مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

10-‏ھېكايە: توپان سۈيى

10-‏ھېكايە: توپان سۈيى

كېمە سىرتىدىكى كىشىلەر، بۇرۇنقىغا ئوخشاش ئۆز ئىشلىرىنى قىلىپ يۈرىۋەردى. ئۇلار يەنىلا توپان سۈيىنىڭ كىلىشىگە ئىشەنمىدى. ھەتتا ئۇلار ئىلگىرىكىدىنمۇ بەكرەك مازاق قىلىپ كۈلۈپ يۈردى. ئەمما، ئۇزۇنغا بارمايلا، ئۇلارنىڭ كۈلكىسى يوقالدى.

كەلكۈن سۈيى قورشىۋالغان ئادەملەر ۋە ھايۋاناتلار قورقۇپ تۇرماقتا

تۇيۇقسىز، ئاسماندىن خۇددى چېلەكلەپ سۇ تۆككەندەك، قاتتىق يامغۇر يېغىشقا باشلىدى. دەرۋەقە، نۇھ پەيغەمبەرنىڭ ئېيتقان سۆزلىرى توغرا ئىدى! ئەمما، ھازىر باشقىلار كېمىگە چىقماقچى بولغان بولسىمۇ، بەك كېچىكتى. چۈنكى، يەھۋا خۇدا ئاللىقاچان كېمىنىڭ ئىشىكىنى تاقىۋەتكەنىدى.

ئۇزۇن ئۆتمەي، بارلىق ئويمان جايلارنى سۇ قاپلىدى. سۇ خۇددى شىددەتلىك دەريا ئېقىنلىرىغا ئوخشاش، دەل-‏دەرەخلەرنى قومۇرۇپ، يوغان تاشلارنى دوملۇتۇپ، قاتتىق ئاۋازلارنى پەيدا قىلغان ئىدى. كىشىلەر قورقۇشۇپ كەتتى. ئۇلار ئېگىزرەك جايلارغا ياماشتى. ھەي، ئۇلار نۇھ پەيغەمبەرنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ، كېمە ئىشىكى تېخى تاقالمىغاندا، كېمىگە چىقۋالمىغانلىقى ئۈچۈن كۆپ پۇشايمان قىلغاندۇ، ھە؟! لېكىن، ھازىر بەكمۇ كېچىكتى.

توختىماي 40 كېچە، 40 كۈندۈز قاتتىق يامغۇر يېغىپ، توپان سۈيى بارغانسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. سۇ تاغنىڭ يان باغرىغىچە كۆتۈرۈلۈپ، ھەتتا ئاخىرىدا تاغ چوققىلىرىمۇ سۇ ئاستىدا قالدى. ئاقىۋەتتە، خۇدا ئېيتقاندەك، كېمە سىرتىدىكى بارلىق ئىنسانلار ۋە جان-‏جانىۋارلار ئۆلدى. ئەمما، كېمە ئىچىدىكىلەر ھايات قالدى.

نۇھ ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى كېمىنى پۇختا، ناھايىتى ياخشى ياسىغانىدى. توپان سۈيى كېمىنى يۇقىرى ئۆرلىتىپ، سۇ يۈزىدە لەيلەتتى. بىر كۈنى يامغۇر توختاپ، قۇياش چىقتى. بۇ نېمە دېگەن غەلىتە مەنزىرە، ھە! تۆت ئەتراپنىڭ ھەممىسى دېڭىز-‏ئوكيان، پەقەت بىر كېمىنىڭ چەكسىز سۇ يۈزىدە لەيلەپ يۈرگەنلىكىنىلا كۆرگىلى بولاتتى.

كېمە سۇ ئۈستىدە لەيلىمەكتە

مانا ئەمدى، ھېلىقى يوغان ھەيۋەتلىك ئادەملەرمۇ يوقالغان ئىدى. ئۇلار يەنە ئەتراپىدىكى باشقىلارنى بوزەك قىلالمايدىغان بولدى. ئۇلار، ئۇلارنىڭ ئاپىلىرى ۋە باشقا يامانلىق قىلغان ئىنسانلار ھەممىسى ئۆلدى. ئەمما، ئۇلارنىڭ دادىلىرىچۇ؟

ئاشۇ ھەيۋەتلىك ئادەملەرنىڭ دادىلىرى، ئەمەلىيەتتە بىزگە ئوخشاش ئىنسانلار ئەمەس. بەلكى ئۇلار ئىنسان قىياپىتىدە يەر يۈزىگە چۈشۈپ ياشىغان پەرىشتىلەر ئىدى. شۇڭا، توپان سۈيى كەلگەندە، ئۇلار باشقا ئىنسانلاردەك ئۆلۈپ كەتمىدى. ئۇلار ئىنسان سىياقىدا ياشاشنى تاشلاپ، پەرىشتىلەر ھالىتىدە ئاسمانغا قايتىپ چىقىپ كەتتى. بىراق، ئۇلار ئەمدى پەرۋەردىگار پەرىشتىلىرىنىڭ چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئەزالىرى بولالمايتتى. شۇڭا، شەيتانغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ پەرىشتىلىرى بولدى. مۇقەددەس كىتاب، ئۇلارنى جىنلار، دەپ ئاتايدۇ.

پەرۋەردىگار قاتتىق شامال چىقاردى. توپان سۈيى ئاستا پەسلەشكە باشلىدى. بەش ئايدىن كېيىن، كېمە بىر تاغنىڭ چوققىسىدا توختىدى. نۇرغۇن كۈنلەر ئۆتۈپ، كېمە ئىچىدىكىلەر دېرىزىدىن سىرتقا قاراپ تاغ چوققىلىرىنى كۆردى. سۇلار داۋاملىق پەسەيمەكتە ئىدى.

شۇنىڭ بىلەن، نۇھ پەيغەمبەر بىر قاغىنى كېمىنىڭ سىرتىغا قۇيۇپ بەردى. قاغا بىر ئاز ئۇچقاندىن كېيىن، قونىدىغانغا جاي تاپالماي، ئۇچۇپ كېمىگە قايتىپ كەلدى. قاغا بىر نەچچە قېتىم كېمىدىن ئۇچۇپ چىقىپ، ھەر قېتىم قايتىپ كېلىپ كېمىگە قوندى.

بىر كەپتەر

نۇھ توپان سۈيىنىڭ يەر يۈزىدىن پۈتۈنلەي تارقىلىپ كەتكەنلىكىنى بىلمەكچى بولدى. شۇڭا، كېيىن ئۇ كەپتەرنى كېمىدىن چىقاردى. كەپتەر ھەم قايتىپ كەلدى، چۈنكى قونىدىغان جاي تاپالمىغان ئىدى. نۇھ ئىككىنچى قېتىم كەپتەرنى ئەۋەتكىنىدە، كەپتەر تۇمشۇقىدا زەيتۇن دەرىخنىڭ يوپۇرمىقىنى چىشلەپ قايتىپ كەلدى. نۇھ ئۈچىنچى قېتىم كەپتەرنى ئەۋەتكىنىدە، ئاخىرى ئۇ قونىدىغان قۇرغاق جاينى تاپقانىدى.

شۇنىڭ بىلەن، پەرۋەردىگار نۇھقا سۆز قىلىپ:‏ «پۈتۈن ئائىلەڭدىكىلەرنى ۋە جان-‏ جانىۋارلارنى ئېلىپ كېمىدىن چىق»، دېدى. ئۇلار بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت كېمە ئىچىدە تۇرغان ئىدى. شۇڭلاشقا، ئۇلارنىڭ كېمە ئىچىدىن ھايات چىققىنى ئۈچۈن قانچىلىك خۇشال بولۇشقانلىقىنى خىيال قىلالايمىز!

يارىتىلىش 7:‏10-‏24؛ 8:‏1-‏17؛ 2-‏پېترۇس 2:‏5.



سوئاللار

  • يامغۇر يېغىشقا باشلىغاندا، نېمە ئۈچۈن ھېچ كىم كېمە ئىچىگە كىرەلمىدى؟
  • يەھۋا قانچە كېچە-‏كۈندۈز يامغۇر ياغدۇردى؟ سۇ قانچىلىك ئېگىز كۆتۈرۈلدى؟
  • يەر يۈزىنى سۇ قاپلاشقا باشلىغاندا، كېمىگە نېمە بولدى؟
  • ھەيۋەتلىك ئادەملەر كەلكۈن سۈيىدە ھايات قالدىمۇ؟ ئۇلارنىڭ دادىلىرىغا نېمە بولدى؟
  • بەش ئايدىن كېيىن، كېمىگە نېمە بولدى؟
  • نېمە ئۈچۈن نۇھ بىر قاغىنى كېمە سىرتىغا قويۇپ بەردى؟
  • نۇھ يەر يۈزىنى قاپلىغان سۇنىڭ تارقىلىپ كەتكەنلىكىنى قانداق بىلدى؟
  • نۇھ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر كېمە ئىچىدە بىر يىلدىن كۆپرەك تۇرغاندىن كېيىن، يەھۋا نۇھقا نېمە دېدى؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • يارىتىلىش 7:‏10-‏24-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    يەر يۈزىدىكى ھاياتلىق قايسى دەرىجىدە يوق قىلىندى؟ (يارىتىلىش 7:‏23)

    يەر يۈزىنى قانچىلىك ئۇزۇن ۋاقىت، كەلكۈن سۈيى باستى؟ (يارىتىلىش 7:‏24)

  • يارىتىلىش 8:‏1-‏17-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    يەھۋانىڭ يەر شارى ئۈچۈن دەسلەپتە قىلغان مەقسىتىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى، يارىتىلىش 8:‏17-‏ئايەت قانداق كۆرسىتىدۇ؟ (يارىتىلىش 1:‏22)

  • 2-‏پېترۇس 2:‏5-‏ئايەتنى ئوقۇڭ.

    قارشىلاشقۇچى پەرىشتىلەر ئاسمانغا قايتىپ چىققىنىدا، ئۇلار قانداق ھۆكۈم قىلىندى؟ (يەھۇدا 6)

    نۇھ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر توغرىسىدىكى ۋەقە، يەھۋانىڭ ئۆز خەلقىنى قۇتقۇزۇشقا قادىر ئىكەنلىكىگە بولغان ئىشەنچىمىزنى قانداق كۈچەيتىدۇ؟ (ئىبرانىيلار 11:‏7)