مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

3-‏ھېكايە: تۇنجى ئەر بىلەن ئايال

3-‏ھېكايە: تۇنجى ئەر بىلەن ئايال

بۇ رەسىم بىلەن ئالدىنقى بەتتىكى رەسىمنىڭ قانداق پەرقى بار؟ بۇ رەسىمدە ئادەملەر بار. ئۇلار تۇنجى ئەر بىلەن ئايال. ئۇلارنى كىم ياراتتى؟ ئاللا. ئۇنىڭ ئىسمىنى بىلەمسىز؟ ئۇنىڭ ئىسمى يەھۋا. شۇنىڭدەك، ئەرنىڭ ئىسمى ئادەم ھەمدە ئايالنىڭ ئىسمى ھاۋا، دەپ ئاتالدى.

ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانا ئېرەم باغدا

پەرۋەردىگار يەھۋا، ئادەمنى ياراتقاندا:‏ ئۇ يەردىن تۇپراقنى ئېلىپ، ئۇنى مۇكەممەل بىر تەن، يەنى ئەر كىشىنىڭ تەن شەكلىدە ياسىدى. ئاندىن كېيىن، ئۇ ئاشۇ ئەرنىڭ بۇرنىغا پۈۋلىدى، نەتىجىدە ئادەم تىرىك جان بولدى.

ئاللا يەھۋا ئادەمگە بىر خىزمەت تاپشۇردى. ئۇ ئادەمگە پۈتكۈل جان-‏جانىۋارلارغا ئىسىم قويۇشنى بۇيرىدى. بەلكىم، ئادەم-‏ئاتا ئۇزۇن ۋاقىت قاراپ چىققاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئەڭ ياخشى ئىسىملارنى تاللىغاندۇ. ئادەم جان-‏جانىۋارلارغا ئىسىم قويغان ۋاقتىدا، بىر نەرسىگە دىققەت قىلىشقا باشلىغان ئىدى. بىلەمسىز، ئۇ نېمىگە دىققەت قىلىشقا باشلىغان؟

بارچە جان-‏جانىۋارلارنىڭ جۈپتى بار ئىدى. دادا پىل بىلەن ئاپا پىل ۋە دادا شىر بىلەن ئاپا شىر بار بولغان. ئەمما، ئادەمنىڭ جۈپتى يوق ئىدى. شۇڭا، يەھۋا ئادەمنى قاتتىق ئۇخلىتىۋەتتى، ئاندىن ئۇنىڭ بىر تال قوۋۇرغا سۆڭىكىنى ئالدى. يەھۋا ئاشۇ قوۋۇرغىنى ئىشلىتىپ، ئادەم ئۈچۈن بىر ئايالنى ياسىدى ۋە ئۇ ئايال ئادەمنىڭ خوتۇنى بولدى.

مۇشۇ ۋاقىتتا، ئادەم-‏ئاتا قانچىلىك خۇشال بولغاندۇ! ئويلاپ بېقىڭ، ھاۋا-‏ئانا شۇنداق چىرايلىق باغقا ماكانلىشىپ، قانچىلىك شاد-‏خۇراملىققا چۆمگەندۇ، ھە! ھازىر، مانا ئۇلار پەرزەنتلىك بولۇپ، بىرلىكتە بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرەلەيدىغان بولدى.

ئاللا، ئادەم بىلەن ھاۋانىڭ مەڭگۈ ياشىشىنى خالىغانىدى. ھەمدە ئۇ، ئۇلارنىڭ پۈتكۈل يەر شارىنى خۇددى ئاشۇ ئېرەم باغدەك چىرايلىق ھالەتكە كەلتۈرۈشىنى ئارزۇ قىلدى. ئادەم بىلەن ھاۋا شۇنداق قىلىش توغرىسىدا ئويلانغاندا، چوقۇم بەكمۇ خۇشال بولۇشقان! سىزمۇ يەر شارىنى گۈزەل باغقا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ئۆز ھەسسىڭىزنى قوشۇشنى خالامسىز؟ ئەمما، ئادەم بىلەن ھاۋانىڭ شاد-‏خۇراملىقى ئۇزۇنغا بارمايلا يوق بولدى. نېمە ئۈچۈن؟ كۆرۈپ باقايلى.

زەبۇر 83:‏18؛ يارىتىلىش 1:‏26-‏31؛ 2:‏7-‏25.



سوئاللار

  • 3-‏ھېكايىدىكى بۇ رەسىم بىلەن، 2-‏ھېكايىدىكى رەسىمدە قانداق پەرق بار؟
  • تۇنجى ئەرنى كىم ياراتتى؟ ئۇ ئەرنىڭ ئىسمى نېمە؟
  • خۇدا ئادەمگە قانداق خىزمەت تاپشۇردى؟
  • نېمە ئۈچۈن، خۇدا ئادەمنى قاتتىق ئۇخلىتىۋەتتى؟
  • ئادەم بىلەن ھاۋا قانچىلىك ئۇزۇن ياشىيالاتتى؟ يەھۋا ئۇلارنىڭ نېمە ئىش قىلىشىنى ئارزۇ قىلدى؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • زەبۇر 83:‏18-‏ئايەتنى ئوقۇڭ.

    ئاللانىڭ ئىسمى نېمە؟ ئۇنىڭ يەر يۈزى ئۈستىگە قانداق ھوقۇقى بار؟ (يەرەمىيا 16:‏21؛ دانىيال 4:‏17)

  • يارىتىلىش 1:‏26-‏31-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    يارىتىلىشنىڭ 6-‏كۈنىدە، خۇدا قانداق ئالاھىدە جاننى ياراتتى؟ ئۇنىڭ باشقا جان-‏جانىۋارلاردىن قانداق پەرقى بار؟ (يارىتىلىش 1:‏26)

    يەھۋا، ئىنسانلار بىلەن جان-‏جانىۋارلارنىڭ يېيىشى ئۈچۈن نېمىلەرنى بەردى؟ (يارىتىلىش 1:‏30)

  • يارىتىلىش 2:‏7-‏25-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    ئادەم-‏ئاتا جان-‏جانىۋارلارغا ئىسىم قويۇش ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىشى كېرەك ئىدى؟ (يارىتىلىش 2:‏19)

    يارىتىلىش 2:‏24-‏ئايەت، يەھۋانىڭ نىكاھقا، ئايرىلىپ ياشاشقا ۋە ئاجرىشىشقا قانداق كۆزقاراشتا بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىشىمىزگە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟ (مەتتا 19:‏4-‏6، 9)