59-دەرس
زىيانكەشلىكلەرگە بەرداشلىق بېرەلەيسىز
ھازىر ياكى كېيىنرەك بولسۇن، ھامان بىر كۈنى بارلىق مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى قارشىلىققا، ھەتتا زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ. بىز بۇنىڭدىن قورقۇشىمىز كېرەكمۇ؟
1. بىز زىيانكەشلىككە دۇچ كەلگەندە، نېمە ئۈچۈن ھەيران قالمايمىز؟
مۇقەددەس كىتابتا ناھايىتى ئېنىق دېيىلگەن: «ئەيسا مەسىھ ئىزىدىن مېڭىپ، ئۆزىنى خۇداغا بېغىشلاپ ياشايدىغانلارنىڭ ھەممىسى زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ» (2-تىموتىي 3:12). ئەيسا مەسىھ شەيتاننىڭ دۇنياسىغا مەنسۇپ بولمىغانلىقتىن، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان. بىزمۇ بۇ دۇنياغا مەنسۇپ ئەمەس، شۇڭا بۇ دۇنيادىكى ھۆكۈمەتلەر ۋە دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىساق، ھەيران قالمايمىز.—يۇھاننا 15:18، 19.
2. زىيانكەشلىككە قانداق تەييارلىنالايمىز؟
بىز ھازىر يەھۋاغا بولغان ئىشەنچىمىزنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن، ھەر كۈنى ۋاقىت چىقىرىپ، خۇداغا دۇئا قىلىڭ ۋە مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇڭ. دائىم جامائەت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىڭ. بۇلارنىڭ ھەممىسى، ئائىلىڭىزدىن كېلىدىغان زىيانكەشلىككىلا ئەمەس، ھەرقانداق زىيانكەشلىككە جاسارەت بىلەن يۈزلىنىش ئۈچۈن كېرەكلىك كۈچنى بېرىدۇ. دائىم زىيانكەشلىككە دۇچ كەلگەن ئەلچى پاۋلۇس مۇنداق دېگەن: «يەھۋا مېنىڭ ياردەمچىمدۇر، مەن قورقمايمەن».—ئىبرانىيلار 13:6.
بىز دائىم ۋەز ئېيتىش ئارقىلىق جاسارىتىمىزنى ئاشۇرالايمىز. ۋەز ئېيتىش بىزگە يەھۋاغا ئىشەنچ باغلاشنى ۋە ئىنساندىن قورقۇشنى يېڭىشنى ئۆگىتىدۇ (پەندى-نەسىھەت 29:25). ئەگەر ھازىر ۋەز ئېيتىشتا جاسارىتىڭىزنى ئاشۇرسىڭىز، ھەتتا ھۆكۈمەت خىزمىتىمىزنى چەكلىگەن ۋاقىتتىمۇ داۋاملىق ۋەز ئېيتىشقا تولۇق تەييارلىنالايسىز.—1-سالونىكالىقلار 2:2.
3. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندا، يەھۋاغا سادىق قېلىشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟
ئەلۋەتتە، بىز زىيانكەشلىككە ئۇچراشنى خالىمايمىز. ئەمما زىيانكەشلىككە بەرداشلىق بېرىش ئىمان-ئېتىقادىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ. بىز ئەمدى بەرداشلىق بېرەلمەيدىغاندەك ھېس قىلغاندا، يەھۋانىڭ ياردىمىنى ھېس قىلىپ، ئۇنىڭغا تېخىمۇ يېقىنلىشىمىز (ياقۇپ 1:2–4-نى ئوقۇڭ). يەھۋا بىزنىڭ ئازاب-ئوقۇبەت چەككەنلىكىمىزنى كۆرگەندە ئازابلىنىدۇ. ئەمما، ئۇ بەرداشلىق بېرىۋاتقانلىقىمىزنى كۆرگەندە ئىنتايىن خۇشال بولىدۇ. مۇقەددەس كىتاب مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر ياخشى ئىش قىلغىنىڭلار ئۈچۈن ئازاب چېكىپ، سەۋر قىلساڭلار، خۇدا قوبۇل قىلىشغا ئېرىشىسىز» (1-پېترۇس 2:20). بىز يەھۋاغا سادىق بولۇپ ئاخىرغىچە بەرداشلىق بەرسەك، ئۇ بىزگە يېڭى دۇنيادا مەڭگۈ ياشاش مۇكاپىتىنى بېرىدۇ. شۇ چاغدا خۇداغا پاك ئىبادەت قىلىشىمىزغا ھېچكىم قارشىلىق قىلمايدۇ.—مەتتا 24:13.
چوڭقۇرراق قېزىڭ
زىيانكەشلىككە قارىماي، يەھۋاغا سادىق بولۇپ قېلىش مۇمكىنلىكىنى ۋە ئۇ بىزنى قانداق مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى بىلىۋېلىڭ.
4. ئائىلىڭىزنىڭ قارشىلىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيسىز
ئەيسا ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ يەھۋاغا ئىبادەت قىلىش قارارىمىزنى قوللىماسلىقى مۇمكىنلىكىنى ياخشى بىلگەن ئىدى. مەتتا 10:34–36-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
-
بىر كىشى يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى قارار قىلغاندا، ئائىلىسىدىكىلەر نېمە دېيىشى مۇمكىن؟
بۇنىڭ بىر مىسالىنى كۆرۈش ئۈچۈن فىلىمنى كۆرۈڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئال ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.
-
ئەگەر ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭىز ياكى دوستىڭىز سىزنى يەھۋاغا خىزمەت قىلىشتىن توسماقچى بولسا، نېمە قىلماقچىسىز؟
زەبۇر 27:10 ۋە ماركۇس 10:29، 30-نى ئوقۇڭ. ھەربىر ئايەتنى ئوقۇغاندىن كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
-
ئەگەر ئائىلىڭىزدىكىلەر ياكى دوستلىرىڭىزنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىسىڭىز، بۇ ۋەدە سىزگە قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
5. زىيانكەشلىككە قارىماي، يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ
باشقىلار بىزنىڭ يەھۋاغا خىزمەت قىلىشىمىزغا توسقۇنلۇق قىلىشقا ئۇرۇنغاندا، ئۇنىڭغا داۋاملىق خىزمەت قىلىش ئۈچۈن جاسارەتكە مۇھتاج بولىمىز. فىلىمنى كۆرۈڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئال ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.
-
بۇ فىلىمدىكى مىساللار سىزنىڭ جاسارىتىڭىزنى قانداق كۈچەيتىدۇ؟
ئەلچىلەر 5:27–29 ۋە ئىبرانىيلار 10:24، 25-نى ئوقۇڭ. ھەربىر ئايەتنى ئوقۇغاندىن كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
-
ۋەز ئېيتىش خىزمىتىمىز ۋە جامائەت يىغىلىشلىرىمىز چەكلەنگەن بولسىمۇ، يەھۋاغا داۋاملىق خىزمەت قىلىش نېمە ئۈچۈن بەك مۇھىم؟
6. يەھۋا بەرداشلىق بېرىشىڭىزگە ياردەم بېرىدۇ
يېشى ۋە كېلىپ چىقىشى ئوخشىمايدىغان يەھۋا گۇۋاھچىلىرى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندا، ساداقەتمەنلىك بىلەن يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان. ئۇلارغا نېمە ياردەم بەرگەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن، فىلىمنى كۆرۈڭ. كېيىن تۆۋەندىكى سوئال ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.
-
فىلىمدا، ئاشۇ گۇۋاھچىلارنىڭ بەرداشلىق بېرىشىگە نېمە ياردەم بەرگەن؟
رىملىقلار 8:35، 37–39 ۋە فىلىپىلىكلەر 4:13-نى ئوقۇڭ. ھەربىر ئايەتنى ئوقۇغاندىن كېيىن، تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
-
ھەرقانداق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلىقىڭىزغا، بۇ ئايەت سىزنى قانداق ئىشەندۈرىدۇ؟
مەتتا 5:10–12-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
-
نېمە ئۈچۈن زىيانكەشلىككە قارىماي، خۇشال بولالايسىز؟
بەزىلەر مۇنداق دەيدۇ: «مەن زىيانكەشلىككە بەرداشلىق بېرەلمەيمەن».
-
مۇنداق ئوي-پىكىردە بولغانلارغا، مۇقەددەس كىتابتىكى قايسى ئايەتلەر ئىشەنچ ئاتا قىلالايدۇ؟
خۇلاسە
يەھۋا زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىمىزغا قارىماي، ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىمىزنى قەدىرلەيدۇ. ئۇنىڭ ياردىمى بىلەن، ھەرقانداق زىيانكەشلىككە بەرداشلىق بېرەلەيمىز!
تەكرارلاش
-
مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى زىيانكەشلىككە دۇچ كەلگەندە، نېمە ئۈچۈن ھەيران قالمايمىز؟
-
كېلەچەكتىكى زىيانكەشلىككە ھازىر قانداق تەييارلىنالايمىز؟
-
ھەرقانداق سىناقلارغا قارىماي، يەھۋاغا خىزمەت قىلالايسىز. بۇنىڭغا ئىشىنىشكە نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟
ئىزدىنىپ كۆرۈڭ
بىر ياش بۇرادەر بىتەرەپلىكنى ساقلىغانلىقى سەۋەبلىك تۈرمىگە تاشلانغاندا، يەھۋانىڭ ئۇنىڭغا قانداق ياردەم بەرگەنلىكىنى كۆرۈپ بېقىڭ.
بىر جۈپ ئەر-ئايالنىڭ نۇرغۇن يىللار قارشىلىققا قارىماي، ساداقەتمەنلىك بىلەن يەھۋاغا خىزمەت قىلىشىغا نېمە ياردەم بەرگەنلىكىنى بىلىۋېلىڭ.
زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندا جاسارەتلىك بولۇشنى ئۆگىنىۋېلىڭ.
«زىيانكەشلىككە ھازىر تەييارلىق قىلىڭ» («كۈزىتىش مۇنارى»، 2019-يىل، ئىيۇل)
ئائىلىمىزنىڭ قارشىلىقىغا قانداق قارىشىمىز كېرەك ۋە بۇنىڭغا مۇۋەپپەقىيەتلىك قارشى تۇرۇش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟