مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

9-‏ھېكايە: نۇھنىڭ كېمە ياسىشى

9-‏ھېكايە: نۇھنىڭ كېمە ياسىشى
كىشىلەر نۇھنى زاڭلىق قىلىپ كۈلۈشمەكتە

نۇھنىڭ خوتۇنى ۋە سام، ھام، ياپەت ئىسىملىك ئۈچ ئوغلى بار ئىدى. ئۈچ ئوغۇلنىڭمۇ خوتۇنلىرى بار ئىدى. شۇڭا، نۇھنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر جەمئىي سەككىز جان ئىدى.

مانا ئەمدى، خۇدا نۇھ پەيغەمبەرنى غەلىتە بىر ئىشنى قىلىشقا بۇيرۇدى. يەنى، ئۇ نۇھقا غايەت زور بىر كېمە ياشاشنى ئېيتتى. بۇ كېمە بەكمۇ چوڭ بولۇپ، ئۇنىڭ شەكلى خۇددى بىر چوڭ ۋە ئۇزۇن ساندۇققا ئوخشاش ئىدى. خۇدا نۇھقا:‏ «كېمىنى ئۈچ قەۋەت قىلغىن، ئىچىدە ئۆيلەر بولسۇن»، دەپ ئېيتتى. بەزى ئۆيلەر نۇھ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۈچۈن، يەنە بەزىلىرى جان-‏جانىۋارلار ئۈچۈن، باشقىلىرى بولسا كېمىدىكى كىشىلەرنىڭ ۋە جان-‏جانىۋارلارنىڭ يەيدىغان يېمەك-‏ئىچمەكلىرىنى ساقلاش ئۈچۈن ئىدى.

خۇدا يەنە نۇھ پەيغەمبەرگە كېمىنىڭ ئىچىگە سۇ كىرمەيدىغان قىلىپ ياساشنى بۇيرۇدى. ئۇ:‏ «مەن يەر يۈزىنى توپان سۈيىگە غەرق قىلىپ، يەر يۈزىدىكى بارچە نەرسىلەرنى يوق قىلىمەن. بارلىق كېمە سىرتىدىكىلەر ئۆلىدۇ»، دېدى.

نۇھ ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى يەھۋانىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ، كېمە ياساشنى باشلىدى. ئەمما، باشقا كىشىلەر ئۇلارنى زاڭلىق قىلىپ كۈلۈپ، داۋاملىق يامان ئىشلارنى قىلىۋەردى. چۈنكى، يەھۋانىڭ قىلماقچى بولغان ئىشى توغرىسىدا نۇھنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىگە ھېچكىم ئىشەنمىگەنىدى.

نۇھنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر جان-جانىۋارلار ۋە يېمەك-ئىچمەكلەرنى كېمە ئىچىگە ئېلىپ كىرىۋاتىدۇ

كېمە بەكمۇ چوڭ بولغاچ، ئۇنى ياساسقا كۆپ ۋاقىت كېتەتتى. نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن، ئەڭ ئاخىرى كېمە ياسىلىپ بولدى. شۇنىڭ بىلەن، خۇدا نۇھنى جان-‏جانىۋارلارنى كېمىگە چىقىرىشنى بۇيرۇدى. خۇدا بەزى ھايۋانلارنى بىر ئەركەك، بىر چىشى، بىر جۈپ قىلىپ ئېلىپ چىقىشنى، ئەمما باشقا بەزى تۈردىكى ھايۋانلاردىن يەتتىنى ئېلىپ چىقىشنى ئېيتتى. ئۇ يەنە نۇھقا ھەرخىل تۈردىكى ئۇچار قۇشلارنى ئېلىپ چىقىشىنى بۇيرۇغان ئىدى. نۇھ پەيغەمبەر ھەممىنى دەل خۇدا بۇيرۇغاندەك قىلدى.

ئەڭ ئاخىرى، نۇھ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر كېمىگە چىقتى. شۇنىڭ بىلەن، خۇدا كېمە ئىشىكىنى يېپىۋەتتى. نۇھ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر، كېمە ئىچىدە توپان سۈيىنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇردى. ئۇلار بىلەن بىرگە كېمە ئىچىدە ساقلاپ تۇرىۋاتىمەن، دەپ خىيال قىلىپ بېقىڭە! پەرۋەردىگار ئېيتقان توپان سۈيى راستىنلا كېلەرمۇ؟

يارىتىلىش 6:‏9-‏22؛ 7:‏1-‏9.



سوئاللار

  • نۇھنىڭ ئائىلىسىدە قانچە جان بار؟ ئۇنىڭ ئۈچ ئوغلىنىڭ ئىسمى نېمە؟
  • خۇدا نۇھنى قانداق غەلىتە ئىشنى قىلىشقا بۇيرۇدى؟ نېمە ئۈچۈن؟
  • نۇھ كېمە ياشاش ھەققىدە ئېيتقاندا، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى قوشنىلىرى قانداق ئىنكاس قايتۇردى؟
  • خۇدا جان-‏جانىۋارلارنى قانداق قىلىش ھەققىدە نۇھقا نېمە دېدى؟
  • خۇدا كېمە ئىشىكىنى يېپىۋەتكەندىن كېيىن، نۇھ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر نېمە ئىش قىلدى؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • يارىتىلىش 6:‏9-‏22-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    نۇھ نېمە سەۋەبتىن، ھەق خۇدانىڭ ئالاھىدە خىزمەتچىسى بولدى؟ (يارىتىلىش 6:‏9، 22)

    يەھۋانىڭ زوراۋانلىققا بولغان كۆزقارىشى قانداق؟ بۇ بىزنىڭ ئويۇن-‏تاماشىلارنى تاللىشىمىزغا قانداق تەسىر قىلىشى كېرەك؟ (يارىتىلىش 6:‏11، 12؛ زەبۇر 11:‏5)

    يەھۋانىڭ تەشكىلاتى تەرىپىدىن كۆرسەتمىلەر بېرىلگەندە، نۇھنى ئۆزىمىزگە قانداق ئۈلگە قىلالايمىز؟ (يارىتىلىش 6:‏22؛ 1-‏يۇھاننا 5:‏3)

  • يارىتىلىش 7:‏1-‏9-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    خۇدانىڭ كۆز ئالدىدا نامۇكەممەل كىشى نۇھنىڭ ھەققانىي سانالغانلىقى، بۈگۈنكى كۈندە بىزنى قانداق ئىلھاملاندۇرىدۇ؟ (يارىتىلىش 7:‏1؛ پەندى-‏ نەسىھەت 10:‏16؛ يەشايا 26:‏7)