مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

39-‏دە‌رس

خۇ‌دانىڭ قانغا بولغان كۆزقارىشى

خۇ‌دانىڭ قانغا بولغان كۆزقارىشى

قان ئىنتايىن مۇ‌ھىم.‏ ئۇ بولمىسا،‏ ھېچقايسىمىز ھايات قالالمايمىز.‏ خۇ‌دا بىزنى ياراتقاچقا،‏ ئۇ‌نىڭ قاننى قانداق ئىشلىتىشىمىز كېرە‌كلىكىنى ئېيتىش ھوقۇ‌قى بار.‏ ئۇ قان توغرىسىدا نېمە دېگە‌ن؟‏ ئۇ‌نى يېيىشكە ياكى ئىنسان تېنىگە سېلىشقا بولامدۇ؟‏ بۇ مە‌سىلىدە توغرا قارارلارنى قانداق چىقىرالايسىز؟‏

1.‏ يە‌ھۋانىڭ قانغا بولغان كۆزقارىشى قانداق؟‏

قە‌دىمقى زاماندا،‏ يە‌ھۋا ئۆزىگە ئىبادە‌ت قىلغۇ‌چىلارغا شۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ ‏«ھە‌ربىر تىرىك جاننىڭ ھاياتى ئۇ‌نىڭ قېنىدا»‏ (‏لاۋىيلار 17:‏14‏)‏.‏ ياراتقۇ‌چىنىڭ نە‌زىرىدە،‏ قان ھايات دېمە‌كتۇ‌ر.‏ خۇ‌دا سوۋغا قىلغان ھايات مۇ‌قە‌ددە‌س،‏ شۇ‌ڭا قانمۇ مۇ‌قە‌ددە‌س.‏

2.‏ خۇ‌دا قاننى قانداق ئىشلىتىشكە يول قويمايدۇ؟‏

خۇ‌دا قە‌دىمقى زامانلاردا ئۆز خىزمە‌تچىلىرىگە قان يېمە‌سلىكنى بۇ‌يرىغان ئىدى (‏يارىتىلىش 9:‏4 ۋە لاۋىيلار 17:‏10-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى جامائىتى قۇ‌رۇ‌لغاندىن كېيىن،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا بۇ بۇ‌يرۇ‌قنى قايتا تە‌كرارلىغان.‏ شۇ چاغدا،‏ يېتە‌كچى كېڭە‌ش مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە قاندىن ساقلىنىش ھە‌ققىدە يول-‏يورۇ‌ق بە‌رگە‌ن.‏—‏ئە‌لچىلە‌ر 15:‏28،‏ 29-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

قاندىن ساقلىنىش دېگە‌ن نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏ ئە‌گە‌ر دوختۇ‌ر سىزگە ھاراق-‏شارابلاردىن ساقلىنىشنى ئېيتسا،‏ ئۇ‌نى ئىچمە‌يسىز.‏ ئە‌مما،‏ تە‌ركىبىدە ئىسپىرت بار يېمە‌كلىكلە‌رنى يە‌مسىز ياكى ھاراقنى تومۇ‌رىڭىزغا ئوكۇ‌ل قىلىپ سالامسىز؟‏ ئېنىقكى،‏ ئۇ‌نداق قىلمايسىز.‏ خۇ‌ددى شۇ‌نىڭدە‌ك،‏ خۇ‌دانىڭ قاندىن ساقلىنىش بۇ‌يرۇ‌قى قاننى ئىچمە‌سلىكىمىز ياكى قېنى ئېقىتىلمىغان جانىۋارلارنىڭ گۆشىنى يېمە‌سلىكىمىز كېرە‌كلىكىنى بىلدۈرىدۇ.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ قان قوشۇ‌لغان يېمە‌كلىكلە‌رنى يېمە‌سلىكىمىز لازىم.‏

قاننى تىببىي داۋالاشتا قوللىنىشقا توغرا كە‌لسىچۇ؟‏ ناھايىتى ئېنىقكى بە‌زى داۋالاش ئۇ‌سۇ‌للىرى ياراتقۇ‌چى خۇ‌دانىڭ قانۇ‌نىغا زىتتۇ‌ر.‏ بۇ‌لار پۈتۈن قاننى ياكى قاننىڭ ئاساسلىق تە‌ركىبلىرى بولغان قىزىل قان ھۈجە‌يرىلىرى،‏ ئاق قان ھۈجە‌يرىلىرى،‏ قان پلاستىنكىلىرى ۋە قان پلازمىسىنى تە‌نگە سېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.‏ لېكىن،‏ باشقا داۋالاش ئۇ‌سۇ‌للىرى خۇ‌دانىڭ قانۇ‌نىغا زىت ياكى زىت ئە‌مە‌سلىكىنى ئېنىق قارار قىلغىلى بولماسلىقى مۇ‌مكىن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بە‌زى ئۇ‌سۇ‌للار قاننىڭ ئاساسلىق تە‌ركىبلىرىدىن ئايرىپ ئېلىنغان كىچىك تە‌ركىبىي ماددىلارنى ئىشلىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.‏ يە‌نە باشقا ئۇ‌سۇ‌للار بىر ئادە‌منىڭ ئۆز قېنىنى ئىشلىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.‏ بۇ تاللاشلار ھە‌ققىدە ئە‌ستايىدىل تە‌كشۈرۈپ كۆرۈپ،‏ ھە‌ربىرىمىز چوقۇ‌م ئۆزىمىز قارار چىقىرىشىمىز كېرە‌ك a‏.‏—‏گالاتىيالىقلار 6:‏5‏.‏

چوڭقۇ‌رراق قېزىڭ

قان بىلە‌ن باغلىنىشلىق تىببىي داۋالاش مە‌سىلىسىدە قانداق دانا قارارلارنى چىقىرىشقا بولىدىغانلىقىنى تە‌كشۈرۈپ كۆرۈڭ.‏

3.‏ يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلىدىغان داۋالىنىش ئۇ‌سۇ‌للىرىنى تاللاڭ

خۇ‌دانىڭ قانغا بولغان كۆزقارىشىغا ماس كېلىدىغان داۋالاش قارارلىرىنى قانداق چىقىرالايسىز؟‏ فىلىمنى كۆرۈڭ‏،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى قە‌دە‌ملە‌رنى بېسىش نېمە ئۈچۈن مۇ‌ھىم ئىكە‌نلىكىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىڭ.‏

  • ئە‌قىل-‏پاراسە‌ت سوراپ دۇ‌ئا قىلىڭ.‏—‏ياقۇ‌پ 1:‏5‏.‏

  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پرىنسىپلىرى ۋە ئۇ‌لارنى قانداق ئە‌مە‌لىي قوللىنىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ كۆرۈڭ.‏—‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 13:‏16‏.‏

  • سىز ياشايدىغان جايدا قانداق داۋالاش ئۇ‌سۇ‌للىرى بارلىقىنى تېپىڭ.‏

  • قايسى داۋالاش ئۇ‌سۇ‌للىرىنى قوبۇ‌ل قىلمايدىغانلىقىڭىزنى ئېنىقلاڭ.‏

  • ۋىجدانىڭىز سىزنى ئازابلىمايدىغان قارارنى چىقىرىڭ.‏—‏ئە‌لچىلە‌ر 24:‏16 b‏.‏

  • شۇ‌نى ئېنىق بىلىڭكى،‏ ۋىجدان مە‌سىلىسىدە قانداق قارار چىقىرىشنى،‏ سىزگە ھېچكىم ھە‌تتا نىكاھلىق جۈپتىڭىز،‏ ئاقساقال ياكى سىز بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىپ ئۆگە‌نگە‌ن ئېتىقادچى ئېيتىپ بېرە‌لمە‌يدۇ.‏—‏رىملىقلار 14:‏12‏.‏

  • ئۆز قارارىڭىزنى يېزىپ قويۇ‌ڭ.‏

4.‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ئە‌ڭ ياخشى داۋالىنىش ئۇ‌سۇ‌للىرىنى ئىزدە‌يدۇ

خۇ‌دانىڭ قان توغرىسىدىكى قانۇ‌نىغا بويسۇ‌نۇ‌پ،‏ ئە‌ڭ ياخشى قانسىز داۋالاش ئۇ‌سۇ‌للىرىنى قوبۇ‌ل قىلىش ئىمكانىيىتىمىز بار.‏ فىلىمنى كۆرۈڭ‏.‏

تىتۇ‌س 3:‏2-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • تىببىي خادىملار بىلە‌ن پاراڭلاشقاندا،‏ نېمە ئۈچۈن مۇ‌لايىم ۋە ھە‌مكارلىشىشقا تە‌ييار ئىكە‌نلىكىمىزنى كۆرسىتىشىمىز كېرە‌ك؟‏

قوبۇ‌ل قىلىشقا بولمايدۇ

ئېتىقادچى ئۆزى قارار قىلىدۇ

‏(‏1)‏ قان پلازمىسى.‏

پلازمىسىدىن ئايرىپ ئېلىنغان كىچىك تە‌ركىبىي ماددىلار

‏(‏2)‏ ئاق قان ھۈجە‌يرىلىرى.‏

ئاق قان ھۈجە‌يرىلىرىدىن ئايرىپ ئېلىنغان تە‌ركىبىي ماددىلار

‏(‏3)‏ قان پلاستىنكىلىرى.‏

قان پلاستىنكىلىرىدىن ئايرىپ ئېلىنغان تە‌ركىبىي ماددىلار

‏(‏4)‏ قىزىل قان ھۈجە‌يرىلىرى.‏

قىزىل قان ھۈجە‌يرىلىرىدىن ئايرىپ ئېلىنغان تە‌ركىبىي ماددىلار

 5.‏ قاندىن ئايرىپ ئېلىنغان كىچىك تە‌ركىبىي ماددىلار

قاننىڭ تۆت ئاساسلىق تە‌ركىبى بار —‏ قىزىل قان ھۈجە‌يرىلىرى،‏ ئاق قان ھۈجە‌يرىلىرى،‏ قان پلاستىنكىلىرى ۋە پلازمىسى.‏ بۇ ئاساسىي تە‌ركىبلە‌ر نۇ‌رغۇ‌ن كىچىك تە‌ركىبلە‌رنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇ‌پ،‏ قاندىن ئايرىپ ئېلىنغان كىچىك تە‌ركىبىي ماددىلار دە‌پ ئاتىلىدۇ c‏.‏ بە‌زى كىچىك تە‌ركىبىي ماددىلار كېسە‌للىكلە‌رگە قارشى تۇ‌رۇ‌ش ياكى قان توختىتىشقا ياردە‌م بېرىدىغان دورىلارغا قوشۇ‌لغان.‏

قاندىن ئايرىپ ئېلىنغان كىچىك تە‌ركىبىي ماددىلار ھە‌ققىدە،‏ ھە‌ربىر مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىسى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئاساسىدا تاۋلاپ تە‌ربىيىلە‌نگە‌ن ۋىجدانىغا ئاساسە‌ن ئۆزى قارار چىقىرىشى كېرە‌ك.‏ بە‌زىلە‌ر قاندىن ئايرىغان كىچىك تە‌ركىبىي ماددا بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌تلىك داۋالاش،‏ يە‌نى ئوپېراتسىيە،‏ دورا-‏ئوكۇ‌ل ياكى تە‌كشۈرۈشلە‌رنى رە‌ت قىلىشنى قارار قىلىشى مۇ‌مكىن.‏ باشقىلارنىڭ ۋىجدانى بولسا،‏ قاندىن ئايرىپ ئېلىنغان كىچىك تە‌ركىبىي ماددىلارنى قوبۇ‌ل قىلىشقا يول قويىدۇ.‏

قارار چىقارغاندا،‏ بۇ‌نى ئويلاپ كۆرۈڭ:‏

  • دوختۇ‌رغا نېمىشقا قاندىن ئايرىپ ئېلىنغان بە‌زى كىچىك تە‌ركىبىي ماددىلارنى رە‌ت قىلىدىغان ياكى قوبۇ‌ل قىلىدىغانلىقىمنى قانداق چۈشە‌ندۈرە‌لە‌يمە‌ن؟‏

بە‌لكىم،‏ بە‌زىلە‌ر مۇ‌نداق سورايدۇ:‏ «قان سېلىشنى ياكى قۇ‌يۇ‌شنى قوبۇ‌ل قىلىش خاتامۇ؟‏»‏

  • سىز قانداق ئويلايسىز؟‏

خۇ‌لاسە

يە‌ھۋا بىزنىڭ قاننى قالايمىقان ئىشلىتىشتىن ساقلىنىشىمىزنى خالايدۇ.‏

تە‌كرارلاش

  • ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋا نېمە ئۈچۈن قاننى مۇ‌قە‌ددە‌س كۆرىدۇ؟‏

  • خۇ‌دانىڭ قاندىن ساقلىنىش بۇ‌يرۇ‌قى قان سېلىشقىمۇ قارىتىلىدىغانلىقىنى قە‌يە‌ردىن بىلىمىز؟‏

  • قان بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌تلىك داۋالاش ئۇ‌سۇ‌للىرىنى تاللاشقا توغرا كە‌لگە‌ندە،‏ دانا قارارلارنى چىقىرىش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟‏

مە‌قسە‌ت

ئىزدىنىپ كۆرۈڭ

ئۆز قېنىڭىز بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌تلىك داۋالىنىش ئۇ‌سۇ‌لىنى تاللاشنى قارار قىلىشتىن بۇ‌رۇ‌ن نېمە توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلاش كېرە‌ك؟‏

‏«ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرى»‏ (‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى»،‏ 2000-‏يىل،‏ 15-‏ئۆكتە‌بىر)‏

قاندىن ئايرىپ ئېلىنغان كىچىك تە‌ركىبىي ماددىلار توغرۇ‌لۇ‌ق قارار چىقارغاندا،‏ نېمىنى نە‌زە‌ردە تۇ‌تۇ‌ش كېرە‌ك؟‏

‏«ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرى»‏ (‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى»،‏ 2004-‏يىل،‏ 15-‏ئىيۇ‌ن)‏

بىر دوختۇ‌رنىڭ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ قانغا بولغان كۆزقارىشى دانا ئىكە‌نلىكىنى چۈشىنىشىگە نېمە ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏

‏«خۇ‌دانىڭ قانغا بولغان كۆزقارىشىنى قوبۇ‌ل قىلدىم»‏ (‏«ئويغىنىش!‏»،‏ 2003-‏يىل،‏ 8-‏دېكابىر)‏

دوختۇ‌رخانىلار بىلە‌ن ئالاقىلىشىش كومىتېتلىرىدا خىزمە‌ت قىلىدىغان ئاقساقاللار ئېتىقادداشلىرىغا قانداق ياردە‌م بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ بېقىڭ.‏

‏«يە‌ھۋا كېسە‌ل ئادە‌ملە‌رنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌يدۇ»‏ (‏23:‏10)‏

a ‏«توغرا قارارلارنى چىقىرىشقا نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏» دە‌پ ئاتالغان 35-‏دە‌رسكە قاراڭ.‏

b بۇ دە‌رستىكى «قاندىن ئايرىپ ئېلىنغان كىچىك تە‌ركىبىي ماددىلار ھە‌ققىدە» دېگە‌ن  5-‏نۇ‌قتىغا‏؛‏ «قانغا مۇ‌ناسىۋە‌تلىك داۋالاش ئۇ‌سۇ‌للىرى» دېگە‌ن 3-‏ئىزاھاتقا قاراڭ.‏

c بە‌زى دوختۇ‌رلار قاننىڭ تۆت ئاساسلىق تە‌ركىبلىرىنى قاندىن ئايرىپ ئېلىنغان كىچىك تە‌ركىبىي ماددىلار سۈپىتىدە تونۇ‌يدۇ.‏ شۇ‌ڭلاشقا،‏ پۈتۈن قان ياكى قىزىل قان ھۈجە‌يرىلىرى،‏ ئاق قان ھۈجە‌يرىلىرى،‏ قان پلاستىنكىلىرى ياكى قان پلازمىسىنى قوبۇ‌ل قىلماسلىقنى قارار قىلغانلىقىڭىزنى،‏ سىز ئۆزىڭىز دوختۇ‌رىڭىزغا ئېنىق چۈشە‌ندۈرۈشىڭىز لازىم.‏