57-دەرس
ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويسىڭىز، نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟
سىز چوقۇم يەھۋانى چىن يۈرەكتىن سۆيىسىز ۋە ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىققا تىرىشىسىز. شۇنداقتىمۇ، ئاندا-ساندا خاتالىقلارنى ئۆتكۈزۈپ قويىسىز. ئەمما، بەزى گۇناھلار باشقىلىرىغا قارىغاندا تولىمۇ ئېغىر (1-كورىنتلىقلار 6:9، 10). ئەگەر ئېغىر گۇناھ قىلىپ قويسىڭىز، يەھۋانىڭ سىزنى سۆيۈشنى توختاتمىغانلىقىنى ئېسىڭىزدىن چىقارماڭ. ئۇ سىزنى كەچۈرۈشنى ۋە سىزگە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ.
1. يەھۋانىڭ كەچۈرۈمىگە ئېرىشىش ئۈچۈن چوقۇم نېمە قىلالايسىز؟
يەھۋانى سۆيىدىغانلار ئۆزلىرىنىڭ ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزگەنلىكىنى تونۇپ يەتكەندە قاتتىق ئازابلىنىدۇ. ئەمما، يەھۋا ئۆز خەلقىگە قىلغان ۋەدىلىرى ئارقىلىق كىشىنىڭ كۆڭلىگە تەسەللى بېرىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «گۇناھىڭلار قىپقىزىل بولسىمۇ، قاردەك ئاپئاق بولىدۇ» (يەشايا 1:18). ئەگەر بىز چىن دىلىمىزدىن توۋا قىلساق، يەھۋا بىزنى پۈتۈنلەي كەچۈرىدۇ. ئۇنداقتا، توۋا قىلغانلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟ چوڭقۇر پۇشايمان قىلىش ئارقىلىق بىز يامان ئىشلارنى قىلىشنى توختىتىمىز ۋە يەھۋادىن كەچۈرۈم تىلەيمىز. ئاندىن بىزنى گۇناھقا يېتەكلەيدىغان ئوي-پىكىر ياكى ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن بار كۈچىمىزنى چىقىرىمىز ۋە يەھۋانىڭ پاك ئۆلچەملىرىگە ماس ياشاشقا تىرىشىمىز.—يەشايا 55:6، 7-نى ئوقۇڭ.
2. گۇناھ ئۆتكۈزگىنىمىزدە، يەھۋا ئاقساقاللار ئارقىلىق بىزگە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
ئەگەر بىز ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزسەك، يەھۋا بىزگە: «جامائەتنىڭ ئاقساقاللىرىنى»،— دەيدۇ (ياقۇپ 5:14، 15-نى ئوقۇڭ). بۇ تەيىنلەنگەن كىشىلەر يەھۋا خۇدانى ۋە ئۇنىڭ قويلىرىنى سۆيىدۇ. ئۇلار بىزنىڭ يەھۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىمىزگە ياردەم بېرەلەيدۇ.—گالاتىيالىقلار 6:1.
ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويساق، ئاقساقاللار بىزگە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟ ئىككى ياكى ئۈچ ئاقساقال بىزنى مۇقەددەس كىتابتىكى نەسىھەت سۆزلىرىنى ئىشلىتىپ تۈزىتىدۇ. ئۇلار يەنە قايتا گۇناھ قىلىشتىن ساقلىنىشىمىز ئۈچۈن، بىزگە ئەمەلىي مەسلىھەت ۋە ئىلھام-مەدەت بېرىدۇ. يەھۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز قايتا ئەسلىگە كەلگىچە، ئۇلار بىزنىڭ بىر مەزگىل جامائەتنىڭ بەزى ئىش-پائالىيەتلىرىگە قاتناشماسلىقىمىزنى قارار قىلىشى مۇمكىن. ئاقساقاللار باشقا ئېتىقادچىلارنى زىيانلىق تەسىردىن قوغدايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، گۇناھىغا توۋا قىلمىغان كىشى جامائەتتىن چىقىرىلىدۇ.
چوڭقۇرراق قېزىڭ
ئەگەر ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويساق، يەھۋانىڭ بىزگە قانداق ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ياخشىراق بىلىۋېلىڭ ۋە ئۇنىڭغا تېخىمۇ چوڭقۇر مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى ئۆگىنىۋېلىڭ.
3. يەھۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش
بىز قىلغان ھەرقانداق گۇناھ يەھۋانىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىدۇ. شۇڭا، ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، گۇناھىمىزنى ئۇنىڭغا ئىقرار قىلىشىمىز كېرەك. زەبۇر 32 :1–5-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
-
نېمە ئۈچۈن گۇناھلىرىمىزنى يوشۇرۇشنىڭ ئورنىغا، يەھۋاغا ئىقرار قىلىش ياخشىراق؟
يەھۋاغا گۇناھىمىزنى ئىقرار قىلىشتىن باشقا، ئاقساقاللاردىن ياردەم سورىساق، ئۆزىمىزنى تېخىمۇ ياخشىراق ھېس قىلىمىز. فىلىمنى كۆرۈڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئال ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.
-
بۇ فىلىمدا، كېنوننىڭ يەھۋاغا قايتىپ كېلىشىگە ئاقساقاللار قانداق ياردەم بەرگەن؟
بىز ھېچنېمىنى يوشۇرماي، ئاقساقاللارغا راستىنى ئېيتىشىمىز لازىم. ئۇلار بىزگە ھەرقاچان ياردەم بېرىشكە تەييار. ياقۇپ 5:16-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
-
ئاقساقاللارغا راستىنى ئېيتىش ئۇلارنىڭ بىزگە ياردەم بېرىشىنى قانداق ئاسانلاشتۇرىدۇ؟
گۇناھلىرىڭىزنى ئىقرار قىلىپ، ئاقساقاللارغا راستىنى ئېيتىڭ ۋە يەھۋانىڭ مېھرىبانلىق بىلەن كۆرسەتكەن ياردىمىنى قوبۇل قىلىڭ
4. جامائەتتىن چىقىرىلىش ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ پايدىسى
ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزگەن كىشى يەھۋانىڭ ئۆلچەملىرىگە ئەمەل قىلىشنى رەت قىلسا، ئۇ ئەمدى جامائەتنىڭ ئەزاسى بولالمايدۇ. ئۇ جامائەتتىن چىقىرىلىدۇ ۋە بىز ئۇنىڭ بىلەن ئالاقە قىلمايمىز، ھەتتا ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشمەيمىز. 1-كورىنتلىقلار 5:6، 11 ۋە 2-يۇھاننا 9–11-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
-
خۇددى خېمىرتۇرۇچ خېمىرنى ئېچىتقانغا ئوخشاش، پۇشايمان قىلمىغان گۇناھكار بىلەن ئالاقە قىلىش جامائەتكە قانداق تەسىر قىلىدۇ؟
جامائەتتىن چىقىرىلغان نۇرغۇن كىشىلەر، كېيىنچە جامائەتكە قايتىپ كەلگەن. گەرچە جامائەتتىن چىقىرىلىش ئازابلىق بولسىمۇ، بۇ ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ خاتالىقلىرىنى تونۇپ يېتىشىگە ياردەم بەرگەن (زەبۇر 141:5). فىلىمنى كۆرۈڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئال ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.
-
جامائەتتىن چىقىرىش چارىسى سونياغا قانداق ياردەم بەردى؟
جامائەتتىن چىقىرىش ئورۇنلاشتۇرۇشى قانداقلارچە ...
-
يەھۋانىڭ ئىسىمىنى ئۇلۇغلايدۇ؟
-
يەھۋانىڭ ئادىل ۋە رەھىم-شەپقەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ؟
5. بىز توۋا قىلغاندا، يەھۋا بىزنى كەچۈرىدۇ
بىر كىشى توۋا قىلغاندا، يەھۋانىڭ قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئەيسا بىر تەمسىلنى ئېيتىپ بەرگەن. لۇقا 15:1–7-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
-
بۇ سىزگە يەھۋا ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىتىدۇ؟
ھەزەكىيال 33:11-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
-
ھەقىقىي توۋا قىلغانلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟
خۇددى پادىچىغا ئوخشاش، يەھۋا ئۆز قويلىرىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ
بەزىلەر مۇنداق دەيدۇ: «ئاقساقاللارغا ئۆتكۈزگەن گۇناھىمنى ئېيتىپ بەرسەم، جامائەتتىن چىقىرىلىشىمدىن قورقىمەن».
-
سىز بۇنداق ئويلىغانلارغا نېمە دەيسىز؟
خۇلاسە
ھەتتا بىز ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويساقمۇ، چىن كۆڭلىمىزدىن پۇشايمان قىلىپ، يامان ئىشلارنى قىلىشنى توختىتىشنى قەتئىي قارار قىلساق، يەھۋا بىزنى كەچۈرىدۇ.
تەكرارلاش
-
ئەگەر ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزسەك، نېمە ئۈچۈن گۇناھىمىزنى يەھۋاغا ئىقرار قىلىشىمىز لازىم؟
-
يەھۋا گۇناھىمىزنى كەچۈرۈم قىلىشى ئۈچۈن چوقۇم نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟
-
ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويساق، نېمە ئۈچۈن ئاقساقاللاردىن ياردەم سورىشىمىز كېرەك؟
ئىزدىنىپ كۆرۈڭ
بىر كىشىنىڭ يەشايا 1:18-ئايەتتە تەسۋىرلەنگەن يەھۋانىڭ رەھىم-شەپقىتىنى قانداق باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى كۆرۈڭ.
«يەھۋانىڭ رەھىم-شەپقىتىدىن ھەرگىز گۇمان قىلماڭ» (02:5)
جامائەتتىن چىقىرىلىش ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ قانداق پايدىسى بار؟
«نېمە ئۈچۈن جامائەتتىن چىقىرىلىش ئورۇنلاشتۇرۇشى سۆيگۈ-مۇھەببەتنىڭ ئىپادىسى» («كۈزىتىش مۇنارى»، 2015-يىل، 15-ئاپرېل)
گۇۋاھچى ئەمەسلەرگە جامائەتتىن چىقىرىلىش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى چۈشەندۈرۈشنى ئۆگىنىۋېلىڭ.
«مەن يەھۋاغا قايتىشىم كېرەك ئىدى» ناملىق تەرجىمىھالدىن ھەقىقەتنى تاشلاپ كەتكەن بىر كىشى نېمە ئۈچۈن يەھۋاغا قايتىپ كەلگەنلىكىنى توغرۇلۇق ئوقۇڭ.
«مۇقەددەس كىتاب ھاياتنى ئۆزگەرتىدۇ» («كۈزىتىش مۇنارى»، 2012-يىل، 1-ئاپرېل)