مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

25-‏ھېكايە: ئائىلىدىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ مىسىرغا كۆچۈشى

25-‏ھېكايە: ئائىلىدىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ مىسىرغا كۆچۈشى

يۈسۈپ ئۆز ھېسسىياتىنى بېسىۋېلىشقا ئامالسىز قالغانىدى. شۇڭا، ئۇ بارلىق خىزمەتكارلىرىنى تاشقىرىغا چىقىپ تۇرۇشقا بۇيرۇدى. ئۇ قېرىنداشلىرى بىلەن يالغۇز قالغاندا، ئۇ يىغلاشقا باشلىدى. ئويلاپ كۆرەيلى، ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى قانچىلىك ھەيران قالغاندۇ، ھە! چۈنكى، ئۇلار ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن يىغلاۋاتقانلىقىنى بىلمەيتتى. ئاخىرى ئۇ:‏ «مەن يۈسۈپ. دادام تېخى ھاياتمۇ؟»، دەپ سورىدى.

ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىمۇ ھەيران بولۇپ، گەپ قىلالماي قالدى. ئۇلار ناھايىتى قورقتى. ئەمما، يۈسۈپ:‏ «يېقىن كېلىڭلار»، دېدى. ئۇلار يېقىنلاشقاندا، ئۇ:‏ «مەن سىلەرنىڭ قېرىندىشىڭلار، سىلەر مىسىرغا سېتىۋەتكەن يۈسۈپ بولىمەن»، دېدى.

يۈسۈپ مېھرىبانلىق بىلەن سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ:‏ «سىلەر مېنى بۇ يەرگە سېتىۋەتكەنلىكىڭلار ئۈچۈن ئۆزۈڭلارنى ئەيىبكە بۇيرۇماڭلار. خەلقنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن خۇدا مېنى مىسىرغا ئەۋەتكەن. فىرئەۋن مېنى پۈتۈن مەملىكەتنى باشقۇرۇشقا قويدى. شۇڭا، ھازىر تېز قايتىپ بېرىپ، دادامغا بۇنى ئېيتىڭلار. يەنە ئۇنىڭغا ئېيتىڭلار، بۇ يەرگە كېلىپ ياشىسۇن»، دېدى.

يۈسۈپ قېرىنداشلىرىنىڭ ھەممىسى بىلەن قۇچاقلىشىپ سۆيۈشتى. فىرئەۋن يۈسۈپنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، يۈسۈپكە:‏ «ئۇلار ھارۋىلارنى ئېلىپ كەتسۇن، ئاتىسى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنى بۇ يەرگە ئېلىپ كەلسۇن، مەن مىسىردىكى ئەڭ ياخشى زېمىننى ئۇلارغا بېرىمەن»، دېدى.

ئۇلار بۇيرۇغاندەك قىلدى. بۇ مەنزىرىگە قاراڭ! يۈسۈپنىڭ ئائىلىسىدىكى بارلىق كىشىلەر مىسىرغا كەلگەندە، ئۇ دادىسى بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى.

ياقۇپنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئەزالىرى بارغانسېرى كۆپەيدى. ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى ۋە نەۋرىلىرىنى قوشقاندا، 70 كىشى بىرلىكتە مىسىرغا كۆچكەن ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئاياللىرى بار، ھەتتا نۇرغۇن چاكارلىرىمۇ بار بولۇشى مۇمكىن. ئۇلار ھەممىسى مىسىر زېمىنىدا ماكانلىشىپ قالدى. ئۇلار ئىسرائىللار، دەپ ئاتالدى. چۈنكى، ئاللا ياقۇپ پەيغەمبەرنىڭ ئىسىمىنى ئىسرائىلغا ئۆزگەرتكەنىدى. كېيىن، ئىسرائىللارنىڭ خۇدا تاللىغان ئالاھىدە خەلق بولغانلىقىنى كۆرۈپ ئۆتىمىز.

يارىتىلىش 45:‏1-‏28؛ 46:‏1-‏27.

ياقۇپ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر


سوئاللار

  • يۈسۈپ قېرىنداشلىرىغا ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئېيتقاندا، نېمە ئىش يۈز بەردى؟
  • يۈسۈپ مېھرىبانلىق بىلەن ئاكىلىرىغا نېمىنى چۈشەندۈردى؟
  • فىرئەۋن يۈسۈپنىڭ ئاكىلىرى ھەققىدە ئاڭلىغاندا، ئۇ نېمە دېدى؟
  • ياقۇپنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر مىسىرغا كۆچكەندە، ئۇلار قانچىلىك كۆپ ئىدى؟
  • ياقۇپنىڭ ئائىلىسى نېمە دەپ ئاتالدى؟ نېمە ئۈچۈن؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • يارىتىلىش 45:‏1-‏28-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    مۇقەددەس كىتابتىكى يۈسۈپ ھەققىدىكى ۋەقە، يەھۋانىڭ قارىماققا ئۆز خىزمەتچىلىرىگە پايدىسىز بولغان ئەھۋالنى پايدىلىق ئەھۋالغا ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقىنى قانداق كۆرسىتىدۇ؟ (يارىتىلىش 45:‏5-‏8؛ يەشايا 8:‏10؛ فىلىپىلىكلەر 1:‏12-‏14)

  • يارىتىلىش 46:‏1-‏27-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    ياقۇپ سەپەرگە ئاتلىنىپ مىسىرغا ماڭغاندا، يەھۋا ياقۇپنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن نېمە دېدى؟ (يارىتىلىش 46:‏1-‏4)