مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

13-‏ھېكايە: خۇدانىڭ دوستى — ئىبراھىم

13-‏ھېكايە: خۇدانىڭ دوستى — ئىبراھىم

توپان سۈيىدىن كېيىن، بىر توپ ئادەملەر ئۇر، دەپ ئاتالغان جايغا بېرىپ ياشىغانىدى. ئۇ ناھايىتى مۇھىم شەھەرگە ئايلانغان بولۇپ، ئۇ شەھەردە پاكىزە-‏كۆركەم ئۆيلەر بار ئىدى. ئەمما، ئۇ جايدىكى كىشىلەر، بابىل شەھىرىدىكى ئادەملەرگە ئوخشاش يالغان غەيرى ئىلاھلارغا ئىبادەت قىلاتتى. ئۇر ۋە بابىل شەھەرلىرىدىكى ئادەملەر، يەھۋاغا ئىبادەت قىلىدىغان نۇھ ۋە ئۇنىڭ ئوغلى سامغا ئوخشىمايتتى.

توپان سۈيىدىن كېيىن 350 يىل ئۆتۈپ، ساداقەتمەن كىشى نۇھ ئۆلۈپ كەتتى. ئىككى يىلدىن كېيىن، سىز كۆرۈۋاتقان رەسىمدىكى بۇ كىشى تۇغۇلدى. خۇدا ئۇنى بەكمۇ ياخشى كۆرەتتى. ئۇنىڭ ئىسمى ئىبراھىم بولۇپ، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئۇر دېگەن شەھەردە ياشايتتى.

ئىبراھىم يۇلتۇزلارغا قاراۋاتىدۇ

بىر كۈنى، خۇدا ئىبراھىمغا:‏ «ئۇر شەھىرىدىن ۋە ئۇرۇق-‏تۇغقانلىرىڭدىن ئايرىلىپ، مەن ساڭا كۆرسىتىدىغان جايغا بارغىن»، دەپ بۇيرۇدى. ئىبراھىم خۇدانىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ، ئۇر شەھىرىدىكى راھەت-‏پاراغەتلىك تۇرمۇشىنى تاشلاپ كەتتىمۇ؟ ئۇ شۇنداق قىلدى. ئىبراھىم ھەر ۋاقىت ياراتقۇچىنىڭ بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ خۇدانىڭ دوستى، دەپ ئاتالدى.

ئىبراھىم پەيغەمبەر ئۇر شەھىرىدىن ئايرىلغاندا، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكى بەزىلەر، يەنى ئىبراھىمنىڭ دادىسى تەراھ ۋە جىيەن ئوغلى لۇت ئۇنىڭ بىلەن بىللە ماڭدى. ئەلۋەتتە، ئىبراھىمنىڭ ئايالى سارەمۇ شۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىدى. كېيىن، ئۇلار ھاران دېگەن جايغا يېتىپ كەلگەندە، تەراھ ئۆلۈپ كەتتى. شۇ ۋاقىتتا، ئۇلار ئۇر شەھىرىدىن كۆپ يىراقلاپ كەتكەنىدى.

ئۇزۇن ئۆتمەي، ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ھاران دېگەن جايدىن ئايرىلىپ، قانان دەپ ئاتالغان زېمىنغا كەلدى. ئۇ يەردە، ئاللا يەھۋا يەنە ئۇنىڭغا:‏ «بۇ زېمىننى سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا بېرىمەن»، دەپ ۋەدە قىلدى. شۇڭا، ئىبراھىم پەيغەمبەر قانان زېمىنىدىن كەتمەي، شۇ يەردە چېدىر ياساپ ماكانلىشىپ قالدى.

خۇدا يەھۋا ئىبراھىمغا ياردەم بەردى. شۇڭا، ئۇ نۇرغۇن قوي ۋە باشقا مال-‏چارۋىلار ۋە نەچچە يۈزلىگەن خىزمەتچىلەرگە ئىگە بولدى. بىراق، ئىبراھىم بىلەن سارەنىڭ بىرمۇ بالىسى يوق ئىدى.

ئىبراھىم پەيغەمبەر 99 ياشقا كىرگەندە، يەھۋا:‏ «ساڭا شۇنداق ۋەدە بېرەي، سەن نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ ئاتىسى بولىسەن»، دېدى. بىراق، ئىبراھىم بىلەن سارە قېرىپ كەتكەن تۇرسا، شۇنداق چوڭ ياشتا، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىك بولالىشى قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟

يارىتىلىش 11:‏27-‏32؛ 12:‏1-‏7؛ 17:‏1-‏8، 15-‏17؛ 18:‏9-‏19.



سوئاللار

  • ئۇر شەھىرىدە قانداق ئادەملەر ياشىغان؟
  • رەسىمدىكى كىشى كىم، ئۇ قاچان تۇغۇلغان ۋە قەيەردە ياشىغان؟
  • خۇدا ئىبراھىمنى نېمە ئىش قىلىشقا بۇيرۇدى؟
  • نېمە ئۈچۈن ئىبراھىم خۇدانىڭ دوستى، دەپ ئاتالدى؟
  • ئىبراھىم ئۇر شەھىرىدىن ئايرىلغاندا، كىملەر ئۇنىڭ بىلەن بىللە ماڭدى؟
  • ئىبراھىم قانان زېمىنىغا كەلگەندە، خۇدا ئىبراھىمغا نېمە دېدى؟
  • ئىبراھىم 99 ياشقا كىرگەندە، يەھۋا ئىبراھىمغا قانداق ۋەدە بەردى؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • يارىتىلىش 11:‏27-‏32-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    ئىبراھىم بىلەن لۇتنىڭ ئۇرۇق-‏تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى قانداق؟ (يارىتىلىش 11:‏27)

    گەرچە تەراھ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن قانان زېمىنىغا كۆچۈشكە ئاتلىنىپ ھەسسە قوشقان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بولسا بۇ كۆچۈشكە ئىبراھىمنىڭ سەپەرۋەرلىك قىلغانلىقىنى قانداق بىلىمىز؟ نېمە ئۈچۈن ئۇ شۇنداق قىلدى؟ (يارىتىلىش 11:‏31؛ ئەلچىلەر 7:‏2-‏4)

  • يارىتىلىش 12:‏1-‏7-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    ئىبراھىم قانان زېمىنىغا كەلگەندىن كېيىن، يەھۋا خۇدا ئىبراھىم بىلەن تۈزگەن ئەھدىگە قوشۇمچە قىلىپ، نېمىنى ۋەدە قىلدى؟ (يارىتىلىش 12:‏7)

  • يارىتىلىش 17:‏1-‏8، 15-‏17-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    99 ياشقا كىرگەندە، ئىبرامنىڭ ئىسمى نېمىگە ئۆزگەرتىلدى؟ نېمە ئۈچۈن؟ (يارىتىلىش 17:‏5)

    يەھۋا سارەگە كەلگۈسىدە قانداق بەخت ئاتا قىلىشنى ۋەدە قىلدى؟ (يارىتىلىش 17:‏15، 16)

  • يارىتىلىش 18:‏9-‏19-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    يارىتىلىش 18:‏19-‏ئايەتتە، ئاتا بولغۇچىلارغا قانداق مەسئۇلىيەت تاپشۇرۇلغان؟ (تەكرار قانۇن 6:‏6، 7؛ ئەفەسلىكلەر 6:‏4)

    سارەنىڭ قايسى ئىشى، يەھۋادىن ھېچ نېمىنى يوشۇرۇپ بولالمايدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىدۇ؟ (يارىتىلىش 18:‏12، 15؛ زەبۇر 44:‏21)