مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

16-‏ھېكايە: ئىسھاقنىڭ ياخشى بىر قىزغا ئۆيلىنىشى

16-‏ھېكايە: ئىسھاقنىڭ ياخشى بىر قىزغا ئۆيلىنىشى

سىز بىلەمسىز، بۇ رەسىمدىكى قىز كىم؟ ئۇنىڭ ئىسمى رىبەقا. ئۇ كېلىپ كۆرۈشمەكچى بولغان بۇ كىشى ئىسھاق. رىبەقا ئىسھاق بىلەن توي قىلماقچى ئىدى. بۇ ئىش قانداق يۈز بەرگەن؟

ئىسھاقنىڭ ئاتىسى ئىبراھىم پەيغەمبەر ئۆز ئوغلىغا ياخشى بىر قىزنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ بەرمەكچى بولدى. ئۇ ئىسھاقنىڭ قانانلىق قىزلاردىن بىرىگە ئۆيلىنىشنى خالىمىغانىدى. چۈنكى، قانانلىق كىشىلەر يالغان ئىلاھلارغا ئىبادەت قىلاتتى. شۇڭا، ئىبراھىم بىر چاكارىنى چاقىرىپ:‏ «سەن مېنىڭ تۇغقانلىرىم تۇرغان جاي ھارانغا بېرىپ، شۇ يەردىن بىر قىزنى ئوغلۇم ئىسھاق ئۈچۈن خوتۇنلۇققا ئېلىپ بەر»، دېدى.

ئىبراھىمنىڭ چاكىرى دەرھال ئون تۆگىنى ئېلىپ، ئۇزۇن سەپەرگە چىقتى. ئۇ ئىبراھىمنىڭ تۇغقانلىرى تۇرىدىغان جايغا يېقىن كېلىپ، بىر قۇدۇقنىڭ يېنىدا توختىدى. بۇ كۈن پېتىپ قالغان چاغ بولۇپ، شەھەردىكى قىزلار قۇدۇققا سۇ ئالغىلى چىقىدىغان ۋاقىت ئىدى. شۇڭا، ئىبراھىمنىڭ چاكىرى يەھۋاغا:‏ «ماڭا ۋە تۆگىلەرگە سۇ بەرگەن ئاشۇ قىز، ئىسھاق ئۈچۈن تاللاپ بەرگىنىڭ بولسۇن»، دەپ دۇئا قىلدى.

رىبەقا بىلەن ئىسھاقنىڭ كۆرۈشىشى

ئۇزۇن ئۆتمەي، رىبەقا سۇ ئالغىلى كەلدى. ئۇ چاكار ئۇنىڭدىن سۇ سورىغاندا، قىز چاكارغا سۇ بەردى. ئاندىن يەنە، بارلىق ئۇسساپ كەتكەن تۆگىلەرگىمۇ سۇ ئەكىلىپ بەردى. بۇ ناھايىتى جاپالىق ئىش ئىدى. چۈنكى، تۆگىلەر بەك كۆپ سۇ ئىچىدۇ.

رىبەقا تۆگىلەرگە سۇ بەرگەندىن كېيىن، ئىبراھىمنىڭ چاكىرى ئۇنىڭدىن ئاتىسىنىڭ ئىسمىنى سورىدى. ئۇ يەنە ئۇلارنىڭ ئۆيىدە بىر كېچە قونۇشنى ئۆتۈندى. ئۇ:‏ «ئاتامنىڭ ئىسمى بېتۇئېل، بىزنىڭ ئۆيدە سىلەر قونغۇدەك جاي بار»، دېدى. ئىبراھىمنىڭ چاكىرى، بېتۇئېلنىڭ ئىبراھىمنىڭ قېرىندىشى ناھورنىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. شۇڭا، ئۇ تىزلىنىپ سەجدە قىلىپ، يەھۋانىڭ ئۇنى ئىبراھىمنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ قېشىغا باشلاپ كەلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى.

ئاشۇ ئاخشىمى، ئىبراھىمنىڭ چاكىرى ئۆزىنىڭ نېمە سەۋەبتىن كەلگەنلىكىنى، بېتۇئېل ۋە رىبەقانىڭ ئاكىسى لابانغا ئېيتىپ بەردى. ئۇلار ئىككىسى رىبەقانىڭ بېرىپ، ئىسھاق بىلەن توي قىلىشىغا قوشۇلدى. ئۇلار رىبەقادىن سورىغاندا، ئۇ نېمە دەپ جاۋاب بەردى؟ ئۇ:‏ «بولىدۇ»، دېدى. ئۇ بېرىشقا قوشۇلدى. شۇڭا، ئىككىنچى كۈنى ئۇلار تۆگىگە مىنىپ، قانان زېمىنىغا قايتىش ئۈچۈن ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلاندى.

ئۇلار يېتىپ كەلگەن ۋاقىتتا، كەچقۇرۇن بولۇپ قالغانىدى. رىبەقا بىر كىشىنىڭ دالىدا مېڭىپ يۈرگىنىنى كۆردى. ئۇ دەل ئىسھاق ئىدى. ئۇ رىبەقانى كۆرۈپ بەك خۇشال بولدى. ئۇنىڭ ئانىسى سارە ئۈچ يىل بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، شۇ ئىش سەۋەبلىك ھەسرەت چېكىپ يۈرەتتى. مانا ئەمدى، ئىسھاق رىبەقانى بەكمۇ ياخشى كۆرۈپ قالدى ۋە ئۇنىڭ خۇشاللىقى قايتا باشلاندى

يارىتىلىش 24:‏1-‏67.



سوئاللار

  • رەسىمدىكى ئاۋۇ ئەر بىلەن ئايال كىملەر؟
  • ئىبراھىم ئوغلىغا ياخشى بىر قىزنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن نېمە ئىش قىلدى؟ نېمە ئۈچۈن؟
  • ئىبراھىمنىڭ چاكىرىنىڭ دۇئاسىغا قانداق جاۋاب قايتتى؟
  • رىبەقادىن ئىسھاق بىلەن توي قىلىشقا قوشۇلىدىغان ياكى قوشۇلمايدىغانلىقىنى سورىغاندا، رىبەقا قانداق جاۋاب بەردى؟
  • نېمە ئۈچۈن ئىسھاقنىڭ خۇشاللىقى قايتا باشلاندى؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • يارىتىلىش 24:‏1-‏67-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    رىبەقا ئىبراھىمنىڭ چاكىرى بىلەن قۇدۇق بېشىدا كۆرۈشكەندە، قانداق ياخشى پەزىلەتلەرنى نامايان قىلدى؟ (يارىتىلىش 24:‏17-‏20؛ پەندى-‏نەسىھەت 31:‏17، 31)

    ئىبراھىمنىڭ ئىسھاق ئۈچۈن قىلغان ئورۇنلاشتۇرۇشى، بۈگۈنكى كۈندىكى ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرىگە قانداق ياخشى ئۈلگە بولالايدۇ؟ (يارىتىلىش 24:‏37، 38؛ 1-‏كورىنتلىقلار 7:‏39؛ 2-‏كورىنتلىقلار 6:‏14)

    نېمە ئۈچۈن بىز ئىسھاققا ئوخشاش چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىپ ئويلىنىش ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىشىمىز كېرەك؟ (يارىتىلىش 24:‏63؛ زەبۇر 77:‏12؛ فىلىپىلىكلەر 4:‏8)