مەن تەييارمۇ؟
مەن جامائەت بىلەن بىرلىكتە ۋەز ئېيتىشقا تەييارمۇ؟
تۆۋەندىكى ئىشلارنى قىلسىڭىز، چۆمۈلدۈرۈلمىگەن ۋەز ئېيتقۇچى بولۇشقا لايىق بولالايسىز:
دائىم مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىڭ، دۇئا قىلىڭ ۋە جامائەت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىڭ.
ئالغان بىلىملىرىڭىزگە ئىشىنىڭ ۋە ئۇلارنى قەدىرلەڭ، ھەمدە باشقىلارغا ئېيتىپ بېرىڭ.
ياراتقۇچى يەھۋانى سۆيۈڭ ۋە ئۇنى سۆيىدىغان كىشىلەر بىلەن دوست بولۇڭ.
ھەرقانداق سىياسىي پارتىيە ياكى ساختا دىنلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىزنى ئۈزۈڭ.
يەھۋانىڭ قانۇن-ئۆلچەملىرىگە ماس ياشاڭ ۋە يەھۋا گۇۋاھچىسى بولۇشقا ئىنتىلىڭ.
ئەگەر جامائەت بىلەن بىرلىكتە ۋەز ئېيتىشقا تەييار بولسىڭىز، سىزگە مۇقەددەس كىتاب ئۆگىتىۋاتقان كىشىگە ئېيتىڭ. ئۇ ئاقساقاللارنى سىز بىلەن سۆھبەتلىشىشكە ئورۇنلاشتۇرالايدۇ. ئۇلار سىزنىڭ چۆمۈلدۈرۈلمىگەن ۋەز ئېيتقۇچى بولۇش ئۈچۈن نېمە قىلىشىڭىز كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
مەن چۆمۈلدۈرۈلۈشكە تەييار بولدۇممۇ؟
تۆۋەندىكى ئىشلارنى قىلسىڭىز، چۆمۈلدۈرۈلۈشكە لايىق بولالايسىز:
چۆمۈلدۈرۈلمىگەن ۋەز ئېيتقۇچى بولۇڭ.
مۇمكىنقەدەر كۆپرەك ۋەز خىزمىتىگە قاتنىشىشقا تىرىشىڭ.
سادىق ۋە ئەقىل-پاراسەتلىك قۇلنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەڭ ۋە كۆرسەتمىلىرىگە بويسۇنۇڭ.—مەتتا 24:45–47.
يەھۋاغا مەڭگۈ خىزمەت قىلىش ئۈچۈن، شەخسىي دۇئادا ئۆزىڭىزنى ئۇنىڭغا بېغىشلاڭ.
ئەگەر سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈشكە تەييار بولسىڭىز، سىزگە مۇقەددەس كىتاب ئۆگىتىۋاتقان كىشىگە ئېيتىڭ. ئۇ ئاقساقاللارنى سىز بىلەن سۆھبەتلىشىشكە ئورۇنلاشتۇرالايدۇ. ئۇلار سىزگە چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشكە لايىق بولۇش ئۈچۈن نېمە قىلىشىڭىز كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.