مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

42-‏ھېكايە: سۆزلىيەلەيدىغان ئېشەك

42-‏ھېكايە: سۆزلىيەلەيدىغان ئېشەك

ئېشەكنىڭ سۆزلىگىنىنى ئاڭلاپ باققانمۇسىز؟ بەلكىم سىز:‏ «ياق، ھايۋانلار سۆزلىيەلمەيدۇ»، دەپ جاۋاب بېرىشىڭىز مۇمكىن. ئەمما، مۇقەددەس كىتاب بىر ئېشەكنىڭ سۆزلىگەنلىكى ھەققىدە ئېيتىدۇ. ئۇنداقتا، قانداقلارچە شۇنداق ئىش يۈز بەرگەن؟ بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.

پەرىشتە

ئىسرائىللار دەل قانان زېمىنىغا كىرىشكە تەييار بولۇپ تۇرغانىدى. موئابنىڭ پادىشاھى بالاق ئىسرائىللاردىن قورققاچقا، ئۇ ئىسرائىللارنى قارغاش ئۈچۈن بىلئام ئىسىملىك ھىيلە-‏مىكىرى كۆپ بىر قۇۋ كىشىنى چاقىرىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتتى. بالاق بىلئامغا نۇرغۇن پۇل بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغانىدى. شۇڭا، بىلئام ئېشەككە مىنىپ، بالاق بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن يولغا چىقتى.

يەھۋا، بىلئامنىڭ ئۆز خەلقىنى قاغىشىنى خالىمىغاچ، بىلئامنى يولدا توسۇش ئۈچۈن ئۇزۇن بىر قىلىچ كۆتۈرگەن پەرىشتىنى ئەۋەتتى. بىلئام پەرىشتىنى كۆرەلمىدى، بىراق ئۇنىڭ ئېشىكى كۆرگەنىدى. شۇڭا، ئېشەك پەرىشتىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ئورۇندى، ئاخىرىدا ماڭماي يەردە يېتىپلاۋالدى. بىلئامنىڭ قاتتىق ئاچچىقى كېلىپ، ھاسىسى بىلەن ئېشەكنى ئۇرۇشقا باشلىدى.

شۇنىڭ بىلەن، يەھۋا ئېشەكنىڭ سۆزلىگەن سۆزىنى بىلئامغا ئاڭلاتتى. ئېشەك:‏ «مېنى شۇنچە بەك ئۇرغۇدەك، مەن ساڭا نېمە قىلدىم؟»، دەپ سورىدى.

بىلئام ئېشەكنىڭ ئۈستىدە

بىلئام:‏ «سەن مېنى ئەخمەق ئادەمگە ئوخشىتىپ قويدۇڭ، ئەگەر مەندە قىلىچ بولغان بولسا، سېنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن بولاتتىم!»، دېدى.

«مەن ئىلگىرى مۇشۇنداق قىلغانمىدىم؟»، دەپ سورىدى ئېشەك.

بىلئام:‏ «ياق»، دەپ جاۋاب بەردى.

شۇ چاغدا، يەھۋا بىلئامنىڭ كۆزىنى ئاچقاچ، ئۇ يولدا قىلىچ كۆتۈرۈپ تۇرغان پەرىشتىنى كۆردى. پەرىشتە:‏ «نېمە ئۈچۈن ئېشىكىڭنى ئۇرىسەن؟ مەن سېنىڭ يولۇڭنى توسقىلى كەلگەن. چۈنكى، سەن ئىسرائىللارنى قارغاش ئۈچۈن بارماسلىقىڭ كېرەك. ئەگەر سېنىڭ ئېشىكىڭ مەندىن ئۆزىنى قاچۇرمىغان بولسا، سېنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ، ئېشىكىڭنى تىرىك قوياتتىم»، دېدى.

بىلئام:‏ «مەن گۇناھ قىلدىم. مەن سېنىڭ يولدا توسۇپ تۇرغانلىقىڭنى بىلمەپتىمەن»، دېدى. پەرىشتە بىلئامنى ماڭغىلى قويدى. بىلئام شۇنىڭ بىلەن بالاق بىلەن كۆرۈشكىلى باردى. گەرچە ئۇ يەنىلا ئىسرائىللارنى قارغاشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئەكسىچە يەھۋا بىلئامنى ئىسرائىل خەلقىنى ئۈچ قېتىم مۇبارەكلەيدىغان قىلىپ قويدى.

سانلار 21:‏21-‏35؛ 22:‏1-‏40؛ 23:‏1-‏30؛ 24:‏1-‏25.



سوئاللار

  • بالاق كىم؟ ئۇ نېمە ئۈچۈن بىلئامنى چاقىرىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتتى؟
  • نېمە ئۈچۈن بىلئامنىڭ ئېشىكى يولدا يېتىۋالدى؟
  • بىلئام ئېشەكنىڭ نېمە دېگىنىنى ئاڭلىدى؟
  • پەرىشتە بىلئامغا نېمە دېدى؟
  • بىلئام ئىسرائىللارنى قارغاشقا ئۇرۇنغاندا، نېمە ئىش يۈز بەردى؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • سانلار 21:‏21-‏35-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    نېمە ئۈچۈن ئىسرائىللار ئامورلارنىڭ پادىشاھى سىھون بىلەن باشاننىڭ پادىشاھى ئوگنى مەغلۇپ قىلدى؟ (سانلار 21:‏21، 23، 33، 34)

  • سانلار 22:‏1-‏40-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    بىلئام نېمە مەقسەتتە ئىسرائىللارنى قارغاشقا ئۇرۇنغانىدى؟ (سانلار 22:‏16، 17؛ پەندى-‏نەسىھەت 6:‏16، 18؛ 2-‏پېترۇس 2:‏15؛ يەھۇدا 11)

  • سانلار 23:‏1-‏30-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    گەرچە بىلئام ئۆزىنى يەھۋاغا ئىبادەت قىلغۇچى سۈپىتىدە كۆرسىتىپ سۆزلىگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىش-‏ھەرىكىتى نېمىنى ئاشكارىلىدى؟ (سانلار 23:‏3، 11-‏14؛ 1-‏سامۇئىل 15:‏22)

  • سانلار 24:‏1-‏25-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    مۇقەددەس كىتابتىكى مۇشۇ ۋەقە، يەھۋانىڭ ئىرادىسىنىڭ چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىمىزنى قانداق كۈچەيتىدۇ؟ (سانلار 24:‏10؛ يەشايا 54:‏17)