48-دەرس
دانالىق بىلەن دوستلارنى تاللاڭ
يېقىن دوستلار شاد-خۇرام چاغلىرىمىزدا بىزگە قوشۇلۇپ، تەڭ خۇشال بولىدۇ ۋە ئېغىر كۈنلەردە بىزگە يېقىن تۇرۇپ، كۈچ-مەدەت بېرىدۇ. ئەمما، مۇقەددەس كىتاب ھەممىلا كىشىنىڭ بىزگە ياخشى دوست بولالمايدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئۇنداقتا، ياخشى دوستلارنى قانداق تاللاشقا بولىدۇ؟ تۆۋەندىكى بىرقانچە سوئاللارنى مۇھاكىمە قىلايلى.
1. تاللىغان دوستلىرىڭىز سىزگە قانداق تەسىر قىلىدۇ؟
بىز ئادەتتە بىللە ۋاقىت ئۆتكۈزىدىغان كىشىلەرگە ئوخشاپ قېلىشقا مايىل. مەيلى بىز ئۇلار بىلەن يۈزمۇ-يۈز كۆرۈشەيلى ياكى ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ۋاقىت ئۆتكۈزەيلى، بۇ بىزگە ياخشى ياكى يامان تەسىر قىلىشى مۇمكىن. مۇقەددەس كىتابتا شۇنداق يېزىلغان: «كىمكى دانالار بىلەن ھەمراھ بولسا، دانا بولار، ئەمما كىمكى نادانلار [يەھۋانى سۆيمەيدىغانلار] بىلەن ئارىلاشسا زىيانغا ئۇچرار» (پەندى-نەسىھەت 13:20). دېمەك، يەھۋانى سۆيىدىغان ۋە ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىدىغان دوستلار بىزنىڭ يەھۋاغا تېخىمۇ يېقىنلىشىشىمىزغا ۋە توغرا قارارلارنى چىقىرىشىمىزغا ياردەم بېرەلەيدۇ. ئەمما، يەھۋانى سۆيمەيدىغان دوستلار بىزنى ئۇنىڭدىن يىراقلاشتۇرۇپ كېتەلەيدۇ. مۇشۇ سەۋەبتىن، مۇقەددەس كىتاب بىزنى دانالىق بىلەن دوستلارنى تاللاشقا دەۋەت قىلىدۇ! دوستلىرىمىز يەھۋانى سۆيىدىغان كىشىلەر بولسا، بىزگە ياخشى تەسىر قىلىدۇ ۋە بىزمۇ ئۇلارغا ياخشى تەسىر قىلىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا، بىر-بىرىمىزنى داۋاملىق رىغبەتلەندۈرۈپ، بىر-بىرىمىزنىڭ ئىشەنچىسىنى كۈچەيتەلەيمىز.—1-سالونىكالىقلار 5:11.
2. كىمنى دوست تۇتۇشىمىز يەھۋا ئۈچۈن مۇھىممۇ؟
يەھۋا ئۆزىگە دوستلارنى تاللىغاندا، ئېھتىياتچان بولىدۇ. ئۇ ھەققانىي كىشىلەرنى يېقىن دوست تۇتىدۇ (پەندى-نەسىھەت 3:32). ئەگەر بىز يەھۋانى سۆيمەيدىغانلارنى دوست تۇتساق، يەھۋا قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولىدۇ؟ ئۇنىڭ كۆڭلى بەك ئاغرىيدۇ! (ياقۇپ 4:4-نى ئوقۇڭ). ئەكسىچە، بىز يامانلار بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋىتىمىزنى ئۈزۈپ، خۇدا ۋە ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلار بىلەن دوست بولساق، ياراتقۇچىمىز بەك خۇشال بولىدۇ ۋە بىزنى دوست بولۇشقا تاللايدۇ.—زەبۇر 15:1–4.
چوڭقۇرراق قېزىڭ
كىمنى دوست تاللاش نېمە ئۈچۈن شۇنچە مۇھىم؟ مەنلىك ھايات كەچۈرۈشكە ياردەم بېرىدىغان ھەقىقىي دوستلۇقنى قانداق راۋاجلاندۇرالايسىز؟ بۇ سوئاللار ئۈستىدە چوڭقۇرراق ئويلىنىپ كۆرۈڭ.
3. يامان دوستلاردىن يىراق تۇرۇڭ
خۇدانى ۋە ئۇنىڭ ئۆلچەملىرىنى سۆيمەيدىغان ئىنسانلار يامان دوستلاردۇر. فىلىمنى كۆرۈڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئال ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.
-
قانداق قىلىپ ئۆزىمىزمۇ سەزمەي يامانلار بىلەن دوست بولۇپ قالىمىز؟
1-كورىنتلىقلار 15:33-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:
-
كىملەر سىزگە يامان تەسىر قىلىشى مۇمكىن؟ نېمە ئۈچۈن شۇنداق ئويلايسىز؟
زەبۇر 119:63-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
-
سىز چوقۇم قانداق ئادەمنى دوست بولۇشقا تاللىشىڭىز كېرەك؟
بىر سېسىغان ئالما باشقا ئالمىلارنى سېسىتالايدۇ. بىر يامان دوست سىزگە قانداق تەسىر قىلالىشى مۇمكىن؟
4. پەرقلىق كىشىلەر بىزنىڭ ياخشى دوستلىرىمىز بولالايدۇ
مۇقەددەس كىتابتا قەدىمقى ئىسرائىلدىكى ئىككى كىشىنىڭ، يەنى داۋۇت بىلەن يوناتاننىڭ دوستلىقى تەسۋىرلەنگەن. يېشى ۋە شارائىتى بىر-بىرىدىن پەرقلىق بولسىمۇ، ئۇلار يېقىن دوستلۇق ئورنىتالىغان ئىدى. 1-سامۇئىل 18:1-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
-
نېمە ئۈچۈن دوستلىرىمىزنىڭ يېشى ياكى جەمئىيەتتىكى ئورنى ھەردائىم بىزنىڭكىگە ئوخشاش بولۇشى شەرت ئەمەس؟
رىملىقلار 1:11، 12-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
-
يەھۋانى سۆيىدىغان دوستلار بىر-بىرىنى قانداق ئىلھاملاندۇرالايدۇ؟
بۇ فىلىمدا، بىر ياش بۇرادەرنىڭ ئۆزى كۈتمىگەن جايلاردا دوستلارنى قانداق تاپقانلىقىنى كۆرۈڭ. فىلىمنى كۆرۈڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللار ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.
-
نېمە ئۈچۈن ئاكىلنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ مەكتەپتىكى دوستلىرىدىن غەم-ئەندىشە قىلغان؟
-
دەسلەپتە ئاكىل نېمە ئۈچۈن مەكتەپتىكى بالىلار بىلەن دوست بولۇشنى خالىغان؟
-
ئۇ قانداق قىلىپ يالغۇزلۇقنى يەڭگەن؟
5. يېقىن دوستلۇق ئورنىتىڭ
قانداق قىلىپ يېقىن دوست تاپالايسىز ۋە باشقىلارنىڭ يېقىن دوستى بولالايسىز؟ تۆۋەندىكى فىلىمنى كۆرۈڭ. فىلىمنى كۆرۈڭ.
پەندى-نەسىھەت 18:24 ۋە 27:17-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
-
ھەقىقىي دوستلار بىر-بىرىگە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
-
سىزنىڭ شۇنداق ياخشى دوستلىرىڭىز بارمۇ؟ ئەگەر بولمىسا، ياخشى دوستلارنى قانداق تاپالايسىز؟
فىلىپىلىكلەر 2:4-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
-
ياخشى دوستلارنى تېپىش ئۈچۈن، ئۆزىڭىز ياخشى دوست بولۇشىڭىز كېرەك. ياخشى دوست بولۇش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟
ياخشى دوستلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن، ئۆزىڭىز ياخشى دوست بولۇشىڭىز كېرەك
بەزىلەر مۇنداق دەيدۇ: «يامان دوست بولسىمۇ، دوستۇم بار، دوستسىز يۈرگەندىن ياخشى».
-
سىز بۇنىڭغا نېمە دەيسىز؟
خۇلاسە
دانالىق بىلەن دوست تاللىساق، يەھۋانى خۇشال قىلىمىز ۋە بۇ ئۆزىمىز ئۈچۈنمۇ پايدىلىق.
تەكرارلاش
-
نېمە ئۈچۈن يەھۋا بىزنىڭ دوست تاللىشىمىزغا كۆڭۈل بۆلىدۇ؟
-
بىز قانداق دوستلاردىن يىراق تۇرۇشىمىز كېرەك؟
-
بىزگە ياخشى تەسىر قىلىدىغان دوستلارنى تۇتۇش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلالايمىز؟
ئىزدىنىپ كۆرۈڭ
بېشىمىزغا كۈن چۈشكەندە ياخشى دوستلار قانداق ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىنى كۆرۈڭ.
ياخشى دوستلارنى تېپىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقىڭىز ھەققىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.
«ياخشى دوستلارنى تېپىش ئۈچۈن نېمە قىلالايمەن؟» («ياشلارنىڭ سوئاللىرى — ئەمەلىي مەسلىھەتلەر»، 1-قىسىم، 8-باب)
توردا دوستلۇق ئورنىتىش ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىشىڭىز كېرەك؟
«مەن ئاتىغا ئىنتىزار بولغان ئىدىم» ناملىق تەرجىمىھالدىن بىر كىشىنىڭ ئىلگىرىكى دوستلىرى بىلەن ئالاقىسىنى نېمە ئۈچۈن ئۈزگەنلىكىنى بىلىۋېلىڭ.
«مۇقەددەس كىتاب ھاياتنى ئۆزگەرتىدۇ» («كۈزىتىش مۇنارى»، 2012-يىل، 1-ئاپرېل)