مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

51-‏ھېكايە: رۇت بىلەن نائومى

51-‏ھېكايە: رۇت بىلەن نائومى

رۇت كىتابى، ئۇ مۇقەددەس كىتاب ئۆز ئىچىگە ئالغان كىتابچىلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇنىڭدا ئىسرائىللارغا ھاكىملار يېتەكچىلىك قىلغان زامانلاردا ياشاپ ئۆتكەن بىر ئائىلە توغرىسىدىكى ھېكايە خاتىرىلەنگەن. رۇت ئىسىملىك ياش ئايال موئابلىق بولۇپ، خۇدانىڭ خەلقى ئىسرائىللاردىن ئەمەس ئىدى. لېكىن، رۇت ھەق خۇدا يەھۋانى تونۇغاندىن كېيىن، ئۇنى چىن دىلىدىن سۆيۈپ ئىبادەت قىلىشقا باشلىدى. رۇتنىڭ يەھۋانى تونۇشىغا، ياشتا چوڭىيىپ قالغان نائومى ئىسىملىك ئايال ياردەم بەرگەنىدى.

ئىسرائىللارنىڭ زېمىنىدا يېمەكلىك تېپىش تەس بىر كۈنلەر كەلدى. شۇڭا، نائومى ئۆز خەلقى ئىسرائىللار ياشىغان يۇرتتىن ئايرىلىپ، ئېرى ۋە ئىككى ئوغلى بىلەن موئابلىقلارنىڭ يۇرتىغا كۆچۈپ بارغان ئىدى. بىر كۈنى نائومىنىڭ ئېرى ئۆلۈپ كەتتى. كېيىن، نائومىنىڭ ئىككى ئوغلى، رۇت ۋە ئورپا ئىسىملىك موئابلىق قىزلار بىلەن توي قىلدى. ئەمما، 10 يىلچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، نائومىنىڭ ئىككى ئوغلىمۇ ئۆلۈپ كەتتى. نائومى ۋە ئۇ ئىككى قىزلار قانچىلىك قايغۇ-‏ھەسرەت چەككەندۇ، ھە! ئەمدى نائومى قانداقمۇ قىلار؟

بىر كۈنى، نائومى ئۆز خەلقى ئىسرائىللارنىڭ يۇرتىغا قايتىش ئۈچۈن ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلاندى. رۇت ۋە ئورپا نائومى بىلەن بىللە ياشاشنى ياخشى كۆرەتتى. شۇڭا، ئۇلارمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ماڭدى. بىراق، ئۇلار بىر ئاز يول يۈرگەندىن كېيىن، نائومى قىزلارغا قاراپ:‏ «ئۆيۈڭلەرگە قايتىپ، ئاناڭلار بىلەن بىللە تۇرۇڭلار»، دېدى.

نائومى قىزلارنى سۆيۈپ خۇشلاشتى. ئۇلار يىغلاشقا باشلىدى. چۈنكى، ئۇلار نائومىنى بەكمۇ ياخشى كۆرەتتى. ئۇلار:‏ «ياق! بىز خەلقىڭىزنىڭ قېشىغا سىز بىلەن بىرگە بارىمىز»، دېدى. ئەمما، نائومى جاۋاب بېرىپ:‏ «قىزلىرىم، سىلەر چوقۇم قايتىشىڭلار كېرەك. ئۆز ئۆيۈڭلەردە بولساڭلار، سىلەرگە ياخشىراق!»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن، ئورپا ئۆيىگە قاراپ كېتىپ قالدى. ئەمما، رۇت قايتمىدى.

نائومى ئۇنىڭغا قاراپ:‏ «ئورپا كەتتى. سەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆيگە قايت»، دېدى. ئەمما، رۇت جاۋاب بېرىپ:‏ «مېنى سېنى تاشلاپ كېتىشكە زورلىمىغىن! مەن سەن بىلەن باراي. سەن قەيەرگە بارساڭ، مەنمۇ شۇ يەرگە بارىمەن، سەن نەدە تۇرساڭ، مەنمۇ شۇ يەردە تۇرىمەن. سېنىڭ خەلقىڭ، مېنىڭ خەلقىم، سېنىڭ خۇدايىڭ، مېنىڭمۇ خۇدايىم. نەدە ئۆلسەڭ، مەن شۇ يەردە ئۆلىمەن، قەبرەڭ نەدە بولسا، مېنىڭمۇ شۇ جايدا بولىدۇ»، دېدى. رۇت بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، نائومى ئۇنى ئۆيىگە قايتىپ كېتىشكە يەنە زورلىمىدى.

ئاخىرى، بۇ ئىككى ئايال ئىسرائىللار يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ، بۇ يەردە ياشاش ئۈچۈن ماكانلاشتى. رۇت دەرھال ئېتىزلىقلاردا ئىشلەشكە كىرىشىپ كەتتى. چۈنكى، بۇ ئارپا يىغىدىغان ئورما ۋاقتى ئىدى. بوئاز ئىسىملىك بىر كىشى ئۆز ئېتىزلىقىدا ئۇنىڭ ئارپا يىغىشىغا رۇخسەت قىلدى. كىم بوئازنىڭ ئاپىسى، بىلەمسىز؟ ئۇ ھېلىقى ئېرىخا شەھىرىدىكى راھاب.

بىر كۈنى، بوئاز رۇتقا:‏ «مەن سەن توغرىسىدىكى بارلىق ئىشلارنى ئاڭلىدىم، سەن نائومىغا شۇنچىلىك كۆيۈنۈپ كەپسەن. مەن سېنىڭ ئاتا-‏ئاناڭدىن، ئۆز يۇرتۇڭدىن ئايرىلىپ، ساڭا پۈتۈنلەي ناتونۇش خەلقنىڭ ئارىسىدا ياشاش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى بىلىمەن. يەھۋا ساڭا ياخشىلىق قىلغاي!»، دېدى.

رۇت جاۋاب بېرىپ:‏ «غۇجام، ماڭا كۆپ مېھرىبانلىق كۆرسەتتىڭىز. سۆزلىرىڭىز ماڭا تەسەللىي بېرىپ، كۆڭلۈم كۆتۈرۈلۈپ قالدى»، دېدى. بوئاز رۇتنى بەكمۇ ياخشى كۆرەتتى. ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇلار توي قىلدى. نائومى بەك خۇشال بولغاندۇ، ھە! ئەمما، رۇت بىلەن بوئاز، ئوبىد ئىسىملىك تۇنجى ئوغۇلغا ئىگە بولغاندا، نائومى تېخىمۇ بەك خۇشال بولۇپ كەتتى. كېيىن، ئوبىد داۋۇتنىڭ بوۋىسى بولدى. كېيىنرەك بىز داۋۇت توغرىسىدا ئۆگىنىمىز

رۇت بىلەن نائومى

رۇت كىتابى.



سوئاللار

  • قانداق بولۇپ نائومى موئابلىقلارنىڭ يۇرتىغا كېلىپ قالدى؟
  • رۇت بىلەن ئورپا كىم؟
  • نائومى رۇت بىلەن ئورپاغا، ئۆز ئۆي خەلقىنىڭ قېشىغا قايتىپ كېتىشنى ئېيتقاندا، ئۇلار قانداق جاۋاب قايتۇردى؟
  • بوئاز كىم؟ ئۇ رۇت بىلەن نائومىغا قانداق ياردەم بەردى؟
  • بوئاز بىلەن رۇتنىڭ ئوغلىنىڭ ئىسمى نېمە؟ نېمە ئۈچۈن ئۇنى ئەستە ساقلىشىمىز كېرەك؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • رۇت 1:‏1-‏17-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    رۇت ئۆزىنىڭ سەمىمىي مېھىر-‏مۇھەببىتىنى نائومىغا قانداق چىرايلىق ئىبارىلەر بىلەن ئىپادىلىدى؟ (رۇت 1:‏16، 17)

    نېمە ئۈچۈن رۇتنىڭ ئىپادىلىگەن مىجەز-‏خۇلقى، بۈگۈنكى كۈندە «باشقا قويلار» نىڭ يەر يۈزىدىكى مەسىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلارغا قىلغان مۇئامىلىسىنى ئېنىق ئەكس ئەتتۈرگەن دەيمىز؟ (يۇھاننا 10:‏16؛ زەكەرىيا 8:‏23)

  • رۇت 2:‏1-‏23-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    رۇت بۈگۈنكى كۈندىكى ياش ئاياللارغا قانداق ئۈلگە قالدۇرغان؟ (رۇت 2:‏17، 18؛ پەندى-‏نەسىھەت 23:‏22؛ 31:‏15)

  • رۇت 3:‏5-‏13-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    رۇت ياش بىرى بىلەن ئەمەس، بەلكى بوئاز بىلەن توي قىلىشقا ماقۇل بولغاندا، بوئاز قانداق ئىنكاس قايتۇردى؟

    رۇتنىڭ قالدۇرغان ئۈلگىسى، سەمىمىي مېھىر-‏مۇھەببەت ھەققىدە بىزگە نېمىنى ئۆگىتىدۇ؟ (رۇت 3:‏10؛ 1-‏كورىنتلىقلار 13:‏4، 5)

  • رۇت 4:‏7-‏17-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    بۈگۈنكى كۈندە، ئېتىقادچى ئەرلەر بوئازنى قانداق ئۈلگە قىلالايدۇ؟ (رۇت 4:‏9، 10؛ 1-‏تىموتىي 3:‏1، 12، 13؛ 5:‏8)