مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

12-‏ھېكايە: ئىنسانلارنىڭ غايەت زور مۇنار ياسىشى

12-‏ھېكايە: ئىنسانلارنىڭ غايەت زور مۇنار ياسىشى

نۇرغۇن يىللار ئۆتۈپ، نۇھ پەيغەمبەرنىڭ ئوغۇللىرى كۆپ بالا-‏چاقىلىق بولدى. ئۇلارنىڭ بالىلىرى چوڭ بولۇپ، ئۇلارمۇ نۇرغۇن پەرزەنتلىك بولدى. ئۇزۇن ئۆتمەي، يەر يۈزى توپ-‏توپ ئادەملەر بىلەن تولۇپ كەتتى.

ئاشۇ ئادەملەرنىڭ ئارىسىدا نۇھنىڭ نىمرود ئىسىملىك بىر ئەۋرىسى بولۇپ، ئۇ جان-‏جانىۋارلار ۋە ئادەملەرنى ئوۋلاپ ئۆلتۈرۈپ، كۆپ يامان ئىشلارنى قىلدى. ھەتتا، نىمرود ئۆزىنى پادىشاھ دەپ ئاتاپ، باشقا ئادەملەر ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلدى. شۇڭا، خۇدا نىمرودنى ياخشى كۆرمىدى.

ئاشۇ زاماندا، بارلىق ئىنسانلار بىرلا تىلدا سۆزلىشەتتى. نىمرود ئۇلارنى بىر جايغا توپلاپ، ئۇلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى ئويلىدى. شۇنداق قىلىش ئۈچۈن، نىمرودنىڭ نېمە قىلغانلىقىنى بىلەمسىز؟ ئۇ كىشىلەرگە بىر شەھەر بىنا قىلىپ، شەھەردە غايەت چوڭ بىر مۇنار ياساشنى بۇيرۇدى. بۇ رەسىمگە قاراڭ، ئۇلارنىڭ خىش ياساۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيسىز.

پەرۋەردىگار يەھۋا ئاشۇ مۇنار ياساش ئىشىنى ياقتۇرمىدى. ئەمەلىيەتتە، پەرۋەردىگار كىشىلەرنىڭ يەر يۈزىنىڭ ھەممە جايلىرىغا تارقىلىپ ياشىشىنى خالىغانىدى. ئەمما، ئىنسانلار:‏ «كېلىڭلار! بىر شەھەر بىنا قىلىپ، ئۇنىڭدا ئاسمانغا تاقاشقۇدەك مۇنار ياسايلى. شۇنىڭ بىلەن، نامىمىز چىقىدۇ!»، دېيىشتى. ئىنسانلار خۇداغا ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىگە شان-‏شەرەپ كەلتۈرۈشنى ئويلىدى.

شۇڭا، پەرۋەردىگار يەھۋا كىشىلەرنىڭ مۇنار ياساش ئىشىنى توختاتتى. ئۇ نېمە ئىش قىلغان بىلەمسىز؟ تۇيۇقسىزلا كىشىلەرنى بىر تىلدا ئەمەس، بەلكى ھەرخىل تىللاردا سۆزلەيدىغان قىلىپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار بىر-‏بىرىنىڭ گەپلىرىنى چۈشىنەلمىدى. شۇ سەۋەب، بۇ شەھەر «بابىل» ياكى بابىلون دەپ ئاتالدى، مەنىسى «قالايمىقانچىلىق».

مانا ئەمدى، كىشىلەر بابىل شەھىرىدىن ئايرىلىشقا باشلىدى. ئوخشاش تىلدا سۆزلەيدىغان ئادەملەر بىرلىكتە ياشاش ئۈچۈن، بىر توپ بولۇپ دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىغا كۆچۈپ كەتتى.

يارىتىلىش 10:‏1، 8-‏10؛ 11:‏1-‏9.

ئىشچىلار چوڭ بىر مۇنار ياساۋاتىدۇ


سوئاللار

  • نىمرود كىم؟ خۇدا نىمرودقا قانداق كۆزقاراشتا بولدى؟
  • رەسىمگە قاراڭ، نېمە ئۈچۈن كىشىلەر خىش ياساۋاتىدۇ؟
  • نېمە ئۈچۈن، يەھۋا مۇنار ياساش ئىشىنى ياقتۇرمىدى؟
  • خۇدا قانداق قىلىپ مۇنار ياساشنى توختاتتى؟
  • ئۇ شەھەر نېمە دەپ ئاتالدى؟ ئۇ ئىسىمنىڭ مەنىسى نېمە؟
  • خۇدا كىشىلەرنىڭ تىللىرىنى قالايمىقانلاشتۇرۋەتكەندىن كېيىن، نېمە ئىش يۈز بەردى؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • پەندى-‏نەسىھەت 3:‏31-‏ئايەتنى ئوقۇڭ.

    نىمرود ئۆزىنىڭ قانداق تەبىئەتلىك كىشى ئىكەنلىكىنى ئاشكارلىدى؟ بۇ بىزگە قانداق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ؟ (زەبۇر 11:‏5)

  • يارىتىلىش 11:‏1-‏9-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    ئۇلارنىڭ مۇنار ياساشتىكى مەقسىتى نېمە؟ نېمە ئۈچۈن مۇنار ياساش قۇرۇلۇشىنىڭ مەغلۇپ بولۇشى ئېنىق ئىدى؟ (يارىتىلىش 11:‏4؛ پەندى-‏نەسىھەت 16:‏18؛ يۇھاننا 5:‏44)