46-دەرس
نېمە ئۈچۈن ھاياتىمىزنى خۇداغا بېغىشلاپ، سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈشىمىز كېرەك؟
ئۆزىڭىزنى يەھۋاغا بېغىشلىغاندا، دۇئا قىلىپ، ھاياتىڭىزدا پەقەت ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىدىغانلىقىڭىزنى ۋە ئۇنىڭ ئىرادىسىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدىغانلىقىڭىزنى ۋەدە قىلىسىز (زەبۇر 40:8). ئۇنىڭدىن كېيىن، سۇغا چۆمۈلدۈرۈلىسىز. شۇنداق قىلىش ئارقىلىق، باشقىلارغا ھاياتىڭىزنى ياراتقۇچىغا بېغىشلىغانلىقىڭىزنى كۆرسىتىسىز. ئۆزىمىزنى يەھۋاغا بېغىشلاش ھاياتىمىزدا چىقىرىدىغان قارارلار ئارىسىدىكى ئەڭ مۇھىم قارار. نېمە سىزنى ھاياتىڭىزنى ئۆزگەرتىدىغان بۇنداق مۇھىم قارارنى چىقىرىشقا دەۋەت قىلىشى مۇمكىن؟
1. كىشىنى ھاياتىنى خۇداغا بېغىشلاشقا نېمە دەۋەت قىلىدۇ؟
ھاياتىمىزنى يەھۋاغا بېغىشلىشىمىزغا سۆيگۈ-مۇھەببەت دەۋەت قىلىدۇ (1-يۇھاننا 4:10، 19). مۇقەددەس كىتاب بىزنى: «تەڭرىڭ يەھۋانى پۈتۈن قەلبىڭ، پۈتۈن جېنىڭ ۋە پۈتۈن كۈچۈڭ بىلەن سۆيگىن» دېگەن ئەمىرگە بويسۇنۇشقا ئۈندەيدۇ (ماركۇس 12:30). بىز خۇدانى سۆيىدىغانلىقىمىزنى پەقەت سۆزىمىزدە ئەمەس، بەلكى قىلغان ئىشىمىزدا كۆرسىتىمىز. خۇددى بىر-بىرىنى ھەقىقىي سۆيىدىغان بىر جۈپلەر توي قىلغانغا ئوخشاش، يەھۋاغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىز ھاياتىمىزنى ئۇنىڭغا بېغىشلاپ، سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈشكە دەۋەت قىلىدۇ.
2. يەھۋا چۆمۈلدۈرۈلگەن خىزمەتچىلىرىنى قانداق بەرىكەتلەيدۇ؟
سۇغا چۆمۈلدۈرۈلگىنىڭىزدە، يەھۋانىڭ شاد-خۇراملىققا تولغان ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولىسىز. شۇنىڭ بىلەن، ئۇنىڭ سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى نۇرغۇن تەرەپلەردە ھېس قىلىسىز ۋە بۈگۈنكىدىنمۇ بەكرەك ئۇنىڭغا يېقىنلىشىسىز (مالاكى 3:16–18-نى ئوقۇڭ). ياراتقۇچى يەھۋا سىزنىڭ ئاتىڭىز بولىدۇ، شۇنداقلا ئۇنى ۋە سىزنى ياخشى كۆرىدىغان، دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدا ياشايدىغان قېرىنداشلارغا ئېرىشىسىز (ماركۇس 10:29، 30). ئەلۋەتتە، سىز چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئىلگىرى چوقۇم بەزى قەدەملەرنى بېسىشىڭىز لازىم. سىز ياراتقۇچى يەھۋا ھەققىدە بىلىم ئېلىشىڭىز، ئۇنى سۆيۈشنى ئۆگىنىشىڭىز ۋە ئۇنىڭ ئوغلىغا ئىشىنىشىڭىز كېرەك. ئاخىرىدا، ھاياتىڭىزنى چوقۇم يەھۋاغا بېغىشلىشىڭىز كېرەك. ئەگەر بۇ قەدەملەرنى بېسىپ، كېيىن سۇغا چۆمۈلدۈرۈلسىڭىز، مەڭگۈ شاد-خۇرام ياشاش ئىمكانىيىتىڭىز بولىدۇ. خۇدا سۆزىدە شۇنداق يېزىلغان: چۆمۈلدۈرۈلۈش سىلەرنى قۇتقۇزالايدۇ.—1-پېترۇس 3:21.
چوڭقۇرراق قېزىڭ
ھاياتىڭىزنى يەھۋاغا بېغىشلاش ۋە سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈشنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇھىملىقىنى بىلىۋېلىڭ.
3. كىمگە ئىبادەت قىلىشنى چوقۇم ئۆزىمىز تاللىشىمىز كېرەك
قەدىمدە، بەزى ئىسرائىللار بىرلا ۋاقىتتا ھەم يەھۋاغا ھەم ساختا ئىلاھ بائالغا ئىبادەت قىلالايمىز دەپ ئويلىغان. ئەمما، يەھۋا بۇ كىشىلەرنىڭ خاتا ئوي-پىكرىنى تۈزىتىش ئۈچۈن ئىلياس پەيغەمبەرنى ئەۋەتكەن. 1-پادىشاھلار 18:21-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
-
ئىسرائىللار چوقۇم نېمىنى قارار قىلىشى كېرەك ئىدى؟
ئىسرائىللارغا ئوخشاش، بىزمۇ كىمگە ئىبادەت قىلىشنى تاللىشىمىز كېرەك. لۇقا 16:13-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:
-
نېمە ئۈچۈن بىز بىرلا ۋاقىتتا ھەم يەھۋاغا، ھەم باشقا بىرىگە ياكى نەرسىگە ئىبادەت قىلالمايمىز؟
-
يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشنى تاللىغانلىقىمىزنى ئۇنىڭغا قانداق كۆرسىتىمىز؟
4. يەھۋانىڭ سىزگە كۆرسەتكەن سۆيگۈ-مۇھەببىتى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىڭ
يەھۋا بىزگە نۇرغۇن قىممەتلىك سوۋغاتلارنى بېرىپ كېلىۋاتىدۇ. بىز ئۇنىڭغا نېمە بېرەلەيمىز؟ فىلىمنى كۆرۈڭ.
يەھۋا قايسى يوللار بىلەن سىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىپ كېلىۋاتىدۇ؟ زەبۇر 104:14، 15 ۋە 1-يۇھاننا 4:9، 10-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:
-
يەھۋا بەرگەن قايسى سوۋغاتلار ئۈچۈن سىز ئالاھىدە مىننەتدار؟
-
ئاشۇ سوۋغاتلار سىزنى ياراتقۇچى ھەققىدە قانداق ھېس-تۇيغۇغا كەلتۈرىدۇ؟
بىز ئۆزىمىز بەك ياقتۇرىدىغان سوۋغاتقا ئېرىشكەندە، شۇ سوۋغاتنى بەرگەن كىشىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى خالايمىز. تەكرار قانۇن 16:17-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
-
يەھۋانىڭ سىز ئۈچۈن قىلغان بارلىق ئىشلىرى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىش سىزنى نېمە قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ؟
5. ئۆزىڭىزنى يەھۋاغا بېغىشلاش نۇرغۇن بەرىكەتلەرگە ئېرىشتۈرىدۇ
بەك كۆپ ئىنسانلار نام-شۆھرەت، ياخشى كەسىپ ياكى پۇل بەختكە ئېرىشتۈرىدۇ دەپ قارايدۇ. راستىنلا شۇنداقمۇ؟ فىلىمنى كۆرۈڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللار ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.
-
بۇ فىلىمدا، پۇتبولچى توپ ئويناشنى بەك ياخشى كۆرسىمۇ، نېمە ئۈچۈن شۇ كەسپىدىن ۋاز كەچتى؟
-
ئۇ ئۆز ھاياتىنى پۇتبولغا ئەمەس، بەلكى يەھۋاغا بېغىشلاشنى قارار قىلغان ئىدى. سىزنىڭچە، ئۇ توغرا قارار چىقارغانمۇ؟ نېمە ئۈچۈن؟
ئەلچى پاۋلۇس ئىلگىرى داڭلىق ئۇستازدىن يەھۇدىيلارنىڭ قانۇنىنى ئۆگەنگەن. مەسىھ ئەگەشكۈچىسى بولۇشتىن بۇرۇن، ئۇ ھەممە كىشى ھەۋەس قىلىدىغان مەرتىۋىلىك كەسىپنى قوغلاشقان ئىدى. ئەمما، ئۇ ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىسى بولۇش ئۈچۈن كەسپىنى تاشلىۋەتكەن. كېيىن پاۋلۇس پۇشايمان قىلغانمۇ؟ فىلىپىلىكلەر 3:8-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:
-
نېمە ئۈچۈن پاۋلۇس ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىسى بولۇشتىن ئىلگىرى قىلغان ئىشلىرىنى «ئەخلەت» دېگەن؟
-
ئۇ ئاشۇ تاشلاۋەتكەنلىرىنىڭ ئورنىغا نېمىگە ئېرىشكەن؟
-
سىزنىڭچە، ھاياتىڭىزدا يەھۋاغا خىزمەت قىلىشتىن ياخشىراق ئىش بارمۇ؟
پاۋلۇس ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىسى بولغاندا، ئۇ ۋاز كەچكەندىنمۇ كۆپرەك نەرسىلەرگە ئېرىشكەن
بەزىلەر مۇنداق دەيدۇ: «خۇدا دەپلا ھەممە نەرسىمىزدىن ۋاز كېچىش ئەخمەقلىق».
-
سىزنىڭچە، ئۆزىڭىزنى ياراتقۇچى يەھۋاغا بېغىشلاشنىڭ ئەھمىيىتى بارمۇ؟
خۇلاسە
سۆيگۈ-مۇھەببەت بىزنى ھاياتىمىزنى يەھۋاغا بېغىشلاشقا ۋە چۆمۈلدۈرۈلۈشكە ئۈندەيدۇ.
تەكرارلاش
-
نېمە ئۈچۈن يەھۋا چىن قەلبىمىزدىن سۆيۈشكە ۋە ئىبادەت قىلىشقا لايىق؟
-
يەھۋا سۇغا چۆمۈلدۈرۈلگەن خىزمەتچىلىرىنى قانداق مۇكاپاتلايدۇ؟
-
ھاياتىڭىزنى يەھۋاغا بېغىشلاشنى خالامسىز؟
ئىزدىنىپ كۆرۈڭ
بىر مۇزىكانت ۋە تەنھەرىكەتچى نېمە ئۈچۈن ئۆزىنى يەھۋاغا بېغىشلاشنى قارار قىلغانلىقىنى كۆرۈڭ.
«ياشلارنىڭ سوئاللىرى — ھاياتىمنى نېمىگە بېغىشلايمەن؟ ئۆتمۈشنى ئەسلەش» (54:6)
ھاياتىڭىزنى يەھۋاغا بېغىشلاشنىڭ يەنە قانداق باشقا سەۋەبلىرى بارلىقىنى ئويلاپ بېقىڭ.
«نېمە ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى يەھۋاغا بېغىشلايسىز؟» («كۈزىتىش مۇنارى»، 2010-يىل، 15-يانۋار)
بۇ مۇزىكىلىق فىلىمدا، ھاياتىنى يەھۋاغا بېغىشلىغان كىشىلەرنىڭ چىرايىدا جىلۋىلەنگەن خۇشاللىققا دىققەت قىلىڭ.
«شۇنچە يىللاردىن بېرى، «نېمە ئۈچۈن بىز بۇ دۇنياغا كەلدۇق؟»،— دەپ ئويلاپ يۈرگەن ئىدىم» دېگەن تەرجىمىھالدىن بىر ئايالنى ھاياتتا نېمىنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىشقا نېمە دەۋەت قىلغانلىقىنى كۆرۈپ بېقىڭ.
«مۇقەددەس كىتاب ھاياتنى ئۆزگەرتىدۇ» («كۈزىتىش مۇنارى»، 2012-يىل، 1-نويابىر)