مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

46-‏ھېكايە: ئېرىخا شەھىرىنىڭ تاملىرى

46-‏ھېكايە: ئېرىخا شەھىرىنىڭ تاملىرى

ئېرىخا شەھىرىنىڭ سېپىل تاملىرى قانداقلارچە ئۆرۈپ چۈشتى؟ قارىماققا، چوڭ بىر بومبا بىلەن پارتلاتقانغا ئوخشايدىكەن. بىراق، ئۇ زامانلاردا بومبا يوق ئىدى. ئۇ يەھۋانىڭ يەنە بىر مۆجىزىسى! ئۇنداقتا، مۆجىزە قانداق يۈز بەردى؟ بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.

ئېرىخا شەھىرىنىڭ تاملىرى ئۆرۈلۈپ چۈشتى

يەھۋانىڭ يەشۇغا نېمە دېگەنلىكىنى ئاڭلاڭ:‏ «سەن ۋە سېنىڭ جەڭچىلىرىڭ شەھەرنى چۆرگىلەپ مېڭىڭلار. ئالتە كۈنگىچە ھەر كۈنى بىر قېتىم چۆرگىلەڭلار. ئەھدە ساندۇقىنى بىرگە ئېلىپ مېڭىڭلار. روھانىيلاردىن يەتتىسى ئۇنىڭ ئالدىدا مېڭىپ كاناي چالسۇن.

«يەتتىنچى كۈنى سەن جەڭچىلەر بىلەن شەھەرنى يەتتە قېتىم چۆرگىلەپ ماڭ. ئاندىن كېيىن، كاناي ئاۋازى سۇزۇلۇپ چېلىنغاندا، ئۇلار ھەممىسى قاتتىق ۋارقىراپ توۋلىسۇن. شۇندا، شەھەر تاملىرى ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ!»

يەشۇ بىلەن خەلق، يەھۋا بۇيرۇغاندەك قىلدى. ئۇلار چۆرگىلەپ ماڭغاندا، ھېچكىم ئۈن چىقارمىدى، ھەتتا بىر ئېغىز سۆزمۇ قىلمىدى. پەقەت كانايلار بىلەن قوشۇننىڭ دۈپۈرلەپ ماڭغان ئاياغ ئاۋازى ئاڭلىناتتى. شەكسىزكى، خۇدانىڭ خەلقىنىڭ ئېرىخا شەھىرىدىكى دۈشمەنلىرى قورقۇپ كەتكەن ئىدى. دېرىزىگە چىگىپ قويغان ئاۋۇ قىزىل شوينىنى كۆردىڭىزمۇ؟ ئۇ كىمنىڭ ئۆيىنىڭ دېرىزىسى؟ توغرا! راھاب دەل ئىككى پايلاقچىنىڭ بويرىغىنى بويىچە قىلغانىدى. ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ بىلەن نېمە ئىش بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇردى.

يەشۇ

ئاخىرىدا، يەتتىنچى كۈنگە كەلگەندە، شەھەرنى يەتتە قېتىم چۆگىلىگەندىن كېيىن، كاناي چېلىنىپ، جەڭچىلەر قاتتىق ھۆركىرەپ توۋلىدى، شۇنىڭ بىلەن تاملار ئۆرۈلۈپ چۈشتى. ئاندىن يەشۇ:‏ «شەھەردىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈپ، شەھەرنى كۆيدۈرۈڭلار. ھېچنىمىنى قالدۇرماي كۆيدۈرۈپ، پەقەت ئالتۇن، كۈمۈش، مىس ۋە تۆمۈرلەرنى ساقلاپ قېلىڭلار. ھەمدە ئۇلارنى يەھۋانىڭ ئىبادەت چېدىرىنىڭ خەزىنىسىگە تاپشۇرۇڭلار»، دەپ بۇيرۇدى.

يەشۇ ھېلىقى ئىككى پايلاقچىغا:‏ «راھابنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۇنى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ چىقىڭلار»، دېدى. پايلاقچىلار ۋەدە قىلغاندەك، راھاب ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى تىرىك قالدى.

يەشۇ 6:‏1-‏25.



سوئاللار

  • يەھۋا جەڭچىلەر ۋە روھانىيلارنى ئالتە كۈن نېمە ئىش قىلىشقا بۇيرۇدى؟
  • يەتتىنچى كۈنى جەڭچىلەر نېمە ئىش قىلىشى كېرەك ئىدى؟
  • رەسىمدە كۆرۈپ تۇرغىنىڭىزدەك، ئېرىخا شەھىرىنىڭ تاملىرىغا نېمە بولدى؟
  • نېمە ئۈچۈن دېرىزىگە قىزىل شوينا چىگىپ قويۇلغان ئىدى؟
  • يەشۇ جەڭچىلەرنى شەھەر ۋە ئۇنىڭ خەلقىنى قانداق قىلىشقا بۇيرۇدى؟ ئەمما، ئالتۇن-‏كۈمۈش، مىس ۋە تۆمۈرلەرنىچۇ، قانداق قىلىش كېرەك ئىدى؟
  • ئىككى پايلاقچى نېمە ئىش قىلىشقا بۇيرۇلدى؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • يەشۇ 6:‏1-‏25-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    ئاخىرقى زامان كۈنلىرىدە، يەھۋا گۇۋاھچىلىرى قىلىۋاتقان ۋەز ئېيتىش خىزمىتى بىلەن، قەدىمدە ئىسرائىللارنىڭ يەتتىنچى كۈنى ئېرىخانى چۆگىلەپ مېڭىشى ئوتتۇرىسىدا قانداق ئوخشاشلىق بار؟ (يەشۇ 6:‏15، 16؛ يەشايا 60:‏22؛ مەتتا 24:‏14؛ 1-‏كورىنتلىقلار 9:‏16)

    يەشۇ 6:‏26-‏ئايەتتە خاتىرىلەنگەن بېشارەت، 500 يىلچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن قانداق ئەمەلگە ئاشتى؟ مۇشۇ بىزگە، يەھۋانىڭ سۆزى ھەققىدە نېمە ئۆگىتىدۇ؟ (1-‏پادىشاھلار 16:‏34؛ يەشايا 55:‏11)