مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

مە‌تتا 5–‏7-‏بابلار

مە‌تتا 5–‏7-‏بابلار

5 ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌ر بىر توپ ئادە‌ملە‌رنى كۆرۈپ تاغقا چىقتى ۋە شۇ يە‌ردە ئولتۇ‌ردى.‏ شاگىرتلىرى ئۇ‌نىڭ يېنىغا كە‌لدى.‏ 2 ئۇ ئۇ‌لارغا تە‌لىم بېرىشكە باشلىدى:‏

3 «ئۆزىنىڭ خۇ‌داغا بولغان مۇ‌ھتاجلىقىنى تونۇ‌پ يە‌تكە‌نلە‌ر نە‌قە‌دە‌ر بە‌ختلىك!‏ چۈنكى،‏ ئە‌رشنىڭ پادىشاھلىقى ئۇ‌لارنىڭدۇ‌ر.‏

4 غە‌م-‏قايغۇ‌غا پاتقانلار نە‌قە‌دە‌ر بە‌ختلىك!‏ چۈنكى،‏ ئۇ‌لار تە‌سە‌للىگە ئېرىشىدۇ.‏

5 مۇ‌لايىم بولغانلار نە‌قە‌دە‌ر بە‌ختلىك!‏ چۈنكى،‏ ئۇ‌لار يە‌ر يۈزىنى مىراس ئالىدۇ.‏

6 ئادالە‌تكە تە‌شنا بولغانلار نە‌قە‌دە‌ر بە‌ختلىك!‏ چۈنكى،‏ خۇ‌دا ئۇ‌لارنىڭ تە‌شنالىقىنى قاندۇ‌رىدۇ.‏

7 كە‌چۈرۈمچان a بولغانلار نە‌قە‌دە‌ر بە‌ختلىك!‏ چۈنكى،‏ ئۇ‌لارمۇ كە‌چۈرۈم قىلىنىدۇ.‏

8 قە‌لبى پاك بولغانلار نە‌قە‌دە‌ر بە‌ختلىك!‏ چۈنكى،‏ ئۇ‌لار خۇ‌دانى كۆرىدۇ.‏

9 تىنچلىقپە‌رۋە‌رلە‌ر نە‌قە‌دە‌ر بە‌ختلىك!‏ چۈنكى،‏ ئۇ‌لار خۇ‌دانىڭ پە‌رزە‌نتلىرى دە‌پ ئاتىلىدۇ.‏

10 ئادالـە‌ت ئۈچـۈن زىيـانـكـە‌شـلىـكـكـە ئۇ‌چرىغانلار نە‌قە‌دە‌ر بە‌ختلىك!‏ چۈنكى،‏ ئە‌رشنىڭ پادىشاھلىقى ئۇ‌لارنىڭدۇ‌ر.‏

11 مە‌ن ئۈچۈن كىشـىلـە‌رنىـڭ ھـاقـارىـتى،‏ زىيانكە‌شلىكى ۋە تۈرلۈك يالغان-‏ياۋىداق تۆھـمـە‌تـلىرىـگە ئۇ‌چـرىسـاڭـلار،‏ نـە‌قـە‌دە‌ر بە‌ختلىكسىلە‌ر!‏ 12 خۇ‌شال-‏خۇ‌رام بولۇ‌پ،‏ شاد-‏خۇ‌راملىققا چۆمۈڭلار،‏ چۈنكى ئاسماندا سىلە‌رنى زور مۇ‌كاپات كۈتىۋاتىدۇ.‏ ئۇ‌لار سىلە‌ردىن ئىلـگىرىـكى پە‌يـغە‌مبە‌رلـە‌رگـىمۇ شۇ‌نـداق زىيانكە‌شلىك قىلغان.‏

13 بۇ دۇ‌نيادا سىلە‌ر تۇ‌زغا ئوخشاش.‏ ئە‌مما،‏ تۇ‌ز ئۆز تە‌مىنى يوقاتسا،‏ ئۇ‌نىڭغا تە‌م كىرگۈزۈش ئۈچۈن نېمە قىلىشقا بولىدۇ؟‏ ئۇ پە‌قە‌ت سىرتقا تاشلىنىپ،‏ ئىنسانلارنىڭ ئايىغى ئاستىدا قېلىشتىن باشقا ھېچنە‌رسىگە يارىمايدۇ.‏

14 بۇ قاراڭغۇ دۇ‌نيادا سىلە‌ر نۇ‌رغا ئوخشاش.‏ تاغ ئۈستىگە سېلىنغان بىر شە‌ھە‌رنى يوشۇ‌رۇ‌پ قالـغـىلى بولـمـايدۇ.‏ 15 چىراغـنى يېقىپ،‏ سېۋە‌تنىڭ ئاستىغا قويۇ‌پ قويمايدۇ،‏ بە‌لكى چىراغداننىڭ ئۈستىگە قويىدۇ ۋە چىراغ ئۆيدىكىلە‌رنىڭ ھە‌ممىسىنى يورۇ‌تىدۇ.‏ 16 خۇ‌ددى شۇ‌نىڭدە‌ك،‏ سىلە‌رنىڭ نۇ‌رۇ‌ڭلار ئىنسانلار ئالدىدا چاقنىسۇ‌نكى،‏ ئۇ‌لار سىلە‌رنىڭ ياخشى ئىشلىرىڭلارنى كۆرۈپ،‏ ئاسماندىكى ئاتاڭلارنى ئۇ‌لۇ‌غلىسۇ‌ن.‏

17 مېنـى تە‌ۋرات قانـۇ‌نىـنى ياكـى پە‌يـغە‌مبـە‌رلە‌رنىـڭ يازغـانـلىرىنى بىكار قىلغىلى كە‌لدى دە‌پ ئويلىماڭلار.‏ مە‌ن ئۇ‌لارنـى بىكار قىلغىلى ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئۇ‌لارنـى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رغىلى كە‌لدىم.‏ 18 سىلە‌رگە ھە‌قنى ئېيتىمە‌نكى،‏ ئاسمان بىلە‌ن زېمىن يوق بولۇ‌پ كە‌تسىمۇ،‏ تە‌ۋرات قانۇ‌نىنىڭ بىر كىچىك ھە‌رىپى،‏ ھە‌تتا بىرە‌ر چېكىتى يوقالمايدۇ.‏ ئە‌كسىچە،‏ ئۇ‌لاردا يېزىلـغانـلارنىڭ ھە‌مـمىـسى ئـە‌مە‌لـگـە ئاشۇ‌رۇ‌لىدۇ.‏ 19 شۇ‌ڭا،‏ كىمكى بۇ بۇ‌يرۇ‌قلارنىڭ ئە‌ڭ كىچىك بىرىنى بۇ‌زسا ۋە باشقىلارغا شۇ‌نداق قىلىشنى ئۆگە‌تسە،‏ ئۇ ئە‌رشنىڭ پادىشاھلىقىغا كىرە‌لـمە‌يـدۇ.‏ لېكىـن،‏ كىمكى بۇ بۇ‌يرۇ‌قـلارغا بويسۇ‌نسا ۋە باشقىلارغا شۇ‌نداق قىلىشنى ئۆگە‌تسە،‏ ئە‌رشنىڭ پادىشاھلىقىغا كىرە‌لە‌يدۇ.‏ 20 شۇ‌ڭا سىلە‌رگە ئېيتىپ قويايكى،‏ ئە‌گە‌ر سىلە‌رنىڭ ئىشە‌نچىڭلار تە‌ۋرات ئۇ‌ستازلىرى ۋە پە‌رىسىيلە‌رنىڭكىدىن كۈچلۈك بولمىسا،‏ سىلە‌ر ئە‌رشنىڭ پادىشاھلىقىغا ھە‌رگىز كىرە‌لمە‌يسىلە‌ر.‏

  21 ئۆتمۈشتە ئاتا-‏بوۋىلىرىڭلارغا ‹قاتىللىق قىلمىغىن،‏ كىمـكى ئادە‌م ئۆلـتۈرسـە،‏ سوتقا تاپشۇ‌رۇ‌لۇ‌پ ھۆكۈم قىلىنىدۇ› دېيىلگە‌نلىكىنى ئاڭلىغانسىلە‌ر.‏ 22 لېكىن،‏ سىلە‌رگە شۇ‌نى ئېيتىپ قويايكى،‏ كىمكى قېرىندىشىغا ئاچچىقلىنىپ يۈرسە،‏ سوتقا تاپشۇ‌رۇ‌لۇ‌پ ھۆكۈم قىلىنىدۇ؛‏ كىمكى قېرىندىشىنى يامان گە‌پ-‏سۆزلە‌ر بىلە‌ن ھاقارە‌تلىسە،‏ سوتقا تاپشۇ‌رۇ‌لۇ‌پ ھۆكۈم قىلىنىدۇ؛‏ كىمكى قېرىندىشىغا:‏ ‹دۆت ئە‌خمە‌ق›،‏—‏ دېسە،‏ كۆيۈپ تۇ‌رغان گە‌ھانناغا b تاشلىنىدۇ.‏

23 ئە‌گە‌ر سە‌ن قۇ‌ربانـگاھـقا قۇ‌ربانـلىـقىـڭنى ئېلـىپ كە‌لـگـە‌نـدە،‏ بـىر قېـرىندىـشىـڭنىڭ سە‌ندىن خاپا ئىكە‌نلىكى يادىڭغا كە‌لسە،‏ 24 قۇ‌ربانلىقىڭنى قۇ‌ربانگاھ ئالدىدا قويۇ‌پ،‏ بېرىپ ئاۋۋال قېرىندىشىڭ بىلە‌ن يارىشىۋالغىن.‏ ئاندىن كېلىپ قۇ‌ربانلىقىڭنى سۇ‌نغىن.‏

25 ئـە‌گـە‌ر بىـرى سـېـنىـڭ ئۈسـتـۈڭـدىـن ئە‌رز قىلماقچى بولسا،‏ سوتقا ماڭغان يولدىلا ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن كېلىشمە‌سلىكنى ھە‌ل قىلغىن.‏ بولمىسا،‏ ئۇ سېنى سوتچىغا،‏ سوتچى ھۆكۈمنى ئىجرا قىلغۇ‌چىغا تاپشۇ‌رۇ‌پ،‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن زىندانغا تاشلىنىسە‌ن.‏ 26 شۇ‌نى بىلىپ قويغىنكى،‏ ئاخىرقى بىر تىيىننى تۆلە‌پ تۈگە‌تمىگۈچە،‏ زىنداندىن ھە‌رگىزمۇ چىقالمايسە‌ن.‏

27 سىلە‌ر ‹زىنا قىلمىغىن› دېگە‌ن ئە‌مرنى ئاڭلىغان.‏ 28 لېكىن،‏ مە‌ن سىلە‌رگە ئېيتىپ قويايكى،‏ كىمكى بىر ئايالغا كۆزىنى ئۈزمە‌ي قاراپ،‏ شە‌ھۋانىي ئوي-‏خىيالدا بولسا،‏ ئاللىقاچان كۆڭلىدە زىنا قىلغان بولىدۇ.‏ 29 شۇ‌ڭا،‏ ئوڭ كۆزۈڭ سېنى گۇ‌ناھقا ئازدۇ‌رسا،‏ ئۇ‌نى ئويۇ‌پ تاشلىۋە‌ت.‏ چۈنكى،‏ بىر ئە‌زايىڭدىن ئايرىلىش،‏ پۈتۈن بە‌دىنىڭ گە‌ھـانناغـا c تاشـلانـغانـدىن ياخـشـىراقـتـۇ‌ر.‏ 30 خۇ‌ددى شۇ‌نىڭدە‌ك،‏ ئوڭ قولۇ‌ڭ سېنى گۇ‌ناھقا ئازدۇ‌رسا،‏ ئۇ‌نى كېسىپ تاشلىۋە‌ت.‏ چۈنكى،‏ بىر ئە‌زايىڭدىن ئايرىلىش،‏ پۈتۈن بە‌دىنىڭ گە‌ھانناغا d تاشلانغاندىن ياخشىراقتۇ‌ر.‏

31 بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ‹كىمكى خوتۇ‌نىدىن ئاجراشسا،‏ ئۇ‌نىڭغا ئاجرىشىش خېتىنى بە‌رسۇ‌ن› دېـيىلگـە‌نلىكىنى ئاڭـلىـغانسىلە‌ر.‏ 32 بىراق،‏ سىلە‌رگە شۇ‌نى ئېيتىپ قويايكى،‏ كىمكى جىنسىي ئە‌خلاقسىزلىقتىن e باشقا ئىشنى سە‌ۋە‌ب قىلىپ،‏ خوتۇ‌نىدىن ئاجراشسا،‏ خوتۇ‌نىنىڭ زىنا قىلىشىغا سە‌ۋە‌بچى بولىدۇ؛‏ كىمكى بۇ ئاجراشقان خوتۇ‌ننى نىكاھىغا ئالسا،‏ زىنا قىلغان بولىدۇ.‏

33 سىلە‌ر يە‌نە ئۆتمۈشتە ئاتا-‏بوۋىلىرىڭلارغا ‹قە‌سـە‌منـى بۇ‌زمىـغىـن،‏ يە‌ھـۋاغا بە‌رگـە‌ن قە‌سىمىڭنى چوقۇ‌م ئورۇ‌ندىغىن› دېيىلگە‌نلىكىنى ئاڭلىغانسىلە‌ر.‏ 34 لېكىن،‏ سىلە‌ر شۇ‌نى ئېيتىمە‌نكى،‏ ھە‌رگىزمۇ قە‌سە‌م قىلماڭلار.‏ ئاسماننى تىلغا ئېلىپ قە‌سە‌م قىلماڭلار،‏ چۈنكى ئۇ خۇ‌دانىڭ تە‌ختىدۇ‌ر؛‏ 35 ياكى يە‌ر-‏زېمىننى تىلغا ئېلىپ قە‌سە‌م قىلماڭلار،‏ چۈنكى ئۇ خۇ‌دانىڭ پۇ‌ت قويىدىغان جايىدۇ‌ر.‏ يېرۇ‌سالىمنى تىلغا ئېلىپ قە‌سە‌م قىلماڭلار،‏ چۈنكى ئۇ ئۇ‌لۇ‌غ پادىشاھ خۇ‌دانىڭ شە‌ھىرىدۇ‌ر؛‏ 36 ئۆز بېشىڭنى تىلغا ئېلىپ قە‌سە‌م قىلمىغىن،‏ چۈنكى سە‌ن بىر تال چېچىڭنى ئاق ياكى قارا قىلالمايسە‌ن.‏ 37 ‹ھە‌ئە› دېگە‌ن سۆزۈڭلار،‏ ‹ھە‌ئە› بولسۇ‌ن،‏ ‹ياق› دېگە‌ن سۆزۈڭلار،‏ ‹ياق› بولسۇ‌ن،‏ بۇ‌نىڭدىن ئارتۇ‌قى رە‌زىل شە‌يتاندىندۇ‌ر.‏

38 سىلە‌ر ‹كۆزگە كۆز،‏ چىشقا چىش› دېيىلگە‌نلىكىنى ئاڭلىغانسىلە‌ر.‏ 39 لېكىن،‏ سىلە‌رگە شۇ‌نى ئېيتىمە‌نكى،‏ يامانلىق قىلغۇ‌چىلارغا قارشى تۇ‌رمىغىن.‏ بىر كىشى ئوڭ يۈزۈڭگە ئۇ‌رسا،‏ ئۇ‌نىڭغا سول يۈزۈڭنىمۇ تۇ‌تۇ‌پ بە‌رگىن.‏ 40 بىرى ئۈستۈڭلاردىن ئە‌رز قىلىپ،‏ كۆينىكىڭنى تارتىۋالماقچى بولسا،‏ ئۇ‌نىڭغا چاپىنىڭنىمۇ قوشۇ‌پ بە‌رگىن.‏ 41 ئە‌گە‌ر ھوقۇ‌قدار كىشى سېنى ئۆزى بىلە‌ن بىر چاقىرىم يول يۈرۈشكە مە‌جبۇ‌رلىسا،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن ئىككى چاقىرىم يول يۈرۈپ بە‌رگىن.‏ 42 بىرى سە‌ندىن بىر نە‌رسە سورىسا،‏ ئۇ‌نىڭغا بە‌رگىن.‏ بىرى سېنىڭدىن پۇ‌ل قە‌رز سورىسا،‏ ئۇ‌نىڭغا ‹ياق› دېمىگىن.‏

43 سىلە‌ر ‹چوقۇ‌م قوشناڭنى سۆيگىن ۋە دۈشمىنىڭنى ئۆچ كۆرگىن› دېيىلگە‌نلىكىنى ئاڭلىغانسىلە‌ر.‏ 44 لېكىن،‏ سىلە‌رگە شۇ‌نى ئېيتىمە‌نكى،‏ داۋاملىق دۈشمە‌نلىرىڭلارنى سۆيۈڭلار.‏ سىلە‌رگە زىيانكە‌شلىك قىلغانلار ئۈچۈن دۇ‌ئا قىلىڭلار.‏ 45 شۇ‌نداق قىلغىنىڭلاردا،‏ سىلە‌ر ئاسماندىكى ئاتاڭلارنى ئۈلگە قىلىۋاتقانلىقىڭلارنى كۆرسىتە‌لە‌يسىلە‌ر.‏ چۈنكى،‏ خۇ‌دا قۇ‌ياشنى ياخشىلارنىڭ ۋە يامانلارنىڭ ئۈستىگە ئوخشاشلا نۇ‌ر چاچقۇ‌زىدۇ؛‏ يامغۇ‌رنىمۇ ياخشىلارنىڭ ۋە يامانلارنىڭ ئۈستىگە ئوخشاشلا ياغدۇ‌رىدۇ.‏ 46 ئە‌گە‌ر سىلە‌ر پە‌قە‌ت ئۆزۈڭلارنى سۆيگە‌نلە‌رنى سۆيسە‌ڭلار،‏ قانداق مۇ‌كاپاتقا ئېرىشىسىلە‌ر؟‏ باجگىرلارمۇ شۇ‌نداق قىلىۋاتىدىغۇ؟‏!‏ 47 خۇ‌ددى شۇ‌نىڭدە‌ك،‏ پە‌قە‌ت ئۆز قېرىنداشلىرىڭلار بىلە‌ن سالاملاشساڭلار،‏ قانداقتۇ بىر ئالاھىدە ئىش قىلغان بولامسىلە‌ر؟‏ يات مىللە‌ت كىشىلىرىمۇ شۇ‌نداق قىلىۋاتىدىغۇ؟‏!‏ 48 شۇ‌نداق ئىكە‌ن،‏ سىلە‌رمۇ ئاسماندىكى ئاتاڭلارغا ئوخشاش،‏ چوقۇ‌م مۇ‌كە‌ممە‌ل سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى كۆرسىتىڭلار.‏

6 پە‌خە‌س بولۇ‌ڭلار،‏ ياخشى ئىشنى باشقىلارغا ئۆزۈڭلارنى كۆرسىتىش ئۈچۈن قىلماڭلار.‏ مۇ‌نداق قىلساڭلار،‏ ئاسماندىكى ئاتاڭلارنىڭ مۇ‌كـاپاتىغـا ئېرىشـە‌لمە‌يسـىلـە‌ر.‏ 2 شـۇ‌ڭـا،‏ خە‌ير-‏ساخاۋە‌تلىك ئىشلارنى قىلغاندا،‏ داۋراڭ سېلىپ يۈرمىگىن.‏ ساختىپە‌زلە‌ر باشقىلارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئىبادە‌تخانىدا ياكى كوچىلاردا شۇ‌نداق قىلىپ يۈرىدۇ.‏ سىلە‌رگە ھە‌قنى ئېيتسام،‏ ئۇ‌لار باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىشتىن باشقا ھېچقانداق مۇ‌كاپاتقا ئېرىشە‌لمە‌يدۇ.‏ 3 بىراق،‏ خە‌ير-‏ساخاۋە‌ت قىلساڭ،‏ ئوڭ قولۇ‌ڭ قىلغاننى سول قولۇ‌ڭ بىلمىسۇ‌ن.‏ 4 خە‌ير-‏ساخاۋە‌تلىك ئىشلارنى يوشۇ‌رۇ‌ن قىلغىن.‏ شۇ‌نداق بولغاندا،‏ ھە‌ممە ئىشلارنى كۆرۈپ تۇ‌رىدىغان ئاتاڭ سېنى مۇ‌كاپاتلايدۇ.‏

5 خۇ‌ددى شۇ‌نىڭدە‌ك،‏ دۇ‌ئا قىلغىنىڭلاردا ساختىپە‌زلە‌رگە ئوخشاش ئىش قىلماڭلار.‏ ئۇ‌لار ئىبادە‌تخانىدا ۋە تۆت كوچا دوقمۇ‌شلىرىدا تۇ‌رۇ‌ۋېلىپ،‏ باشقىلار كۆرسۇ‌ن دە‌پ شۇ‌نداق قىلىشىدۇ.‏ سىلە‌رگە ھە‌قنى ئېيتسام،‏ ئۇ‌لار باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكە‌ندىن باشقا ھېچقانداق مۇ‌كاپاتقا ئېرىشە‌لمە‌يدۇ.‏ 6 بىراق،‏ سە‌ن دۇ‌ئا قىلغاندا،‏ ئۆيگە كىرىپ،‏ ئىشىكنى يېپىپ،‏ يالغۇ‌ز ئولتۇ‌رۇ‌پ،‏ ئاسماندىكى ئاتاڭغا دۇ‌ئا قىلغىن.‏ شۇ‌نداق بولغاندا،‏ ھە‌ممە ئىشلارنى كۆرۈپ تۇ‌رىدىغان ئاتاڭ سېنى مۇ‌كاپاتلايدۇ.‏ 7 دۇ‌ئا قىلغاندا،‏ قايتا-‏قايتا ئوخشاش سۆزلە‌رنى تە‌كرارلىماڭلار.‏ چۈنكى،‏ باشقا مىللە‌ت كىشىلىرى شۇ‌نداق قىلىدۇ.‏ ئۇ‌لار كۆپ سۆزلە‌رنى قىلىپ،‏ ئۇ‌زۇ‌ن دۇ‌ئا قىلساق،‏ دۇ‌ئالىرىمىزنى خۇ‌دا قوبۇ‌ل قىلىدۇ دە‌پ ئويلايدۇ.‏ 8 بىراق،‏ سىلە‌ر ئۇ‌لارغا ئوخشاش بولماڭلار،‏ چۈنكى ئاتاڭلار نېمىگە مۇ‌ھتاج بولغىنىڭلارنى ھە‌تتا سىلە‌ر ئۇ‌نىڭدىن تىلىمە‌ستىن بۇ‌رۇ‌ن بىلىدۇ.‏

9 شۇ‌نىڭ ئۈچۈن مۇ‌نداق دۇ‌ئا قىلىڭلار:‏

‏‹ئاسماندىكى ئاتىمىز،‏ ئىسىمىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س بولسۇ‌ن.‏ 10 پادىشاھلىقىڭ كە‌لسۇ‌ن.‏ سېنىڭ ئىرادە‌ڭ ئاسماندا ئە‌مە‌لگە ئاشقاندە‌ك،‏ يە‌ر يۈزىدىمۇ ئە‌مە‌لگە ئاشسۇ‌ن.‏ 11 بۈگۈن بىز ئۈچۈن كۈندىلىك نېنىمىزنى بە‌رگە‌يسە‌ن.‏ 12 بىـزگـە قـارشـى گۇ‌نـاھ قىـلـغانـلارنى كە‌چۈرگىنىمىزدە‌ك،‏ سە‌نمۇ گۇ‌ناھلىرىمىزنى كە‌چـۈرگە‌يـسە‌ن.‏ 13 ئـازدۇ‌رۇ‌لـۇ‌شـىمىزغا يول قويمىغىن.‏ بىزنى رە‌زىل شە‌يتاندىن قوغدىغىن›.‏

14 ئە‌گە‌ر سىلە‌ر باشقىلارنىڭ گۇ‌ناھلىرىنى كە‌چۈرسە‌ڭلار،‏ ئاسماندىكى ئاتاڭلارمۇ سىلە‌رنى كە‌چۈرىدۇ.‏ 15 بىراق،‏ سىلە‌ر باشقىلارنىڭ گۇ‌ناھلىرىنى كە‌چۈرمىسە‌ڭلار،‏ ئاسماندىكى ئاتاڭلارمۇ سىلە‌رنى كە‌چۈرمە‌يدۇ.‏

16 روزا تۇ‌تقان ۋاقتىڭلاردا،‏ ساختىپە‌زلە‌ردە‌ك بىچارە قىياپە‌تكە كىرىۋالماڭلار.‏ چۈنكى،‏ ئۇ‌لار روزا تۇ‌تقىنىنى باشقىلارغا كۆز-‏كۆز قىلىش ئۈچۈن،‏ ئۆزلىرىنى بىچارە كۆرسىتىدۇ.‏ سىلە‌رگە ھە‌قنى ئېيتىمە‌نكى،‏ ئۇ‌لار باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىشتىن باشقا ھېچقانداق مۇ‌كاپاتقا ئېرىشە‌لمە‌يدۇ.‏ 17 بىراق،‏ سە‌ن روزا تۇ‌تقاندا،‏ چېچىڭنى تۈزە‌شتۈرۈپ،‏ يۈز-‏كۆزۈڭنى يۇ‌يۇ‌پ يۈرگىن.‏ 18 شۇ چاغدا،‏ ئادە‌ملە‌ر سېنىڭ روزا تۇ‌تقىنىڭنى بىلمە‌يدۇ،‏ پە‌قە‌ت ئاسماندىكى ئاتاڭ يوشۇ‌رۇ‌ن قىلغان ئىشلىرىڭنى بىلىپ تۇ‌رىدۇ.‏ شۇ‌نداق بولغاندا،‏ ھە‌ممە ئىشلارنى كۆرۈپ تۇ‌رىدىغان ئاتاڭ سېنى مۇ‌كاپاتلايدۇ.‏

19 يە‌ر يۈزىدە ئۆزۈڭلارغا بايلىق توپلىماڭلار،‏ يە‌ر يۈزىدە كۈيە يە‌يدۇ،‏ دات بېسىپ چىرىيدۇ،‏ ئوغرىلار ئوغرىلاپ كېتىدۇ.‏ 20 ئە‌كسىچە،‏ ئاسماندا ئۆزۈڭلارغا بايلىق توپلاڭلار.‏ ئاسماندا كۈيە يېمە‌يدۇ،‏ دات بېسىپ چىرىمە‌يدۇ،‏ ئوغرىلار ئوغرىلاپ كە‌تمە‌يدۇ.‏ 21 چۈنكى،‏ بايلىقىڭ قە‌يە‌ردە بولسا،‏ كۆڭلۈڭمۇ شۇ يە‌ردە بولىدۇ.‏

22 كۆز تە‌ننىڭ چىرىغىدۇ‌ر.‏ ئە‌گە‌ر كۆزۈڭ ئېنىق كۆرسە،‏ پۈتۈن بە‌دىنىڭ يورۇ‌قلۇ‌ققا تولىدۇ.‏ 23 بىراق،‏ كۆزۈڭ ھە‌سە‌تخور f بولسا،‏ پۈتۈن بە‌دىنىڭ قاراڭغۇ‌لۇ‌ققا تولىدۇ.‏ ئىچىڭدىكى نۇ‌ر ئە‌مە‌لىيە‌تتە قاراڭغۇ‌لۇ‌ق بولسا،‏ بۇ نېمە دېگە‌ن قورقۇ‌نچلۇ‌ق قاراڭغۇ‌لۇ‌ق-‏ھە!‏

24 ھېچكىم بىر ۋاقىتتا ئىككى خوجايىنغا تە‌ڭلا خىزمە‌ت قىلالمايدۇ.‏ ئۇ ياكى بىرىنى يامان كۆرۈپ،‏ يە‌نە بىرىنى ياخشى كۆرىدۇ؛‏ ياكى بىرىگە سادىق بولۇ‌پ،‏ يە‌نە بىرىنى ھۆرمە‌تلىمە‌يدۇ.‏ سىلە‌ر بىرلا ۋاقىتتا ھە‌م خۇ‌دانىڭ،‏ ھە‌م مال-‏دۇ‌نيانىڭ قۇ‌لى بولالمايسىلە‌ر.‏

25 شۇ‌ڭا سىلە‌رگە ئېيتىمە‌نكى،‏ نېمە يە‌يمىز ۋە نېمە ئىچىمىز دە‌پ ئۆزۈڭلار ئۈچۈن،‏ ياكى نېمە كىيىمىز دە‌پ تېنىڭلار ئۈچۈن غە‌م-‏ئە‌ندىشە قىلماڭلار.‏ جېنىڭلار يېمە‌ك-‏ئىچمە‌كتىن ۋە تېنىڭلار كىيىم-‏كېچە‌كتىن كۆپ مۇ‌ھىم ئە‌مە‌سمۇ؟‏ 26 قۇ‌شلارغا دىققە‌ت بىلە‌ن قاراپ بېقىڭلار.‏ ئۇ‌لار ئۇ‌رۇ‌ق چاچمايدۇ،‏ ھوسۇ‌ل يىغمايدۇ ۋە ئامبارلارغا توپلىمايدۇ.‏ شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ ئاسماندىكى ئاتاڭلار ئۇ‌لارنى تويغۇ‌زىدۇ.‏ سىلە‌ر شۇ قۇ‌شلاردىن كۆپ ئە‌زىز ئە‌مە‌سمۇ؟‏ 27 قايسىڭلار غە‌م-‏ئە‌ندىشە بىلە‌ن ئۆمرۈڭلارنى كىچىككىنە بولسىمۇ ئۇ‌زارتالايسىلە‌ر؟‏ 28 شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ نېمە ئۈچۈن كىيىم-‏كېچە‌ك توغرۇ‌لۇ‌ق غە‌م قىلىسىلە‌ر؟‏ دالادا ئۆسۈۋاتقان ياۋايى گۈللە‌رگە قاراپ ئۆگىنىڭلار.‏ ئۇ‌لار جاپالىق ئىشلىمە‌يدۇ ياكى كىيىم-‏كېچە‌ك تىكمە‌يدۇ.‏ 29 لېكىن،‏ سىلە‌رگە شۇ‌نى ئېيتىمە‌نكى،‏ ھە‌تتا سۇ‌لايمان پادىشاھ شان-‏شۆھرە‌ت قازانغان زاماندىمۇ،‏ شۇ ياۋايى گۈللە‌رنىڭ بىرىدە‌ك كىيىنمىگە‌ن.‏ 30 ئە‌ي ئىشە‌نچى ئاجىزلار!‏ خۇ‌دا دالادىكى بۈگۈن بار،‏ ئە‌تىسى قۇ‌رۇ‌پ ئوچاقتىكى ئوتقا تاشلىنىدىغان ئوت-‏چۆپلە‌رنى شۇ‌نداق كىيىندۈرگە‌ن بولسا،‏ سىلە‌رنى ئۇ‌نىڭدىنمۇ ئارتۇ‌ق كىيىندۈرمە‌سمۇ؟‏ 31 شۇ‌نداق ئىكە‌ن،‏ ھە‌رگىزمۇ نېمە يە‌يمىز،‏ نېمە ئىچىمىز ۋە نېمە كىيىمىز؟‏ دە‌پ غە‌م-‏ئە‌ندىشە قىلماڭلار.‏ 32 خۇ‌دانى تونۇ‌مايدىغان كىشىلە‌ر مۇ‌شۇ نە‌رسىلە‌رنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىشىدۇ.‏ ئاسماندىكى ئاتاڭلار سىلە‌رنىڭ بۇ نە‌رسىلە‌رنىڭ ھە‌ممىسىگە مۇ‌ھتاج ئىكە‌نلىكىڭلارنى بىلىدۇ.‏

33 شۇ‌نداق ئىكە‌ن،‏ ھاياتىڭلاردا داۋاملىق خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ۋە ئۇ‌نىڭغا ئىتائە‌ت قىلىشنى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويۇ‌ڭلار.‏ 34 شۇ چاغدا،‏ خۇ‌دا سىلە‌ر مۇ‌ھتاج بولغان ھە‌ممە نە‌رسىنى سىلە‌رگە بېرىدۇ.‏ شۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ ھە‌رگىزمۇ ئە‌تە ئۈچۈن غە‌م قىلماڭلار،‏ ئە‌تىنىڭ ئۆزىگە چۇ‌شلۇ‌ق غېمى بار.‏ ھە‌ر كۈننىڭ دە‌ردى،‏ شۇ كۈنگە يېتە‌ر.‏

7 ھۆكۈم قىلىشنى توختىتىڭلار.‏ شۇ‌نداق بولغاندا،‏ سىلە‌رمۇ ھۆكۈم قىلىنمايسىلە‌ر.‏ 2 سىلە‌ر قانداق ئۆلچە‌م بىلە‌ن ھۆكۈم قىلساڭلار،‏ سىلە‌رمۇ شۇ‌نداق ئۆلچە‌م بىلە‌ن ھۆكۈم قىلىنىسىلە‌ر.‏ سىلە‌ر باشقىلارغا قانداق مۇ‌ئامىلە قىلساڭلار،‏ باشقىلارمۇ سىلە‌رگە شۇ‌نداق مۇ‌ئامىلە قىلىدۇ.‏ 3 نېمە ئۈچۈن قېرىندىشىڭنىڭ كۆزىدىكى كىچىككىنە ساماننى كۆرۈپ،‏ ئۆز كۆزۈڭدىكى لىم ياغاچنى كۆرمە‌يسە‌ن؟‏!‏ 4 ئۆز كۆزۈڭدە لىم ياغاچ تۇ‌رسا،‏ قانداقمۇ سە‌ن قېرىندىشىڭغا:‏ ‹كۆزۈڭدىكى ساماننى ئېلىۋېتە‌ي› دېيە‌لە‌يسە‌ن؟‏ 5 ئە‌ي ساختىپە‌ز!‏ ئاۋۋال ئۆز كۆزۈڭدىكى لىم ياغاچنى ئېلىۋە‌ت،‏ ئاندىن قېرىندىشىڭنىڭ كۆزىدىكى ساماننى قانداق ئېلىۋېتىشنى ئېنىق بىلە‌لە‌يسە‌ن.‏

6 ئىتلارغا مۇ‌قە‌ددە‌س نە‌رسىنى بە‌رمە‌ڭلار ۋە مە‌رۋايىتلارنى تۇ‌ڭگۇ‌زلارنىڭ ئالدىغا تاشلاپ قويماڭلار،‏ بولمىسا ئۇ‌لار شۇ‌لارنى پۇ‌تلىرى بىلە‌ن دە‌سسە‌پ يانجىيدۇ ياكى ئارقىسىغا بۇ‌رۇ‌لۇ‌پ،‏ سىلە‌رگە ھۇ‌جۇ‌م قىلىدۇ.‏

7 داۋامـلىـق تىلـە‌ڭلار،‏ تىلىـگىنىـڭـلارغـا ئېرىشىسىلە‌ر،‏ داۋاملىق ئىزدە‌ڭلار ۋە تاپىسىلە‌ر،‏ داۋاملىق ئىشىكنى قېقىڭلار،‏ سىلە‌رگە ئېچىلىدۇ.‏ 8 چۈنكى،‏ تىلىگە‌ن ئېرىشىدۇ،‏ ئىزدىگە‌ن تاپىدۇ ۋە ئىشىكنى قاققانغا ئىشىك ئېچىلىدۇ.‏ 9 ئاراڭلاردا قايسىڭلار،‏ ئوغلۇ‌ڭلار نان سورىسا،‏ ئۇ‌نىڭغا تاش بېرىسىلە‌ر؟‏ 10 ياكى ئۇ بېلىق سورىسا،‏ يىلان بېرىسىلە‌ر؟‏ 11 ھە‌تتا سىلە‌ر گۇ‌ناھكارلار،‏ ئۆز پە‌رزە‌نتىڭلارغا ياخشى نە‌رسىلە‌رنى بېرىشنى بىلسە‌ڭلار،‏ ئۇ‌نداقتا ئاسماندىكى ئاتاڭلار ئۆزىدىن تىلىگە‌نلە‌رگە تېخىمۇ ياخشى نە‌رسىلە‌رنى بە‌رمە‌سمۇ؟‏!‏

12 شۇ‌ڭلاشقا،‏ باشقىلارنىڭ سىلە‌رگە قانداق مۇ‌ئامىلە قىلىشىنى خالىساڭلار،‏ ئۇ‌لارغىمۇ شۇ‌نداق مۇ‌ئامىلە قىلىڭلار.‏ چۈنكى،‏ تە‌ۋرات قانۇ‌نى ۋە پە‌يغە‌مبە‌رلە‌رنىڭ تە‌لىملىرى بۇ‌دۇ‌ر.‏

13 تار دە‌رۋازىدىن كىرىڭلار.‏ چۈنكى،‏ ھالاكە‌تكە ئېلىپ بارىدىغان دە‌رۋازا كە‌ڭ،‏ يولمۇ كە‌ڭ،‏ ئۇ‌نىڭدا ماڭىدىغانلارمۇ كۆپ؛‏ 14 ئە‌مما،‏ ھاياتلىققا ئېلىپ بارىدىغان دە‌رۋازا تار،‏ يولمۇ تار،‏ ئۇ‌نى تاپىدىغانلار ئاز.‏

15 ساختا پە‌يغە‌مبە‌رلە‌ردىن پە‌خە‌س بولۇ‌ڭلار.‏ ئۇ‌لار قوي تېرىسىگە ئورىنىۋېلىپ،‏ ئاراڭلارغا كىرىۋالىدۇ،‏ ئە‌سلىدە ئۇ‌لار يىرتقۇ‌چ بۆرىلە‌ردۇ‌ر.‏ 16 سىلە‌ر ئۇ‌لارنى مېۋىلىرىدىن تونۇ‌ۋالالايسىلە‌ر.‏ ھېچكىم تىكە‌ندىن ئۈزۈم ۋە يانتاقتىن ئە‌نجۈر يىغمايدۇ.‏ 17 خۇ‌ددى شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ ھە‌ر بىر ياخشى دە‌رە‌خ ياخشى مېۋە بېرىدۇ،‏ ھە‌ر بىر يامان دە‌رە‌خ يامان مېۋە بېرىدۇ.‏ 18 ياخشى دە‌رە‌خ يامان مېۋە بە‌رمە‌يدۇ،‏ يامان دە‌رە‌خ ياخشى مېۋە بە‌رمە‌يدۇ.‏ 19 ياخشى مېۋە بە‌رمە‌يدىغان ھە‌ر بىر دە‌رە‌خ كېسىلىپ،‏ ئوتقا تاشلىنىدۇ.‏ 20 شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ ساختا پە‌يغە‌مبە‌رلە‌رنى ئۇ‌لارنىڭ ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىدىن تونۇ‌ۋالالايسىلە‌ر.‏

21 ‹مە‌ن مە‌سىھ ئۈچۈن خىزمە‌ت قىلىۋاتىمە‌ن› دېگە‌نلە‌رنىڭ ھە‌ممىسىلا ئە‌رشنىڭ پادىشاھلىقىغا كىرە‌لمە‌يدۇ.‏ پە‌قە‌ت ئاسماندىكى ئاتامنىڭ ئىـرادىسـىنى ئورۇ‌نـلاۋاتـقانـلار كىرە‌لـە‌يـدۇ.‏ 22 شۇ‌نداق بىر كۈن كېلىدۇ‌كى،‏ نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر ماڭا:‏ ‹ھە‌زرىتىم،‏ ھە‌زرىتىم،‏ بىز سىزنىڭ ئىسىمىڭىز بىلە‌ن بېشارە‌تلە‌رنى يە‌تكۈزمىدۇ‌قمۇ؟‏ ئىسىمىڭىز بىلە‌ن جىنلارنى قوغلاپ چىقارمىدۇ‌قمۇ؟‏ ئىسىمىڭىز بىلە‌ن نۇ‌رغۇ‌ن مۆجىزىلە‌رنى قىلمىدۇ‌قمۇ؟‏›،‏—‏ دېيىشىدۇ.‏ 23 شۇ چاغدا،‏ مە‌ن ئۇ‌لارغا:‏ ‹مە‌ن ئە‌زە‌لدىن سىلە‌رنى تونۇ‌مايمە‌ن،‏ كۆزۈمدىن يوقىلىڭلار،‏ ئە‌ي يامانلىق قىلغۇ‌چىلار›،‏—‏ دە‌يمە‌ن.‏

24 شۇ‌ڭلاشقا،‏ كىمكى بۇ سۆزلىرىمگە قۇ‌لاق سېلىپ،‏ ئېيتقانلىرىمنى قىلسا،‏ ئۇ ئۆيىنى قورام تاش ئۈستىگە سالغان ئە‌قىللىق كىشىگە ئوخشايدۇ.‏ 25 يامغۇ‌رلار يېغىپ،‏ كە‌لكۈنلە‌ر كېلىپ ياكى بوران-‏چاپقۇ‌نلار چىقىپ،‏ شۇ ئۆينى ئۇ‌رغاندا،‏ ئۆي ئۆرۈلۈپ كە‌تمە‌يدۇ.‏ چۈنكى،‏ ئۇ قورام تاش ئۈستىگە سېلىنغان.‏ 26 ئە‌مما،‏ كىمكى بۇ سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ،‏ ئېيتقانلىرىمنى قىلمىسا،‏ ئۇ ئۆيىنى قۇ‌م ئۈستىگە سالغان ئە‌خمە‌ق كىشىگە ئوخشايدۇ.‏ 27 يامغۇ‌رلار يېغىپ،‏ كە‌لكۈنلە‌ر كېلىپ،‏ ياكى بوران-‏چاپقۇ‌نلار چىقىپ،‏ شۇ ئۆينى ئۇ‌رغاندا،‏ ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ ۋە پۈتۈنلە‌ي ۋە‌يران بولىدۇ».‏

28 ئە‌يـسـا پـە‌يـغـە‌مبـە‌ر سـۆزلىـرىنـى ئاخىرلاشتۇ‌رغاندا،‏ كۆپچىلىك ئۇ‌نىڭ تە‌لىمىدىن ئىنتايىن ھە‌يران بولدى.‏ 29 چۈنكى،‏ ئۇ تە‌ۋرات ئۇ‌ستازلىرىدە‌ك ئە‌مە‌س،‏ خۇ‌دا ئە‌ۋە‌تكە‌ن كىشىدە‌ك تە‌لىم بە‌رگە‌ن ئىدى.‏

a ياكى «رە‌ھىمدىل،‏ رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌تلىك».‏

b بۇ يېرۇ‌سالىم شە‌ھىرىنىڭ سىرتىدىكى ئە‌خلە‌تلە‌رنى كۆيدۈرىدىغان جاي ئىدى.‏ قە‌دىمقى يېرۇ‌سالىمنىڭ غە‌ربىي جە‌نۇ‌بىدىكى ھىننوم جىلغىسىنىڭ گرېكچە ئاتىلىشى.‏ ھايۋانلارنىڭ ياكى ئىنسانلارنىڭ گە‌ھە‌نناغا تاشلىنىپ،‏ تىرىك كۆيدۈرۈلگە‌نلىكى ياكى قىينالغانلىقى ھە‌ققىدە ھېچقانداق ئىسپات يوق.‏ شۇ‌ڭا،‏ بۇ جاي ئادە‌ملە‌رنىڭ جېنى مە‌ڭگۈ ئوتتا كۆيدۈرۈلۈپ،‏ قىينىلىدىغان يە‌رنى كۆرسە‌تمە‌يدۇ.‏ بە‌لكى ئە‌يسا ۋە ئۇ‌نىڭ شاگىرتلىرى گە‌ھە‌ننا سۆزىنى مە‌ڭگۈلۈك ھالاكە‌ت ياكى يوق قىلىنىشنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىشلە‌تكە‌ن.‏

c 5:‏22-‏ئايە‌تنىڭ ئىزاھاتىغا قاراڭ.‏

d 5:‏22-‏ئايە‌تنىڭ ئىزاھاتىغا قاراڭ.‏

e مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردا «جىنسىي ئە‌خلاقسىزلىق» دە‌پ تە‌رجىمە قىلىنغان گرېك تىلىدىكى پورنېيا سۆزى خۇ‌دا چە‌كلىگە‌ن بە‌زى جىنسىي مۇ‌ناسىۋە‌تلە‌رنى كۆرسىتىدۇ.‏ ئۇ زىنا،‏ پاھىشىۋازلىق،‏ توي قىلماي تۇ‌رۇ‌پ جىنسىي ئالاقىدە بولۇ‌ش،‏ ئوخشاش جىنىسلىقلارنىڭ جىنسىي مۇ‌ناسىۋىتى ۋە ھايۋانلار بىلە‌ن جىنسىي ئالاقىدە بولۇ‌ش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.‏

f سۆزمۇ-‏سۆز «يامان،‏ رە‌زىل».‏