مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

1-‏ھېكايە: خۇدانىڭ يارىتىشنى باشلىشى

1-‏ھېكايە: خۇدانىڭ يارىتىشنى باشلىشى

بىز ئىگە بولغان بارلىق ياخشى نەرسىلەر خۇدادىن كەلگەن. ئۇ، كۈندۈزى بىزگە يورۇقلۇق بەرسۇن ئۈچۈن قۇياشنى ۋە كېچىسى ھەم يورۇقلۇققا ئىگە بولۇشىمىز ئۈچۈن ئاي ۋە يۇلتۇزلارنى ياراتقان، ئۇ ماكان قۇرۇپ ياشىشىمىز ئۈچۈن يەر شارىنى ياراتقان ئىدى.

بىراق، خۇدا تۇنجى بولۇپ، قۇياش، ئاي، يۇلتۇزلار ۋە يەر شارىنى ياراتقان ئەمەس. ئۇنداقتا، سىز بىلەمسىز، تۇنجى بولۇپ نېمە يارىتىلغان؟ پەرۋەردىگار تۇنجى بولۇپ، ئۆزىگە ئوخشاش روھى شەخسلەرنى ياراتقان. خۇددى خۇدانى كۆرەلمىگەنگە ئوخشاش، شۇ روھى شەخسلەرنى كۆرەلمەيمىز. مۇقەددەس كىتابتا، ئاشۇ شەخسلەر پەرىشتىلەر، دەپ ئاتالغان. خۇدا پەرىشتىلەرنى ئۆزى بىلەن بىرگە ئاسماندا تۇرۇشقا ياراتقان.

خۇدا ياراتقان تۇنجى پەرىشتە بەكمۇ ئالاھىدە ئىدى. بۇ پەرىشتە خۇدانىڭ ئەڭ يېقىن سىردىشى بولۇپ، بارلىق نەرسىلەرنى يارىتىش ئىشىغا ياردەم بەرگەن؛ ھەتتا قۇياش، ئاي، يۇلتۇزلار ۋە بىز ياشاۋاتقان يەر شارىنى يارىتىشقا ياردەملەشكەنىدى.

ئۇنداقتا، ئىلگىرى يەر شارى قانداق ئىدى؟ دەسلەپتە، يەر شارىدا ھېچقانداق ھاياتلىق ياشىيالمايتتى. يەر يۈزى پەقەت سۇ بىلەن قاپلانغان غايەت زور دېڭىز-‏ئوكيان بولۇپ، قۇپقۇرۇق ئىدى. ئەمما، خۇدا ئىنسانلارنىڭ يەر يۈزىدە ياشىشىنى خالىغانىدى. شۇڭا، ئۇ بىز ئىنسانلار ئۈچۈن نەرسىلەرنى تەييار قىلىشقا باشلىدى. ئۇ نېمىلەرنى تەييارلىدى؟

يەر شارىغا يورۇقلۇق كېرەك بولغان. شۇڭا، خۇدا ئاۋۋال يەر شارىنى يورۇتۇش ئۈچۈن نۇر چاچىدىغان قۇياشنى ياراتتى. يورۇقلۇق ئارقىلىق كېچە بىلەن كۈندۈزنى پەيدا قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ قۇرۇقلۇقنى دېڭىز-‏ئوكياننىڭ ئۈستىگە چىقىرىپ، قۇرۇق يەرنى پەيدا قىلدى.

دەسلەپتە، يەر يۈزىدە ھېچ نېمە يوق، قۇپقۇرۇق بولۇپ، خۇددى مۇشۇ رەسىمدىكىگە ئوخشاش گۈل-‏گىياھ، دەل-‏دەرەخ ياكى جان-‏جانىۋارلار يوق ئىدى. دېڭىزلاردا ھەتتا بېلىقلارمۇ يوق ئىدى. شۇڭا، يەر شارىنى جان-‏جانىۋارلار ۋە ئىنسانلارنىڭ ياشىشى ئۈچۈن مۇۋاپىق كېلىدىغان ۋە ئەڭ ياخشى قىلىپ يارىتىش ئۈچۈن، پەرۋەردىگار كۆپ ئىشلارنى قىلىشى كېرەك ئىدى.

يەرەمىيا 10:‏12؛ كولوسىلىقلار 1:‏15-‏17؛ يارىتىلىش 1:‏1-‏10.

گىيا ئۈنمەيدىغان يەر


سوئاللار

  • بارلىق ياخشى نەرسىلەر قەيەردىن كەلگەن؟ بىر قانچىسىنى دەپ بېرەلەمسىز؟
  • خۇدا تۇنجى بولۇپ نېمىنى ياراتتى؟
  • نېمە ئۈچۈن تۇنجى پەرىشتە بەكمۇ ئالاھىدە بولغان؟
  • رەسىمگە قاراپ، دەسلەپتە يەر شارى قانداق ھالەتتە ئىدى ئېيتىپ بېرىڭ؟
  • يەر شارىنىڭ ئىنسانلار ۋە جان-‏جانىۋارلارنىڭ ياشىشىغا ماس كېلىشى ئۈچۈن، خۇدا نېمىلەرنى تەييارلىدى؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • يەرەمىيا 10:‏12-‏ئايەتنى ئوقۇڭ.

    خۇدانىڭ ياراتقان مەۋجۇداتلىرى، بىزگە ياراتقۇچى ھەققىدە نېمىلەرنى ئېيتىپ بېرىدۇ؟ (يەشايا 40:‏26؛ رىملىقلار 11:‏33)

  • كولوسىلىقلار 1:‏15-‏17-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    يارىتىش خىزمىتىدە، ئەيسا قانداق مۇھىم رول ئوينىغان؟ بۇنى بىلگەن ئىكەنمىز، ئەيساغا قانداق كۆزقاراشتا بولۇشىمىز لازىم؟ (كولوسىلىقلار 1:‏15-‏17)

  • يارىتىلىش 1:‏1-‏10-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    يەر شارى قانداق پەيدا بولدى؟ (يارىتىلىش 1:‏1)

    يارىتىلىش باشلىنىپ تۇنجى كۈنى نېمە ئىش يۈز بەردى؟ (يارىتىلىش 1:‏3-‏5)

    يارىتىلىشنىڭ 2-‏كۈنى نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىڭ؟ (يارىتىلىش 1:‏7، 8)