مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

48-‏ھېكايە: ئەقىللىق گىبېئونلۇقلار

48-‏ھېكايە: ئەقىللىق گىبېئونلۇقلار

قانان زېمىندىكى نۇرغۇن شەھەرلەر ئىسرائىللارغا قارشى ئۇرۇش قىلىشقا تەييار بولدى. ئۇلار ئۆزلىرىنى غەلبە قىلالايمىز، دەپ ئويلىشاتتى. لېكىن، يېقىن ئەتراپتىكى گىبېئون شەھىرىدىكى خەلق ئۇنداق دەپ ئويلىمىغانىدى. چۈنكى، ئۇلار پەرۋەردىگار يەھۋانىڭ ئىسرائىللارغا ياردەم بېرىۋاتقانلىقىغا ئىشەنگەچ، يەھۋاغا قارشى ئۇرۇش قىلىشنى خالىمىغانىدى. ئۇنداقتا، گىبېئونلۇقلارنىڭ نېمە ئىش قىلغانلىقىنى بىلەمسىز؟

ئۇلار كۆرۈنۈشكە ئۆزلىرىنى بەكمۇ يىراق جايدا ياشايدىغان قىلىپ كۆرسىتىشنى قارار قىلدى. شۇڭا، بەزى ئەرلەر جۇل-‏جۇل كىيىملەرنى ۋە ياماق چۈشكەن كونا ئاياغلارنى كىيىپ، ئېشەكلىرىگە يىرتىق خۇرجۇننى ئارتىپ، قېتىپ كەتكەن نانلارنى ئالدى. ئاندىن ئۇلار يەشۇنىڭ قېشىغا بېرىپ:‏ «بىز يىراق بىر يۇرتتىن كەلدۇق، چۈنكى سىلەرنىڭ ئۇلۇغ خۇدايىڭلار يەھۋا توغرىسىدا ئاڭلىغان ئىدۇق. بىز ئۇنىڭ سىلەر ئۈچۈن مىسىردا قىلغان بارلىق ئىشلىرىنى ئاڭلىدۇق. يېتەكچىلىرىمىز بىزنى ئەۋەتكەچ، يېمەكلىك تەييارلاپ سەپەرگە چىقىپ، سىلەر بىلەن كۆرۈشكىلى كەلدۇق. يېتەكچىلىرىمىز:‏ «بىز سىلەرنىڭ خىزمەتكارىڭلار. بىز بىلەن ئۇرۇش قىلماسلىققا ۋەدە بەرسەڭلار»، دەپ ئىسرائىللارغا ئېيتىڭلار دېگەن ئىدى. سىلەر كۆرۈپ تۇرغاندەك ئۇزۇن سەپەردە كىيىم-‏كېچەكلىرىمىز يىرتىلىپ، نانلىرىمىز قېتىپ تاشتەك بولۇپ كەتتى»، دېدى.

يەشۇ ۋە باشقا ئىسرائىللارنىڭ يېتەكچىلىرى گىبېئونلۇقلارغا ئىشەندى. شۇڭا، ئۇلار گىبېئونلۇقلار بىلەن ئۇرۇش قىلماسلىققا ۋەدە بەردى. بىراق، ئۈچ كۈندىن كېيىن، ئىسرائىللار ئەمەلىيەتتە گىبېئونلۇقلارنىڭ يېقىن ئەتراپتا ياشايدىغانلىقىنى بىلدى.

يەشۇ ئۇلاردىن:‏ «سىلەر نېمە ئۈچۈن بىزگە، بىز يىراق يۇرتتىن كەلدۇق دەيسىلەر؟»، دەپ سورىدى.

گىبېئونلۇقلار:‏ «شۇنداق قىلىشىمىز، بىز سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار يەھۋانىڭ پۈتكۈل قانان زېمىنىنى سىلەرگە بېرىشنى ۋەدە قىلغانلىقىنى ئاڭلىغان. شۇڭا، سىلەرنى بىزنى ئۆلتۈرۈۋېتەمدىكىن، دەپ قورققان ئىدۇق»، دەپ جاۋاب بېرىشتى. لېكىن، ئىسرائىللار ۋەدىسىدە تۇرۇپ، گىبېئونلۇقلارنى ئۆلتۈرمىدى. ئەكسىچە ئۇلارنى ئۆزلىرىگە خىزمەتكار قىلدى.

گىبېئونلۇقلارنىڭ ئىسرائىل خەلقى بىلەن كېلىشىم تۈزگەنلىكىنى بىلگەن يېرۇسالېم پادىشاھى قاتتىق غەزەپلەندى. شۇڭا، ئۇ باشقا تۆت پادىشاھلارنى:‏ «كېلىپ، مېنىڭ گىبېئون بىلەن ئۇرۇش قىلىشىمغا ياردەم بېرىڭلار»، دەپ چاقىردى. شۇنىڭ بىلەن، بەش پادىشاھ بىرلەشتى. ئۇنداقتا، گىبېئونلۇقلارنىڭ ئىسرائىللار بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، ئۆزلىرىنى بەش پادىشاھنىڭ دۈشمىنىگە ئايلاندۇرۇشى ئاقىلانە قارارمۇ؟ قېنى كۆرۈپ باقايلى!

يەشۇ 9:‏1-‏27؛ 10:‏1-‏5.

يەشۇ ۋە گىبېئونلۇق كىشىلەر


سوئاللار

  • گىبېئونلۇقلار يېقىن ئەتراپتىكى باشقا شەھەرلىك قانانلىقلاردىن قانداق پەرق قىلاتتى؟
  • رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك، گىبېئونلۇقلار نېمە ئىش قىلدى؟ نېمە ئۈچۈن؟
  • يەشۇ ۋە ئىسرائىللارنىڭ يېتەكچىلىرى گىبېئونلۇقلارغا قانداق ۋەدە بەردى؟ ئەمما، ئۈچ كۈندىن كېيىن ئۇلار نېمە ئىشنى بىلدى؟
  • باشقا شەھەرلىكلەر گىبېئونلۇقلارنىڭ ئىسرائىللار بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى تۈزگەنلىكىنى بىلگەندە، نېمە ئىش يۈز بەردى؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • يەشۇ 9:‏1-‏27-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    گەرچە يەھۋا ئىلگىرى ئىسرائىل خەلقىگە «يۇرتنىڭ ئولتۇرغۇچىلىرىنى ئالدىڭدىن يوقىتارمەن»، دېگەن بولسىمۇ، گىبېئونلۇقلارنى ئاياپ قېلىشى ئۇنىڭ قانداق پەزىلەتلىرىنى ئاشكارا قىلدى؟ (يەشۇ 9:‏22، 24؛ مەتتا 9:‏13؛ ئەلچىلەر 10:‏34، 35؛ 2-‏پېترۇس 3:‏9)

    گىبېئونلۇقلار بىلەن تۈزگەن كېلىشىمگە ئەمەل قىلىش ئارقىلىق، يەشۇ بۈگۈنكى كۈندىكى ئەيسانىڭ ھەقىقىي ئەگەشكۈچىلىرىگە قانداق ئۈلگە قالدۇردى؟ (يەشۇ 9:‏18، 19؛ مەتتا 5:‏37؛ ئەفەسلىكلەر 4:‏25)

  • يەشۇ 10:‏1-‏5-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    بۈگۈنكى كۈندە ‹چوڭ بىر توپ›، گىبېئونلۇقلارنى قانداق ئۈلگە قىلىدۇ؟ شۇ سەۋەب، ئۇلار قانداق نىشانغا ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ؟ (يەشۇ 10:‏4؛ زەكەرىيا 8:‏23؛ مەتتا 25:‏35-‏40؛ ۋەھىيلەر 12:‏17)