مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

32-‏ھېكايە: ئون ئاپەت

32-‏ھېكايە: ئون ئاپەت

بۇ رەسىملەرگە قاراڭ. ھەر بىر رەسىم، يەھۋانىڭ مىسىرغا ياغدۇرغان بىر قېتىملىق ئاپىتىنى كۆرسىتىدۇ. بىرىنچى رەسىمگە قارىڭە! ھارۇننىڭ تاياقنى نىل دەرياسىغا ئۇرغانلىقىنى كۆردىڭىزمۇ؟ ئۇ شۇنداق قىلغاندا، دەريا سۈيى قانغا ئۆزگىرىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن، بېلىقلار ئۆلۈپ، دەريا سۈيى سېسىق پۇراشقا باشلىدى.

مىسىرلىقلار ئۈستىگە كەلگەن ئاپەتلەر

ئارقىدىن، يەھۋا نىل دەرياسىدىن پاقىلارنى چىقاردى. ھەممىلا جاينى _ ئۇچاقلار، قازان-‏قاچىلار، كىشىلەرنىڭ ئورۇن-‏كۆرپىلىرىنى پاقىلار قاپلاپ كەتتى. پاقىلار ئۆلگەندىن كېيىن، مىسىرلىقلار پاقا ئۆلۈكلىرىنى دۆۋە-‏دۆۋە قىلىپ توپلىدى. ھەممىلا جاي سېسىقچىلىققا تولۇپ كەتتى.

ئۇنىڭدىن كېيىن، ھارۇن تاياقنى يەرگە ئۇردى. چاڭ-‏توزانلار پاشىلارغا ئايلاندى. ئادەملەرنىڭ بەدىنىنى بۇ كىچىك ھاشاراتلار قاپلاپ كەتتى. پاشا مىسىرلىقلارغا ياغدۇرۇلغان ئۈچىنچى ئاپەت ئىدى.

كېيىنكى قالغان ئاپەتلەر پەقەت مىسىرلىقلارغا زىيان يەتكۈزدى. ئىسرائىللارغا ھېچقانداق تەسىرگە ئۇچرىمىدى. تۆتىنچى ئاپەت، چىۋىن ئاپىتى بولۇپ، بارلىق مىسىرلىقلارنىڭ ئۆيلىرى چىۋىن بىلەن تولۇپ كەتتى. بەشىنچى ئاپەت ھايۋانلارغا چۈشكەن بولۇپ، مىسىرلىقلارنىڭ نۇرغۇن كالا، قوي، ئۆچكىلىرى ئۆلۈپ كەتتى.

كېيىن، مۇسا ۋە ھارۇن ئازراق كۈلنى ئېلىپ، ھاۋاغا چاچتى. شۇنىڭ بىلەن، بارلىق ئادەملەر بىلەن ھايۋانلارنىڭ بەدىنىگە يىرىڭلىق چاقا (يارا) چىقتى. بۇ ئالتىنچى ئاپەت ئىدى.

ئارقىدىن، مۇسا پەيغەمبەر قولىنى ئاسمانغا قارىتىپ ئۇزاتتى. ئاللا يەھۋا چاقماق چاقتۇرۇپ، مۆلدۈر ياغدۇرۇۋەتتى. مىسىر تارىخىدا ئۇنداق مۆلدۈر ئاپىتى بولۇپ باقمىغانىدى.

سەككىزىنچىسى بولسا، چېكەتكىلەر ئاپىتى ئىدى. ئۇنداق كۆپ چىكەتكىلەر توپى ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ كۆرۈلۈشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. چېكەتكىلەر مۆلدۈردىن ئامان قالغان بارلىق نەرسىلەرنى يەپ تۈگەتتى.

توققۇزىنچىسى قاراڭغۇلۇق ئاپىتى ئىدى. پۈتۈن مىسىر دۆلىتىنى ئۈچ كۈن قاراڭغۇلۇق باستى. ئەمما، ئىسرائىللار ياشىغان جاي يەنىلا يورۇق تۇردى.

ئەڭ ئاخىرىدا، يەھۋا خۇدا ئۆز خەلقىگە، بىر قوي ياكى ئۆچكىنىڭ قېنىنى ئۆيىنىڭ ئىشىكىنىڭ بېشىغا سۈركەپ قويۇشنى بۇيرۇدى. ئاندىن كېيىن، خۇدانىڭ پەرىشتىسى مىسىر زېمىنىنى كېزىپ چىقتى. پەرىشتە قاننى كۆرگەندە، شۇ ئۆيدىكى ھەرقانداق بىر كىشىنى ئۆلتۈرمىدى. ئەمما، ئىشىك بېشىدا قان يوق ئۆيلەردىكى تۇنجى تۇغۇلغان ئوغۇل ۋە ھايۋانلارنى ئۆلتۈردى. بۇ ئونىنچى ئاپەت ئىدى.

بۇ ئەڭ ئاخىرقى ئاپەتتىن كېيىن، فىرئەن ئىسرائىللارغا:‏ كېتىڭلار، دېدى. يەھۋانىڭ خەلقى مېڭىشقا تەييار بولۇپ، شۇ ئاخشىمى مىسىردىن چىقىش سەپىرىنى باشلىدى.

چىقىش 7-‏بابتىن 12-‏بابقىچە.



سوئاللار

  • بۇ يەردىكى رەسىمگە قاراپ، يەھۋانىڭ مىسىرلىقلارغا چۈشۈرگەن دەسلەپكى ئۈچ ئاپىتىنى تەسۋىرلەپ بېرىڭ؟
  • دەسلەپتىكى ئۈچ ئاپەت بىلەن كېيىنكى باشقا ئاپەتلەر ئوتتۇرىسىدا قانداق پەرق بار ئىدى؟
  • تۆت، بەش ۋە ئالتىنچى ئاپەتلەردە نېمە ئىش يۈز بەردى؟
  • يەتتە، سەككىز ۋە توققۇزىنچى ئاپەتلەرنى تەسۋىرلەپ بېرىڭ؟
  • ئونىنچى ئاپەتتىن ئىلگىرى، يەھۋا ئىسرائىللارنى نېمە ئىش قىلىشقا بۇيرۇدى؟
  • ئونىنچى ئاپەتتە نېمە ئىش يۈز بەردى؟ ئۇنىڭدىن كېيىن ئىسرائىللار نېمە ئىش قىلدى؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • چىقىش 7:‏19-‏8:‏23-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    گەرچە مىسىرلىق سېھىرگەرلەر، يەھۋانىڭ دەسلەپكى ئىككى ئاپىتىگە ئوخشاش ئىشلارنى قىلالىغان بولسىمۇ، ئۈچىنچى ئاپەتتە نېمىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولدى؟ (چىقىش 8:‏18، 19؛ مەتتا 12:‏24-‏28)

    تۆتىنچى ئاپەت، يەھۋانىڭ ئۆز خەلقىنى قوغدايدىغانلىقىنى قانداق كۆرسەتتى؟ بۇنى بىلىش، خۇدا خەلقىنىڭ بېشارەت بېرىلگەن ‹دەھشەتلىك بالايىئاپەت› كە يۈزلىنىشىگە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟ (چىقىش 8:‏22، 23؛ ۋەھىيلەر 7:‏13، 14؛ 2-‏تارىخنامە 16:‏9)

  • چىقىش 8:‏24؛ 9:‏3، 6، 10، 11، 14، 16، 23-‏25؛ ۋە 10:‏13-‏15، 21-‏23-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    فىرئەۋن ۋە سېھىرگەر روھانىيلار قايسى ئىككى گۇرۇپپىغا ۋەكىللىك قىلغان؟ بۈگۈنكى كۈندىمۇ شۇ ئىككى گۇرۇپپا نېمە ئىش قىلالمايدۇ؟ (چىقىش 8:‏10، 18، 19؛ 9:‏14)

    يەھۋانىڭ نېمە ئۈچۈن شەيتاننىڭ بۈگۈنكى كۈنگىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا يول قويغانلىقىنى چۈشىنىشىمىزگە، چىقىش 9:‏16-‏ئايەت قانداق ياردەم بېرىدۇ؟ (رىملىقلار 9:‏21، 22)

  • چىقىش 12:‏21-‏32-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى قانداق قىلىپ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھاياتنى قوغداپ، ئۇلارغا نىجاتلىق ئېلىپ كەلگەن؟ بۇ ھېيت قانداق بېشارەتلىك مەنىگە ئىگە؟ (چىقىش 12:‏21-‏23؛ يۇھاننا 1:‏29؛ رىملىقلار 5:‏18، 19، 21؛ 1-‏كورىنتلىقلار 5:‏7)