مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

15-‏ھېكايە: لۇتنىڭ خوتۇنىنىڭ كەينىگە قارىشى

15-‏ھېكايە: لۇتنىڭ خوتۇنىنىڭ كەينىگە قارىشى

لۇت ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئىبراھىم بىلەن قانان زېمىنىدا بىرگە ياشايتتى. بىر كۈنى، ئىبراھىم لۇتقا:‏ «بارلىق مال-‏چارۋالىرىمىز ئۈچۈن بۇ زېمىن يېتەرلىك ئەمەس. ئايرىلىپ ياشايلى. ئەگەر سەن بۇ تەرەپكە ماڭساڭ، ئۇنداقتا مەن باشقا تەرەپكە ماڭاي»، دېگەن ئىدى.

لۇت تۆت ئەتراپقا بىر قاراپ چىقىپ، تۇپرىقى ياخشى، سۈيى مول ۋە مال-‏چارۋىلىرى ئۈچۈن ئوت-‏چۆپى كۆپ بىر پارچە زېمىننى كۆردى. بۇ جاي ئىئوردان دەريا ۋادىسى ئىدى. لۇت ئائىلىسى ۋە مال-‏چارۋىلىرى بىلەن ئۇ يەرگە كۆچتى. ئاخىرى ئۇلار سودوم دېگەن شەھەرگە كېلىپ ماكانلىشىپ قالدى.

سودوم شەھىرىدىكى ئادەملەر ناھايىتى ئەسكى كىشىلەر ئىدى. لۇت بەكمۇ بىئارام بولدى، چۈنكى لۇت ياخشى ئادەم ئىدى. خۇدامۇ بەك بىئارام بولدى. ئاخىرى بولماي، پەرۋەردىگار ئىككى پەرىشتىنى ئەۋەتىپ، لۇتنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۆزىنىڭ سودوم ۋە ئۇنىڭ قوشنا شەھىرى گومورانىڭ يامانلىققا تولغانلىقى سەۋەبلىك، ئۇلارنى يوق قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

پەرىشتىلەر لۇتقا:‏ «دەرھال ئايالىڭ بىلەن ئىككى قىزىڭنى ئېلىپ، بۇ شەھەردىن چىقىپ كەت!»، دېدى. لۇت ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىر ئاز ئارىسالدى بولۇشتى، شۇڭا پەرىشتىلەر ئۇلارنى قوللىرىدىن يېتىلەپ، شەھەردىن چىقىرىپ قويدى. پەرىشتىلەردىن بىرى:‏ «سىلەر جېنىڭلارنى ئېلىپ قېچىڭلار! كەينىڭلارغا قارىماڭلار، تاغقا يەتكۈچە قېچىڭلار، شۇندىلا ئۆلۈپ كەتمەيسىلەر»، دېدى.

لۇت ۋە ئۇنىڭ قىزلىرى پەرىشتىلەرنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ، سودوم شەھىرىدىن قېچىپ كەتتى. ئۇلار توختىماي يۈگۈردى، كەينىگىمۇ قارىمىدى. بىراق، لۇتنىڭ خوتۇنى بۇيرۇققا بويسۇنمىغان ئىدى. ئۇلار سودومدىن ئازراق يىراقلىغاندا، ئۇ توختاپ، كەينىگە قارىدى. شۇڭا، لۇتنىڭ خوتۇنى تاش تۇز تۈۋرۈككە ئايلىنىپ قالدى. رەسىمدىن ئۇنى كۆرەلىدىڭىزمۇ؟

بىز مۇشۇ ئىشتىن ساۋاق ئالالايمىز. شۇنى ھەم كۆرۈۋالالايمىزكى، يەھۋا خۇدا ئۆزىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغانلارنى قۇتقۇزىدۇ. ئەمما، ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمايدىغانلار ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ.

يارىتىلىش 13:‏5-‏13؛ 18:‏20-‏33؛ 19:‏1-‏29؛ لۇقا 17:‏28-‏32؛ 2-‏پېترۇس 2:‏6-‏8.

لۇت سودۇم شەھىرىدىن قېچىپ چىقىپ كېتىۋاتىدۇ


سوئاللار

  • ئىبراھىم بىلەن لۇت نېمە ئۈچۈن ئايرىلىپ كەتتى؟
  • نېمە ئۈچۈن لۇت سودوم شەھىرىدە ياشاشنى تاللىدى؟
  • سودوم شەھىرىدىكىلەر قانداق كىشىلەر ئىدى؟
  • ئىككى پەرىشتە لۇتنى نېمە دەپ ئاگاھلاندۇردى؟
  • نېمە ئۈچۈن لۇتنىڭ خوتۇنى تاش تۇز تۈۋرۈككە ئايلىنىپ قالدى؟
  • لۇتنىڭ خوتۇنى ھەققىدىكى مۇشۇ ئىشتىن بىز قانداق ساۋاققا ئىگە بولالايمىز؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • يارىتىلىش 13:‏5-‏13-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    ئىبراھىمنىڭ ئىككى كىشى ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىدىن، نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟ (يارىتىلىش 13:‏8، 9؛ رىملىقلار 12:‏10؛ فىلىپىلىكلەر 2:‏3، 4)

  • يارىتىلىش 18:‏20-‏33-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    يەھۋا بىلەن ئىبراھىمنىڭ قىلىشقان گەپ-‏سۆزلىرى، نېمە ئۈچۈن يەھۋا ۋە ئەيسانىڭ ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىمىزنى ئاشۇرىدۇ؟ (يارىتىلىش 18:‏25، 26؛ مەتتا 25:‏31-‏33)

  • يارىتىلىش 19:‏1-‏29-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    مۇقەددەس كىتابتىكى مۇشۇ ۋەقەگە ئاساسلانغاندا، ئوخشاش جىنسلىقلارنىڭ جىنسىي ئالاقە قىلىشىغا خۇدا قانداق كۆزقاراشتا؟ (يارىتىلىش 19:‏5، 13؛ لاۋىيلار 20:‏13)

    خۇدانىڭ كۆرسەتمىلىرىگە، ئىبراھىم ۋە لۇتنىڭ ئىنكاس قايتۇرىشىدا قانداق پەرق بار؟ بۇنىڭدىن بىز نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟ (يارىتىلىش 19:‏15، 16، 19، 20؛ 22:‏3)

  • لۇقا 17:‏28-‏32-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    لۇتنىڭ خوتۇنى مال-‏دۇنياغا نىسبەتەن قانداق كۆزقاراشتا بولغان؟ بۇ بىزگە قانداق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ؟ (لۇقا 12:‏15؛ 17:‏31، 32؛ مەتتا 6:‏19-‏21، 25)

  • 2-‏پېترۇس 2:‏6-‏8-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    لۇتنى ئۈلگە قىلساق، خۇدادىن يىراقلاشقان بۇ دۇنياغا قانداق كۆزقاراشتا بولۇشىمىز كېرەك؟ (ھەزقىيال 9:‏4؛ 1-‏يۇھاننا 2:‏15-‏17)