مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

45-‏ھېكايە: ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈش

45-‏ھېكايە: ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈش

قاراڭ! ئىسرائىللار ئىئوردان دەرياسىنى كېسىپ ئۆتىۋاتىدۇ! ئۇنداقتا، دەريا سۈيى نەگە كەتتى؟ چۈنكى، ھەر يىلى مۇشۇ ۋاقىتتا يامغۇر كۆپ يېغىپ، دەريا سۈيى ئۇلغىيىپ كېتەتتى. لېكىن، ھازىر سۇ يوق! خۇددى ئىسرائىللار ئىلگىرى قىزىل دېڭىزدىن ئۆتكەنگە ئوخشاش، ھازىر ئۇلار قۇرۇق يەر بىلەن دەريانى كېسىپ ئۆتمەكتە! ئۇنداقتا، سۇلار نەگە يوقىلىپ كەتكەندۇ؟ بىز بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.

ئىسرائىل خەلقى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتىۋاتىدۇ

ئىسرائىل خەلقى ئىئوردان دەرياسىدىن كېسىپ ئۆتىدىغان ۋاقىتتا، خۇدا يەھۋا يەشۇ ئارقىلىق ئۇلارغا بۇيرۇق قىلىپ:‏ «روھانىيلار ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ، خالايىقنىڭ ئالدىدا ماڭسۇن. ئۇلارنىڭ پۇتلىرى ئىئوردان دەرياسىنىڭ سۈيىگە تەگكەن ھامان، سۇلار ئېقىشتىن توختايدۇ»، دېدى.

شۇڭا، روھانىيلار ئەھدە ساندۇقىنى ئېلىپ، خەلقنىڭ ئالدىدا كۆتۈرۈپ ماڭدى. ئۇلار ئىئوردان دەرياسىغا كەلگەندە، روھانىيلار سۇغا پۇت سالدى. سۇ ئېقىنى بەكمۇ كۈچلۈك ۋە چوڭقۇر ئىدى. ئەمما، ئۇلارنىڭ پۇتى سۇغا تېگىشىگە، دەريا سۈيى ئېقىشتىن توختاشقا باشلىدى! بۇ بىر مۆجىزە! يەھۋا دەريانىڭ يۇقىرى ئېقىنىنى توسۇپ قويغاچ، ئۇزۇن ئۆتمەي دەريادا سۇ يوق بولۇپ كەتتى!

ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن روھانىيلار سۈيى قۇرۇپ كەتكەن دەريانىڭ ئوتتۇرىسىغا قاراپ ماڭدى. ئۇلارنى رەسىمدىن كۆرەلىدىڭىزمۇ؟ ئۇلار ئوتتۇرىدا تۇرغاندا، بارلىق ئىسرائىل خەلقى ئىئوردان دەرياسىنى قۇرۇق يەر بىلەن كېسىپ ئۆتۈپ كەتتى!

پۈتۈن خەلق دەريادىن ئۆتۈپ بولغاندا، يەھۋا يەشۇ ئارقىلىق 12 كۈچلۈك كىشىگە:‏ «دەرياغا كىرىپ، ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن روھانىيلار تۇرغان جايدىن 12 تاش ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارنى بارلىق خەلق بۈگۈن كېچىنى ئۆتكۈزىدىغان جايغا تىكلەڭلار. شۇنداق بولغاندا، كەلگۈسىدە سىلەرنىڭ ئەۋلادلىرىڭلار بۇ تاشلارنىڭ مەنىسى ھەققىدە سورىغاندا، ئۇلارغا يەھۋانىڭ ئەھدە ساندۇقى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكەندە، دەريا سۈيىنىڭ ئېقىشتىن توختىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىڭلار. بۇ تاشلار سىلەرگە ئاشۇ مۆجىزىنى ئەسلىتىدۇ!»، دەپ بۇيرۇدى. ئۇنىڭدىن باشقا، يەشۇ دەريانىڭ ئوتتۇرىسىدىكى روھانىيلار پۇت دەسسەپ تۇرغان جايغا 12 تاشنى تىكلەپ قويدى.

يەشۇ

ئاخىرىدا، يەشۇ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن روھانىيلارغا:‏ «ئىئوردان دەرياسىدىن چىقىڭلار»، دەپ بۇيرۇدى. ئۇلار دەريادىن چىقىپ تۇرۇشىغا، سۇلار قايتا ئېقىشقا باشلىدى..

يەشۇ 3:‏1-‏17؛ 4:‏1-‏18



سوئاللار

  • يەھۋا قانداق مۆجىزە كۆرسەتكەچ، ئىسرائىللار ئىئوردان دەرياسىنى كېسىپ ئۆتەلىدى؟
  • ئىئوردان دەريادىن كېسىپ ئۆتۈش ئۈچۈن، ئىسرائىللار ئىمان-‏ئېتىقادتا قانداق سىناققا دۇچ كەلدى؟
  • يەھۋا نېمە ئۈچۈن يەشۇغا دەريانىڭ ئاستىدىن يوغان 12 تاشنى ئېلىپ چىقىشنى بۇيرۇدى؟
  • روھانىيلار ئىئوردان دەرياسىدىن چىقىشىغا نېمە ئىش بولدى؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • يەشۇ 3:‏1-‏17-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    مۇشۇ ۋەقەدە كۆرسىتىلگەندەك، يەھۋانىڭ ياردىمى ۋە بەرىكەتلىشىگە ئېرىشىش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز زۆرۈر؟ (يەشۇ 3:‏13، 15؛ پەندى-‏نەسىھەت 3:‏5؛ ياقۇپ 2:‏22، 26)

    ئىسرائىللار ۋەدە قىلىنغان زېمىنغا ئۆتمەكچى بولغاندا، ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئەھۋالى قانداق ئىدى؟ بۇ يەھۋانىڭ ئىسمىنى قانداق ئۇلۇغلىدى؟ (يەشۇ 3:‏15؛ 4:‏18؛ زەبۇر 66:‏5-‏7)

  • يەشۇ 4:‏1-‏18-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    ئىئوردان دەرياسىدىن ئېلىنغان يوغان 12 تاش، نېمە مەقسەتتە گىلگال دېگەن جايغا تىكلەنگەنىدى؟ (يەشۇ 4:‏4-‏7)