مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

35-‏ھېكايە: يەھۋانىڭ قانۇن چۈشۈرۈشى

35-‏ھېكايە: يەھۋانىڭ قانۇن چۈشۈرۈشى

مىسىردىن چىقىپ ئىككى ئايچە بولغاندا، ئىسرائىللار سىناي تېغىغا (بۇ تاغ ھورىب دەپمۇ ئاتالغان) يېتىپ كەلدى. بۇ يەر، ئىلگىرى كۆيۈۋاتقان تىكەنلىك ئارىسىدىن يەھۋا مۇساغا سۆز قىلغان جاي ئىدى. ئىسرائىللار بۇ يەردە چېدىر تىكىپ بىر مەزگىل تۇرۇپ قالدى.

مۇسا پەيغەمبەر تاغقا چىقىپ كەتكەندە، كىشىلەر ئۇنى پەستە ساقلاپ تۇردى. ئۇ تاغ چوققىسىغا يېتىپ بارغاندا، يەھۋا مۇساغا سۆز قىلىپ:‏ ‹ئەگەر ئىسرائىللار ماڭا ئىتائەت قىلسا، ئۇلارنى ئۆزۈمگە ئالاھىدە خەلق قىلىپ تاللايمەن›، دەپ ئېيتتى. مۇسا تاغدىن چۈشۈپ، ئىسرائىللارغا يەھۋانىڭ سۆزلىرىنى ئېيتىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن، كىشىلەر يەھۋاغا ئىتائەت قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇنىڭ خەلقى بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتىشتى.

بۇ ۋاقىتتا، يەھۋا ئاجايىپ بىر ئىش قىلدى. يەنى، تاغ چوققىسىدىن ئىس-‏تۈتەك كۆتۈرۈلۈپ، قاتتىق گۈلدۈرماما ئاۋازى ئاڭلاندى. ئۇ يەنە خەلقلەرگە سۆزلەپ:‏ «مەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان خۇدايىڭلار يەھۋا»، دېدى. ئاندىن كېيىن، ئۇ:‏ «مەندىن باشقا ھەرقانداق ئىلاھلارغا ئىبادەت قىلماڭلار»، دەپ بۇيرۇق قىلدى.

ئىككى تاش تاختا

خۇدا ئىسرائىللارغا يەنە توققۇز ئەمر-‏پەرمان، يەنى قانۇن چۈشۈردى. خەلق ناھايىتى قورقۇشۇپ كەتتى. شۇڭا، ئۇلار مۇساغا:‏ «بىزگە سەن سۆز قىلغايسەن، چۈنكى خۇدا بىزگە ئۆزى بىۋاستە سۆز قىلسا، ئۆلۈپ كېتىدىغان ئوخشايمىز»، دېدى.

كېيىنچە، يەھۋا مۇساغا سۆز قىلىپ:‏ «تاغقا چىقىپ، قېشىمغا كەل. مەن خەلقلەرنىڭ بويسۇنۇشى ئۈچۈن چۈشۈرۈلگەن قانۇنلار يېزىلغان ئىككى تاش تاختىنى ساڭا بېرىمەن»، دېدى. شۇڭا، مۇسا قايتا تاغقا چىقىپ، 40 كېچە-‏كۈندۈز ئۇ يەردە تۇردى.

يەھۋا ئۆز خەلقىگە نۇرغۇنلىغان قانۇن-‏پەرمانلارنى بەردى. مۇسا ئاشۇلارنىڭ ھەممىسىنى يېزىپ خاتىرىلىدى. خۇدا يەنە مۇساغا ئىككى تاش تاختىنى بەردى. پەرۋەردىگار پۈتكۈل خەلققە قىلغان سۆزلىرىنى، يەنى 10 ئەمر-‏پەرمانلىرىنى ئاشۇ تاش تاختىلارغا ئۆزى يازغانىدى. ئۇلار ئون پەرز ياكى قانۇن دەپ ئاتالدى.

مۇسا سىناي تېغىدا

شۇ ئون پەرز ناھايىتى مۇھىم قانۇن-‏پەرمانلار. بىراق، ئاللا يەھۋا ئىسرائىللارغا چۈشۈرگەن باشقا نۇرغۇن قانۇنلارمۇ بەك مۇھىم. شۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرى:‏ «پەرۋەردىگارىڭ بولغان يەھۋانى پۈتۈن قەلبىڭ، پۈتۈن زېھنىڭ، پۈتۈن جېنىڭ ۋە پۈتۈن كۈچىڭ بىلەن سۆيگىن»، يەنە بىرى بولسا:‏ «قوشناڭنى ئۆزەڭنى سۆيگەندەك سۆي». ئەيسا پەيغەمبەر پەرۋەردىگار يەھۋانىڭ ئۆز خەلقى ئىسرائىللارغا بەرگەن مۇشۇ ئىككى ئەڭ مۇھىم ئەمر-‏پەرماننى ئالاھىدە تەكىتلىگەنىدى. كېيىنرەك ئەيسا ۋە ئۇنىڭ بەرگەن تەلىملىرى ھەققىدە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىمىز.

چىقىش 19:‏1-‏25؛ 20:‏1-‏21؛ 24:‏12-‏18؛ 31:‏18؛ تەكرار قانۇن 6:‏4-‏6؛ لاۋىيلار 19:‏18؛ مەتتا 22:‏36-‏40.



سوئاللار

  • مىسىردىن ئايرىلىپ ئىككى ئايچە بولغاندا، ئىسرائىللار قەيەرگە كېلىپ چېدىر تىكىشتى؟
  • يەھۋا مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئىسرائىل خەلقىگە نېمە دېدى؟ خەلق نېمە دەپ جاۋاب قايتۇردى؟
  • يەھۋا نېمە ئۈچۈن مۇساغا ئىككى تاش تاختىنى بەردى؟
  • يەھۋا ئىسرائىللارغا ئون قانۇندىن سىرت، يەنە قايسى باشقا قانۇنلارنى چۈشۈردى؟
  • ئەيسا مەسىھ قايسى ئىككى قانۇننى بەكمۇ مۇھىم دەپ تەكىتلىدى؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • چىقىش 19:‏1-‏25؛ 20:‏1-‏21؛ 24:‏12-‏18؛ ۋە 31:‏18-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    چىقىش 19:‏8-‏ئايەتتە خاتىرىلەنگەن سۆزلەر، ئۆزىنى بېغىشلاپ ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىسى بولۇش نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى چۈشىنىشىمىزگە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟ (مەتتا 16:‏24؛ 1-‏پېترۇس 4:‏1-‏3)

  • تەكرار قانۇن 6:‏4-‏6؛ لاۋىيلار 19:‏18؛ ۋە مەتتا 22:‏36-‏40-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    ئەيسانىڭ ھەقىقىي ئەگەشكۈچىلىرى، ئۆزلىرىنىڭ خۇدانى ۋە قوشنىسىنى سۆيىدىغانلىقىنى قانداق كۆرسىتىدۇ؟ (ماركۇس 6:‏34؛ ئەلچىلەر 4:‏20؛ رىملىقلار 15:‏2)