مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

20-‏ھېكايە: دىنانىڭ ئاۋارىچىلىققا يولۇقۇشى

20-‏ھېكايە: دىنانىڭ ئاۋارىچىلىققا يولۇقۇشى

دىنانىڭ كىملەر بىلەن كۆرۈشكىلى بارماقچى بولغانلىقىنى بىلەمسىز؟ ئۇ قانان زېمىنىدا ياشايدىغان بەزى قىزلار بىلەن كۆرۈشكىلى بارماقچى بولدى. دادىسى ياقۇپ، دىنانىڭ شۇنداق قىلىشىغا قوشۇلغانمۇ؟ مۇشۇ سوئالغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن، ئىبراھىم ۋە ئىسھاقنىڭ قانانلىق قىزلارغا قانداق كۆزقاراشتا بولغانلىقىنى ئەسلەپ كۆرەيلى.

دىنانىڭ قانانلىق قىزلار بىلەن ئۇچرىشىشى

ئىبراھىم پەيغەمبەر ئوغلى ئىسھاقنىڭ قانانلىق قىزلارغا ئۆيلىنىشىنى خالىغانمۇ؟ ھەرگىز خالىمىغانىدى. ئىسھاق بىلەن رىبەقا ئوغلى ياقۇپنىڭ قانانلىق قىز بىلەن توي قىلىشىنى خالىغانمۇ؟ ئۇلارمۇ خالىمىغانىدى. نېمە ئۈچۈنلىكىنى بىلەمسىز؟

سەۋەبى، قانانلىق كىشىلەر يالغان ئىلاھلارغا ئىبادەت قىلاتتى. ئۇلار ياخشى كىشىلەر ئەمەس ئىدى. شۇڭا، ئۇلار ياخشى ئەر ياكى ياخشى خوتۇن بولالمايتتى. ئۇلار بىلەن دوست بولۇشمۇ پايدا ئېلىپ كەلمەيتتى. شۇنداق ئىكەن، ياقۇپ پەيغەمبەر چوقۇم قىزىنىڭ قانانلىق قىزلار بىلەن دوست بولۇشىغا قوشۇلمىغان.

دەرۋەقە، دىنا ئاۋارىچىلىققا يولۇقتى. رەسىمدىكى دىناغا قاراپ تۇرغان قانانلىق ئەرنى كۆردىڭىزمۇ؟ ئۇنىڭ ئىسمى شەكەم. بىر كۈنى، دىنا دوستلىرى بىلەن كۆرۈشكىلى كەلگەندە، شەكەم دىنانى تۇتىۋېلىپ، زورمۇزور دىنا بىلەن بىرگە ياتتى. بۇنداق قىلىش توغرا ئەمەس، سەۋەبى پەقەت توي قىلغان ئەر-‏خوتۇن بىرگە يېتىشى كېرەك. شەكەمنىڭ دىناغا قىلغان بۇ يامان ئىشى، باشقا نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقلارنى پەيدا قىلدى.

دىنانىڭ ئاكىلىرى يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئاڭلاپ، ئۇلار قاتتىق غەزەپلەندى. شىمون بىلەن لاۋىي ئىككىسى دەرغەزەپتە قولىغا قىلىچ ئېلىپ، ئەرلەر تەييارسىز تۇرغاندا شەھەرگە بېسىپ كىردى. ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى شەكەم ۋە باشقا بارلىق ئەرلەرنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. ياقۇپ پەيغەمبەر ئوغۇللىرىنىڭ قىلغان يامان ئىشىغا ئاچچىقلاندى.

مۇشۇ بىر مۇنچە ئاۋارىچىلىقلار قانداق پەيدا بولدى؟ ھەممىسى دىنانىڭ پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنمايدىغان كىشىلەر بىلەن دوست بولغانلىقى سەۋەبلىك شۇنداق ئىشلار يۈز بەردى. بىز ئۇنداق ئادەملەر بىلەن ھەرگىزمۇ دوست بولمايمىز، شۇنداقمۇ؟

يارىتىلىش 34:‏1-‏31.



سوئاللار

  • نېمە ئۈچۈن ئىبراھىم بىلەن ئىسھاق بالىلىرىنىڭ قانانلىق كىشىلەر بىلەن توي قىلىشىنى خالىمىغان ئىدى؟
  • ياقۇپ قىزىنىڭ قانانلىق قىزلار دوست بولۇشىغا قوشۇلغانمۇ؟
  • رەسىمدە، دىناغا قاراپ تۇرغان ئاۋۇ كىشى كىم؟ ئۇ قانداق يامان ئىشنى قىلدى؟
  • دىنانىڭ ئاكىلىرى شىمون بىلەن لاۋىي يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، نېمە ئىش قىلىشتى؟
  • ياقۇپ شىمون بىلەن لاۋىينىڭ قىلغان ئىشىنى قوللىدىمۇ؟
  • ئائىلىدىكىلەرنىڭ بارلىق ئاۋارىچىلىقى قانداق باشلانغان ئىدى؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • يارىتىلىش 34:‏1-‏31-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    دىنانىڭ قانانلىق قىزلار بىلەن كۆرۈشكىلى بېرىشى تۇنجى قېتىممۇ؟ چۈشەندۈرۈڭ؟ (يارىتىلىش 34:‏1، ي د:‏ لېياھنىڭ ياقۇپقا تۇغۇپ بەرگەن قىزى دىنا دائىم شۇ يەرلىك قىزلار بىلەن كۆرۈشكىلى چىقاتتى)

    دىنانىڭ قىزلىق ئىپپىتىنى يوقىتىشىغا، نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۆزىنىڭمۇ قىسمەن جاۋابكارلىقى بار؟ (گالاتىيالىقلار 6:‏7)

    بۈگۈنكى كۈندە، ياشلار قانداق قىلىپ دىنانىڭ مىسالىنى ئاگاھلاندۇرغۇچى سۈپىتىدە قەلبىدە مەھكەم ساقلىغانلىقىنى كۆرسىتەلەيدۇ؟ (پەندى-‏ نەسىھەت 13:‏20؛ 1-‏كورىنتلىقلار 15:‏33؛ 1-‏يۇھاننا 5:‏19)