن دوست بولۇشنى خالايمىز. يەھۋامۇ دوستلىرىنىڭ سەمىمىي، راستچىل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئەمما، ھەممىلا يەرنى ساختىپەزلىك ۋە يالغانچىلىق قاپلىغان دۇنيادا راستچىل بولۇش ئاسان ئەمەس. ئۇنداقتا، ھەممە ئىشتا راستچىل بولۇشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟
1. راستچىل بولۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبى نېمە؟
بىز باشقىلارغا سەمىمىي بولساق، يەھۋانى سۆيىدىغانلىقىمىز ۋە ھۆرمەتلەيدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز. ئويلاپ كۆرۈڭ: خۇدا بىز ئويلاۋاتقان ۋە قىلىۋاتقان بارلىق ئىشلارنى بىلىدۇ (ئىبرانىيلار 4:13). بىز راستچىل بولۇشنى تاللىغاندا، ئۇ بۇنى كۆرىدۇ ۋە بۇنىڭدىن كۆڭلى سۆيۈنىدۇ. مۇقەددەس كىتاب مۇنداق دەيدۇ: «يەھۋا قۇۋ-مەككار ئادەمدىن يىرگىنەر، توغرا ئادەمنى بولسا يېقىن دوست تۇتار».—پەندى-نەسىھەت 3:32.
2. كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا راستچىل بولۇشنىڭ قانداق ئۇسۇللىرى بار؟
يەھۋا بىزگە ھەقىقەتنى سۆزلەڭلار دەيدۇ (زەكەرىيا 8:16، 17). بۇ نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ ئائىلە ئەزالىرىمىز، كەسىپداشلىرىمىز، ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىز ياكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن سۆزلەشكەندە، يالغان سۆزلىمەيمىز ياكى خاتا ئۇچۇر بەرمەيمىز. سەمىمىي ياكى توغرا ئادەملەر ئوغرىلىق ياكى ئالدامچىلىق قىلمايدۇ (پەندى-نەسىھەت 24:28 ۋە ئەفەسلىكلەر 4:28-نى ئوقۇڭ). ئۇلار بارلىق باج-سېلىقلارنى تۆلەيدۇ (رىملىقلار 13:5–7). خۇلاسە قىلساق، بىز ھەممىلا ئىشتا راستچىل بولىمىز.—ئىبرانىيلار 13:18.
3. راستچىل بولۇشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟
سەمىمىي ياكى راستچىل ئادەم دەپ تونۇلساق، باشقىلار بىزگە ئىشىنىدۇ. جامائەتتىكىلەرنىڭ ھەممىسى راستچىل بولسا، ئۆزئارا بىر-بىرىگە ئىشىنىپ، بېخەتەر ئائىلە كەيپىياتىنى يارىتىدۇ. پاك ۋىجدانىمىزدىن خۇرسەن بولىمىز. راستچىللىقىمىز يەنە قۇتقۇزغۇچىمىز خۇدا توغرىسىدىكى تەلىملەرنى زېننەتلەيدۇ ۋە جامائەت سىرتىدىكىلەرنى ھەق ئىبادەتكە جەلپ قىلالايدۇ.—تىتۇس 2:10.
چوڭقۇرراق قېزىڭ
راستچىل بولۇشقا يەھۋانىڭ قانداق قارايدىغانلىقى ۋە راستچىللىقنىڭ سىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بارلىقىنى كۆرۈڭ. تۇرمۇشتا ھەرخىل ۋەزىيەتلەردە قانداق راستچىل بولالايدىغانلىقىڭىزنى ئۆگىنىڭ.
4. راستچىللىق يەھۋانى خۇرسەن قىلىدۇ
زەبۇر 44:21 ۋە مالاكى 3:16-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:
-
سىزنىڭچە، نېمە ئۈچۈن مەلۇم بىر ئىشنى يوشۇرۇپ قالالايمەن دەپ ئويلىماسلىقىمىز كېرەك؟
-
سىزنىڭچە، ھەتتا قىيىن ئەھۋالدىمۇ راستىنى ئېيتساق، يەھۋا قانداق ئىنكاس قايتۇرىدۇ؟
5. ھەردائىم راستچىل بولۇڭ
نۇرغۇن ئىنسانلار ھەردائىم راستچىل بولۇش مۇمكىن ئەمەس دېيىشىدۇ. ئەمما، نېمە ئۈچۈن بىز ھەردائىم راستچىل بولۇشىمىز كېرەكلىكىنى كۆرۈپ بېقىڭ. فىلىمنى كۆرۈڭ.
ئىبرانىيلار 13:18-نى ئوقۇڭ ۋە كېيىن تۆۋەندىكى ۋەزىيەتلەردە راستچىل بولۇش ئۈچۈن نېمە قىلالايدىغانلىقىمىزنى مۇھاكىمە قىلىڭ:
-
ئائىلىدە
-
ئىش ئورنى ياكى مەكتەپتە
-
باشقا ۋەزىيەتلەردە
6. سەمىمىي ياكى راستچىل بولۇش بىزگە پايدىلىق
بىز سەمىمىي ياكى راستچىل بولساق، بەلكى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە زىيان تارتىشىمىز مۇمكىن. ئەمما، يىراقنى كۆزلىگەندە، بىز ئۈچۈن كۆپ پايدىسى بار. زەبۇر 34:12–16-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئاغا جاۋاب بېرىڭ:
-
راستچىللىق تۇرمۇشىڭىزنى قانداق ياخشىلايدۇ؟
-
(1) ئەر-ئايالنىڭ نىكاھ رىشتىسىنى كۈچەيتىدۇ
-
(2) راستچىل ئىشچىلار خۇجايىنلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىدۇ
-
(3) سەمىمىي پۇقرالار ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئالدىدا ياخشى نام-ئاتاققا ئېرىشىدۇ
بەزىلەر مۇنداق دەيدۇ: «ياخشى نىيەتتە يالغان ئېيتىش خاتا ئەمەس».
-
نېمە ئۈچۈن يەھۋانىڭ بارلىق يالغانچىلىقلارنى ئۆچ كۆرىدىغانلىقىغا ئىشىنىسىز؟
خۇلاسە
يەھۋا ئۆز دوستلىرىنىڭ بارچە گەپ-سۆزلىرى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىدە راستچىل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
تەكرارلاش
-
ھاياتىمىزنىڭ قايسى ساھەلىرىدە راستچىل بولالايمىز؟
-
راستىنى ئېيتماي يوشۇرۇپ قالالايمەن دەپ ئويلاش نېمە ئۈچۈن ئەخمەقلىق؟
-
نېمە ئۈچۈن ھەممىلا ئىشتا راستچىل بولۇشنى خالايسىز؟
ئىزدىنىپ كۆرۈڭ
ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا راستچىل بولۇشنى قانداق ئۆگىتەلەيدۇ؟
ۋەدىلىرىمىزنى ئورۇنلاشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟
«ۋەدىلىرىڭىزنى ئورۇنلاپ، بەرىكەتلەرگە ئېرىشىڭ» (09:9)
باج-سېلىقنىڭ ناتوغرا ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى بىلسەكمۇ، نېمە ئۈچۈن ئۇنى چوقۇم تۆلەش كېرەك؟
«چوقۇم باج-سېلىق تۆلەش كېرەكمۇ؟» («كۈزىتىش مۇنارى»، 2011-يىل، 1-سېنتەبىر)
ئالدامچى كىشىنىڭ ھاياتىنى ئۆزگەرتىشىگە ۋە راستچىل بولۇشىغا نېمە ياردەم بەرگەن؟
«يەھۋانىڭ مېھىر-شەپقەتلىك ۋە كەچۈرۈمچان ئىكەنلىكىنى بىلىۋالدىم» («كۈزىتىش مۇنارى»، 2015-يىل، 1-ماي)