مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

19-‏ھېكايە: ياقۇپنىڭ چوڭ ئائىلىسى

19-‏ھېكايە: ياقۇپنىڭ چوڭ ئائىلىسى
ياقۇپ ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى

قاراڭ، بۇ چوڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىگە! ئۇلار ياقۇپ پەيغەمبەرنىڭ 12 ئوغۇللىرى. ئۇنىڭ قىزلىرىمۇ بار ئىدى. بۇ بالىلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرەرسىنىڭ ئىسمىنى بىلەمسىز؟ ئۇلارنىڭ بىرقانچىسى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.

لېياھ رۇبېن، شىمون، لاۋىي، يەھۇدالارنى تۇغدى. ئەمما، راھىلە ئۆزىنىڭ تۇغمىغانلىقى ئۈچۈن كۆپ ھەسرەت چەكتى. شۇڭا، راھىلە ئۆزىنىڭ خىزمەتكارى بىلھانى ياقۇپقا كىچىك خوتۇنلۇققا بەردى. بىلھا دان ۋە نافتالى دېگەن ئىككى ئوغۇلنى تۇغدى. كېيىن، لېياھمۇ ئۆز خىزمەتكارى زىلپانى ياقۇپقا كىچىك خوتۇنلۇققا بەردى. زىلپا گاد بىلەن ئاشېرنى تۇغدى. لېياھ ئەڭ ئاخىرى، يەنە ئىسساكار ۋە زەبۇلۇن دېگەن ئىككى ئوغۇلنى تۇغدى.

ئاخىرى، راھىلەمۇ بىر ئوغۇل تۇغدى. ئۇ ئوغلىغا يۈسۈپ، دەپ ئىسىم قويدى. كېيىنرەك، بىز يۈسۈپ توغرىسىدا كۆپرەك ئۆگىنىمىز. چۈنكى، ئۇ مۇھىم بىر شەخس بولغان ئىدى. ئاشۇ 11 ئوغۇل ياقۇپ راھىلەنىڭ دادىسى لابان بىلەن بىللە ياشىغان ۋاقىتتا تۇغۇلغانىدى.

ياقۇپ پەيغەمبەرنىڭ يەنە قىزلىرىمۇ بار ئىدى. لېكىن، مۇقەددەس كىتاب شۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پەقەت بىرىنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى دىنا ئىدى.

كېيىن، ياقۇپ لاباندىن ئايرىلىپ، يۇرتى قانانغا قايتىپ كېتىشنى قارار قىلدى. شۇڭا، ئۇ ئۆزىنىڭ قوي، كالا پادىلىرىنى يىغىپ، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلاندى.

ياقۇپ پەيغەمبەر ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر قانان زېمىنىغا قايتىپ ماڭغاندا، ئۇزۇن ئۆتمەي راھىلە سەپەر ئۈستىدە يەنە بىر ئوغۇل تۇغدى. راھىلە تۇغۇتىدا ناھايىتى قىينىلىپ، ئاخىرى راھىلە تۇغۇت ئۈستىدە ئۆلۈپ كەتتى. لېكىن، ئۇ ئوغۇل بوۋاق ساغلام ئىدى. ياقۇپ ئۇنىڭغا بىنيامىن، دەپ ئىسىم قويدى.

بىز ياقۇپ پەيغەمبەرنىڭ 12 ئوغلىنىڭ ئىسىملىرىنى ئېسىمىزدە تۇتۇۋېلىشىمىز كېرەك، سەۋەبى ئۇلار بارلىق ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئاتا-‏بوۋىلىرى بولغانىدى. ئەمەلىيەتتە، ئىسرائىلنىڭ 12 قەبىلىسىنىڭ نامى، ياقۇپنىڭ 10 ئوغلى ۋە يۈسۈپنىڭ ئىككى ئوغلىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان. ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى تۇغۇلۇپ ئۇزۇن يىللاردىن كېيىن، ئىسھاق ئۆلۈپ كەتكەنىدى. ئۇ ھايات چېغىدا، شۇنچە كۆپ نەۋرىلىك بولغىنى ئۈچۈن، چوقۇم بەكمۇ خۇشال بولغاندۇ، ھە! بىراق، ھازىر ئۇنىڭ نەۋرە قىزى دىناغا نېمە بولغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.

يارىتىلىش 29:‏32-‏35؛ 30:‏1-‏26؛ 35:‏16-‏19؛ 37:‏35.



سوئاللار

  • لېياھ ياقۇپقا تۇغۇپ بەرگەن ئالتە ئوغۇلنىڭ ئىسىملىرى نېمە؟
  • لېياھنىڭ دېدىكى زىلپا ياقۇپقا تۇغۇپ بەرگەن ئىككى ئوغۇلنىڭ ئىسىملىرى نېمە؟
  • راھىلەنىڭ دېدىكى بىلھا ياقۇپقا تۇغۇپ بەرگەن ئىككى ئوغۇلنىڭ ئىسمى نېمە؟
  • راھىلە ياقۇپقا تۇغۇپ بەرگەن ئىككى ئوغۇلنىڭ ئىسىملىرى نېمە؟ ئىككىنچى ئوغۇل تۇغۇلغاندا نېمە ئىش يۈز بەردى؟
  • رەسىمگە ئاساسلانغاندا، ياقۇپنىڭ قانچە ئوغۇللىرى بار؟ ئۇلاردىن قايسى خەلق كېلىپ چىققان؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • يارىتىلىش 29:‏32-‏35؛ 30:‏1-‏26؛ ۋە 35:‏16-‏19-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئىسىملىرىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، قەدىمدە ئىبرانىي ئوغۇل بوۋاقلارغا ئادەتتە نېمىگە ئاساسەن ئىسىم قويغان؟

  • يارىتىلىش 37:‏35-‏ئايەتنى ئوقۇڭ.

    مۇقەددەس كىتابتا پەقەتلا دىنانىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ياقۇپنىڭ يەنە باشقا قىزلىرىمۇ بولغانلىقىنى قانداق بىلىمىز؟ (يارىتىلىش 37:‏34، 35)