مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

37-‏ھېكايە: ئىبادەت چېدىرى

37-‏ھېكايە: ئىبادەت چېدىرى

بۇ رەسىمدىكى قۇرۇلۇشنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ بۇ يەھۋاغا ئىبادەت قىلىدىغان ئالاھىدە بىر جاي، يەنى ئىبادەت چېدىرى دەپمۇ ئاتالغان. ئىسرائىل خەلقى مىسىردىن چىقىپ بىر يىلدىن كېيىن، بۇ قۇرۇلۇشنى پۈتتۈرگەن. چېدىر ياساش كىمنىڭ ئوي-‏پىكىرى، بىلەمسىز؟

ئىبادەت چېدىرى

ئۇ يەھۋانىڭ ئوي-‏پىكىرى ئىدى. مۇسا سىناي تېغىغا چىققاندا، يەھۋا ئۇنىڭغا چېدىرنى قانداق ياساش توغرىسىدا سۆزلەپ، چېدىرنى شۇنداق ياساڭلاركى، ئۇنى چۇۋۇش ۋە قايتا قۇراشتۇرۇش ئاسان بولسۇن دېدى. بۇنداق بولغاندا، پارچە-‏پارچە قىلىنىپ باشقا جايغا يۆتكەپ، ئۇ جايدا قايتا قۇراشتۇرغىلى بولاتتى. ئىسرائىللار شۇنداق قىلىپ، چۆل-‏باياۋاندا بىر جايدىن يەنە بىر جايغا كۆچكەندە، ئۇ چېدىرنى ئۆزلىرى بىلەن بىرگە ئېلىپ يۈردى.

چېدىرنىڭ ئاياغ تەرىپىدىكى كىچىك بۆلۈمچىنىڭ ئىچىگە قارىسىڭىز، ساندۇقنى كۆرەلەيسىز. بۇ ئەھدە ساندۇقى دەپ ئاتالغان. ساندۇقنىڭ ئىككى بېشىغا ئالتۇندىن ياسالغان ئىككى پەرىشتە، يەنى كېرۇب ئورنىتىلغان ئىدى. مۇسا ئىلگىرىكى تاش تاختىلارنى چېقىۋەتكەچ، خۇدا ئون پەرز، يەنى قانۇننى ئىككى تاش تاختىغا قايتا يازدى. بۇ تاختىلار ئەھدە ساندۇقى ئىچىگە سېلىنىپ ساقلاندى. بىر كومزەك ماننامۇ ئۇ ساندۇققا سېلىندى. يادىڭىزدا بارمۇ، ماننا ئۇ قانداق نەرسە؟

پەرۋەردىگار يەھۋا مۇسانىڭ ئاكىسى ھارۇننى باش روھانىي بولۇشقا تاللىغانىدى. ئۇ كىشىلەرنى يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشقا يېتەكلەيتتى. ئۇنىڭ ئوغۇللىرىمۇ روھانىيلار بولدى.

ئەمدى، چېدىرنىڭ چوڭراق بۆلۈمچىسىگە قاراڭ. بۇ چوڭ بۆلۈمچە، كىچىك بۆلۈمچىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. ئاۋۇ ئىس-‏تۈتەك چىقىۋاتقان ساندۇقنى كۆردىڭىزمۇ؟ ئۇ، روھانىيلار ئىسرىق دەپ ئاتالغان خۇش-‏پۇراق نەرسىنى كۆيدۈرىدىغان ئىسرىقدان. ئۇ يەردە يەنە يەتتە چىراغ ئورنىتىلغان بىر چىراغدان بار. بۇ بۆلۈمچىدىكى ئۈچىنچى بىر نەرسە شىرە (ئۈستەل) بولۇپ، ئۈستىدە 12 نان ساقلىناتتى.

ئىبادەت چېدىرى ھويلىسىدا، چوڭ بىر قاچا يەنى داس بولۇپ، سۇ لىق تولدۇرۇلۇپ قويۇلاتتى. روھانىيلار ئۇنى پۇت-‏قوللىرىنى يۇيغاندا ئىشلىتەتتى. يەنە چوڭ بىر قۇربانلىق سۇپىسىمۇ بار بولۇپ، يەھۋاغا ئاتالغان جان-‏جانىۋارلار ئۆلتۈرۈلۇپ بۇ يەردە كۆيدۈرۈلەتتى. ئىبادەت چېدىرى بارگاھنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا تىكلەنگەن بولۇپ، ئىسرائىللار ئەتراپىنى چۆرىدەپ چېدىرلىرىنى تىكەتتى.

چىقىش 25:‏8-‏40؛ 26:‏1-‏37؛ 27:‏1-‏8؛ 28:‏1؛ 30:‏1-‏10، 17-‏21؛ 34:‏1، 2؛ ئىبرانىيلار 9:‏1-‏5.



سوئاللار

  • رەسىمدىكى ئاۋۇ قۇرۇلۇش نېمە دەپ ئاتالغان؟ ئۇ نېمە ئىش قىلىشقا ئىشلىتىلگەنىدى؟
  • يەھۋا نېمە ئۈچۈن مۇسانى چېدىرنى چۇۋۇپ ئاسان پارچە-‏پارچە قىلىشقا بولىدىغان قىلىپ ياساشقا بۇيرۇدى؟
  • چېدىرنىڭ كىچىك بۆلۈمچىسىنىڭ ئاياغ تەرىپىدىكى ئاۋۇ ساندۇق نېمە؟ ئۇنىڭ ئىچىدە نېمە بار؟
  • يەھۋا كىمنى باش روھانىيلىققا تاللىدى؟ ئۇنىڭ خىزمىتى نېمە ئىش قىلىش؟
  • چېدىرنىڭ چوڭراق بۆلۈمچىسىدىكى ئۈچ نەرسىنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ بېرىڭ؟
  • ئىبادەت چېدىرىنىڭ ھويىلىسىدا قايسى ئىككى نەرسە بار؟ ئۇلار نېمە ئىشقا ئىشلىتىلگەنىدى؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • چىقىش 25:‏8-‏40؛ 26:‏1-‏37؛ 27:‏1-‏8؛ ۋە 28:‏1-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئۈستىدىكى كېرۇبلار نېمىگە ۋەكىللىك قىلغان؟ (چىقىش 25:‏20، 22؛ سانلار 7:‏89؛ 2-‏پادىشاھلار 19:‏15)

  • چىقىش 30:‏1-‏10، 17-‏21؛ 34:‏1، 2؛ ۋە ئىبرانىيلار 9:‏1-‏5-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    يەھۋا نېمە ئۈچۈن ئىبادەت چېدىرىدا خىزمەت قىلىدىغان روھانىيلارنىڭ جىسمانىي تازلىقىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى؟ بۇ بىزنى نېمە ئىش قىلىشقا ئۈندەيدۇ؟ (چىقىش 30:‏18-‏21؛ 40:‏30، 31؛ ئىبرانىيلار 10:‏22)

    ئەلچى پاۋلۇس ئىبرانىي ئېتىقادچى قېرىنداشلارغا يازغان خېتىدە، ئىبادەت چېدىرى بىلەن قانۇنىي ئەھدىنىڭ ئاللىقاچان كۈچتىن قالغانلىقىنى قانداق كۆرسەتكەنىدى؟ (ئىبرانىيلار 9:‏1، 9؛ 10:‏1)