مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

52-‏دە‌رس

تاشقى كۆرۈنىشىمىزگە دىققە‌ت قىلىش نېمە ئۈچۈن مۇ‌ھىم؟‏

تاشقى كۆرۈنىشىمىزگە دىققە‌ت قىلىش نېمە ئۈچۈن مۇ‌ھىم؟‏

ھە‌ممىمىزنىڭ ئۆزىمىزگە يارىشا كىيىنىش ۋە ياسىنىش ئارزۇ-‏ئىستە‌كلىرى بار.‏ ئە‌گە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ بىرقانچە ئاددىي پرىنسىپلىرىغا ئە‌مە‌ل قىلساق،‏ ئۆزىمىز ياقتۇ‌رىدىغان كىيىم-‏كېچە‌كنى كىيە‌لە‌يمىز ۋە يە‌ھۋانىمۇ خۇ‌شال قىلالايمىز.‏ بۇ پرىنسىپلارنىڭ بە‌زىلىرىنى كۆرۈپ باقايلى.‏

1.‏ كىيىنىش ۋە ياسىنىش مە‌سىلىسىدە قايسى پرىنسىپلارغا ئە‌مە‌ل قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

كىيىنىشىمىز مۇ‌ۋاپىق،‏ ئە‌خلاقلىق ۋە ئوي-‏پىكىردە ساغلام بولغانلىقىمىزنى ھە‌مدە پاكىزە تاشقى قىياپىتىمىز خۇ‌دا يولىدا ماڭغان كىشى ئىكە‌نلىكىمىزنى دائىم ئە‌كس ئە‌تتۈرۈشى كېرە‌ك (‏1-‏تىموتىي 2:‏9،‏ 10‏)‏.‏ بۇ تۆت پرىنسىپنى كۆرۈپ باقايلى:‏ (‏1)‏ كىيىنىشىمىز مۇ‌ۋاپىق بولۇ‌شى كېرە‌ك.‏ جامائە‌ت يىغىلىشلىرىدا بايقىغان بولسىڭىز،‏ يە‌ھۋانىڭ خىزمە‌تچىلىرى بىر-‏بىرىدىن پە‌رقلىق كىيىنىدۇ.‏ كىيىم-‏كېچە‌ك ۋە چاچ پاسۇ‌نلىرىمىز ئۆزىمىز ئىبادە‌ت قىلىدىغان خۇ‌دانى ھۆرمە‌تلە‌يدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىدۇ.‏ (‏2)‏ ئە‌خلاقلىق تاشقى قىياپە‌ت —‏ باشقىلارنىڭ شە‌ھۋانىي ئارزۇ-‏ھە‌ۋە‌سلىرىنى قوزغايدىغان ياكى دىققىتىنى جە‌لپ قىلىدىغان كىيىنىش ۋە ياسىنىشتىن ساقلىنىشنى بىلدۈرىدۇ.‏ (‏3)‏ بىز ھە‌ربىر مودىغا ئە‌گىشىپ كىيىنىش ۋە ياسىنىش ئۇ‌سلۇ‌بلىرىغا ئە‌گە‌شمىسە‌ك،‏ ئوي-‏پىكىردە ساغلام ئىكە‌نلىكىمىزنى كۆرسىتىمىز.‏ (‏4)‏ تاشقى قىياپىتىمىز بىزنىڭ خۇ‌دا يولىدا ماڭىدىغان كىشى ئىكە‌نلىكىمىزنى ھە‌مىشە ئە‌كس ئە‌تتۈرۈشى كېرە‌ك.‏ شۇ‌ندىلا باشقىلار بىزنىڭ ھە‌ق خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلىدىغانلىقىمىزنى كۆرە‌لە‌يدۇ.‏—‏1-‏كورىنتلىقلار 10:‏31‏.‏

2.‏ تاشقى قىياپىتىمىز ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزغا قانداق تە‌سىر قىلىدۇ؟‏

گە‌رچە نېمە كىيىشنى تاللاش ئە‌ركىنلىكىمىز بار بولسىمۇ،‏ تاشقى قىياپىتىمىز باشقىلارغا قانداق تە‌سىر قىلىدىغانلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلىشىمىز كېرە‌ك.‏ بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلە‌ن ھېچكىمنى رە‌نجىتمە‌ي،‏ بە‌لكى باشقىلارنىڭ پايدىسىنى كۆزلە‌پ،‏ ئۇ‌نى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌ش ئۈچۈن كۆڭلىنى مە‌منۇ‌ن قىلىشقا تىرىشىمىز.‏—‏رىملىقلار 15:‏1،‏ 2-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

3.‏ تاشقى قىياپىتىمىز باشقىلارنى يە‌ھۋا ھە‌ققىدە بىلىم ئېلىشقا قانداق جە‌لپ قىلالايدۇ؟‏

بىز ھە‌ربىر سورۇ‌نغا مۇ‌ۋاپىق كىيىنىشكە تىرىشساق،‏ بولۇ‌پمۇ جامائە‌ت يىغىلىشلىرىغا ۋە ۋە‌ز خىزمىتىگە قاتناشقاندا،‏ كىيىنىشىمىزگە ئالاھىدە ئە‌ھمىيە‌ت بېرىمىز.‏ تاشقى كۆرۈنۈشىمىزنىڭ كىشىلە‌رنى ھە‌قىقە‌تنى قوبۇ‌ل قىلىشتىن توسۇ‌پ قويۇ‌شىنى ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئۇ‌لارنى ھە‌قىقە‌تكە جە‌لپ قىلىپ،‏ قۇ‌تقۇ‌زغۇ‌چىمىز خۇ‌دا توغرىسىدىكى تە‌لىملە‌رنى زىننە‌تلىشىنى بە‌كمۇ خالايمىز.‏—‏تىتۇ‌س 2:‏10‏.‏

چوڭقۇ‌رراق قېزىڭ

كىيىنىشىمىز ۋە تاشقى قىياپىتىمىز مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىسى ئىكە‌نلىكىمىزنى ئە‌كس ئە‌تتۈرۈشى ئۈچۈن نېمىلە‌رنى قىلالايدىغانلىقىمىزنى مۇ‌ھاكىمە قىلايلى.‏

تاشقى كۆرۈنۈشىمىز ھۆكۈمە‌ت ئە‌مە‌لدارلىرىنى ھۆرمە‌تلە‌يدىغان ياكى ھۆرمە‌تلىمە‌يدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتە‌لە‌يدۇ.‏ گە‌رچە يە‌ھۋا كۆڭلىمىزدە نېمە بارلىقىنى كۆرسىمۇ،‏ بىراق تاشقى قىياپىتىمىز ئۇ‌نىڭغا بولغان ھۆرمىتىمىزنى نامايان قىلىشى كېرە‌ك

4.‏ مۇ‌ۋاپىق تاشقى كۆرۈنۈشىمىز يە‌ھۋانى ھۆرمە‌تلە‌يدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىدۇ

تاشقى قىياپىتىمىزگە كۆڭۈل بۆلۈشىمىزنىڭ ئە‌ڭ مۇ‌ھىم سە‌ۋە‌بى نېمە؟‏ زە‌بۇ‌ر 47:‏2-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • باشقىلارنىڭ يە‌ھۋاغا بولغان كۆزقارىشىغا تاشقى قىياپىتىمىز تە‌سىر قىلىدىغانلىقىنى ئېسىمىزدە تۇ‌تساق،‏ قانداق كىيىنىشنى قارار قىلىمىز؟‏

  • سىزنىڭچە،‏ ئىبادە‌ت يىغىلىشىغا ۋە ۋە‌ز خىزمە‌تكە قاتناشقاندا،‏ تاشقى كۆرۈنىشىمىزگە دىققە‌ت قىلىش نېمە ئۈچۈن مۇ‌ھىم؟‏

5.‏ قانداق كىيىنىش ۋە ياسىنىشنى تاللاشقا نېمە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

فىلىمنى كۆرۈڭ.‏

كىيىم-‏كېچە‌كلىرىمىز ئە‌رزان ياكى قىممە‌ت بولۇ‌شىدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ ئۇ‌لار پاكىزە ۋە مە‌لۇ‌م سورۇ‌نغا ماس كېلىشى كېرە‌ك.‏ 1-‏كورىنتلىقلار 10:‏24 ۋە 1-‏تىموتىي 2:‏9،‏ 10-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئاللارنى مۇ‌ھاكىمە قىلىڭ:‏

  • نېمە ئۈچۈن پاسكىنا،‏ رە‌تسىز ۋە ھە‌ددىدىن زىيادە ئە‌ركىن-‏ئازادە كىيىنىشتىن ساقلىنىشىمىز كېرە‌ك؟‏

  • نېمە ئۈچۈن تار،‏ بە‌دە‌نگە يېپىشىپ تۇ‌رىدىغان،‏ ئوچۇ‌ق ياكى باشقىلارنىڭ جىنسىي ھە‌ۋىسىنى قوزغايدىغان كىيىملە‌رنى كىيمە‌سلىكىمىز لازىم؟‏

گە‌رچە ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى تە‌ۋرات قانۇ‌نى ئاستىدا بولمىسىمۇ،‏ بىراق شۇ قانۇ‌نلاردىن يە‌ھۋانىڭ ئوي-‏پىكىرىنى چۈشىنە‌لە‌يدۇ.‏ تە‌كرار قانۇ‌ن 22:‏5-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • نېمە ئۈچۈن ئە‌رلە‌ر ئاياللارغا ياكى ئاياللار ئە‌رلە‌رگە ئوخشاش كىيىنىش ياكى ياسىنىشتىن ساقلىنىشىمىز كېرە‌ك؟‏

1-‏كورىنتلىقلار 10:‏32،‏ 33 ۋە 1-‏يۇ‌ھاننا 2:‏15،‏ 16-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • تاشقى قىياپىتىمىزنىڭ جە‌مئىيە‌تتىكى ياكى جامائە‌تتىكى بە‌زى كىشىلە‌رنىڭ كۆڭلىنى رە‌نجىتىپ قويۇ‌شىدىن ساقلىنىشىمىز نېمە ئۈچۈن مۇ‌ھىم؟‏

  • سىز ياشاۋاتقان يە‌ردە قانداق كىيىنىش ۋە ياسىنىش مودا بولىۋاتىدۇ؟‏

  • سىزنىڭچە،‏ قايسى بە‌زىلىرى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ئۈچۈن ماس كە‌لمە‌يدۇ؟‏ نېمە ئۈچۈن؟‏

بىز تۈرلۈك ئۇ‌سلۇ‌بتا كىيىنسە‌ك ۋە ياسانساق بولىدۇ ۋە يە‌نىلا يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلالايمىز

بە‌زىلە‌ر مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «نېمىنى كىيىشنى خالىسام،‏ شۇ‌نى كىيىش ھوقۇ‌قۇ‌م بار».‏

  • سىزمۇ شۇ‌نداق ئويلامسىز؟‏ نېمە ئۈچۈن؟‏

خۇ‌لاسە

قانداق كىيىنىش ۋە ياسىنىشقا قارىتا توغرا قارارلارنى چىقارساق،‏ يە‌ھۋاغا ۋە باشقىلارغا بولغان ھۆرمىتىمىزنى ئىپادىلە‌يمىز.‏

تە‌كرارلاش

  • نېمىشقا كىيىنىش ۋە ياسىنىشىمىز يە‌ھۋا ئۈچۈن مۇ‌ھىم؟‏

  • كىيىنىش ۋە ياسىنىشقا قارىتا توغرا قارارلارنى چىقىرىشىمىزغا ياردە‌م بېرىدىغان قايسى بە‌زى پرىنسىپلار بار؟‏

  • تاشقى قىياپىتىمىز باشقىلارنىڭ پاك ئىبادە‌تكە بولغان كۆزقارىشىغا قانداق تە‌سىر كۆرسىتە‌لە‌يدۇ؟‏

مە‌قسە‌ت

ئىزدىنىپ كۆرۈڭ

كىيىنىشىڭىز باشقىلارغا قانداق تە‌سىر قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ بېقىڭ.‏

‏«تاشقى كۆرۈنۈشۈم قانداق؟‏»‏ (‏تور بېكە‌تتىكى ماقالە)‏

بە‌دىنىڭىزگە چە‌كتۈرۈشتىن بۇ‌رۇ‌ن،‏ نېمە ئۈچۈن ئويلىنىپ كۆرۈشىڭىز مۇ‌ھىم؟‏

‏«مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بە‌دە‌نگە چە‌كتۈرۈش ھە‌ققىدە نېمە دە‌يدۇ؟‏»‏ (‏تور بېكە‌تتىكى ماقالە)‏

كىيىنىش ۋە ياسىنىشقا قارىتا توغرا قارارلارنى چىقىرىشىمىزغا ياردە‌م بېرىدىغان يە‌نە قانداق مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پرىنسىپلىرى بار؟‏

‏«كىيىنىشىڭىز يە‌ھۋانى ئۇ‌لۇ‌غلامدۇ؟‏»‏ (‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى»،‏ 2016-‏يىل،‏ سېنتە‌بىر)‏

خۇ‌دانى خۇ‌رسە‌ن قىلىشنى خالىغان بىر ئايال باشقىلارنىڭ قارارىنى ھۆرمە‌تلە‌شنى ئۆگە‌نگە‌نلىكىنى كۆرۈڭ.‏

‏«كىيىنىش ۋە ياسىنىش ماڭا پۇ‌تلىكاشاڭ بولغان»‏ (‏«ئويغىنىش!‏»،‏ 2003-‏يىل،‏ 22-‏دېكابىر)‏