مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

53-‏ھېكايە: يىفتاخنىڭ ۋەدىسى

53-‏ھېكايە: يىفتاخنىڭ ۋەدىسى
يىفتاخنىڭ قىزى

ئىلگىرى بىرسىگە ۋەدە بېرىپ، كېيىن شۇ ۋەدىڭىزدە تۇرۇش قىيىنغا توختىغان چاغلىرىڭىز بولۇپ باققانمۇ؟ رەسىمدىكى بۇ كىشى قاراڭ! ئۇ شۇنداق ئىشقا دۇچ كەلگەچ، ناھايىتى قايغۇرغان. بۇ كىشى ئىسرائىللارنىڭ باتۇر ھاكىمى يىفتاخ.

يىفتاخ، ئىسرائىللار ئاللا يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشنى يەنە تاشلىغان بىر زاماندا ياشىغانىدى. ئىسرائىللار داۋاملىق يامان ئىشلارنى قىلغاچ، يەھۋا ئاممونلۇقلارنىڭ ئۇلارغا زۇلۇم قىلىشىغا يول قويغان ئىدى. شۇڭلاشقا، ئىسرائىللار يەھۋاغا:‏ «بىز گۇناھ قىلدۇق. بىزنى قۇتقۇزۇپ قالغايسەن!»، دەپ يىلىنىپ يالۋۇردى.

يىفتاخ ۋە ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى

ئۇلار قىلغان ئىشلىرىغا ئۆكۈنۈپ ھەسرەت چېكىشتى. ئۇلار قايتا پەرۋەردىگار يەھۋاغا ئىبادەت قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ خاتالىقى ئۈچۈن قايغۇرغانلىقىنى كۆرسەتتى. شۇڭا، يەھۋا ئۇلارغا يەنە ياردەم بەردى.

ئىسرائىل خەلقى ئاممونلۇقلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن يىفتاخنى قوشۇنغا باشچى بولۇشقا تاللىدى. يىفتاخ يەھۋانىڭ جەڭدە ئۆزىگە ياردەم بېرىشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتى. شۇڭلاشقا، ئۇ يەھۋاغا:‏ «ئەگەر سەن مېنى ئاممونلۇقلار ئۈستىدىن غەلبىگە ئېرىشتۈرسەڭ، مەن غەلبە بىلەن ئۆيگە قايتقاندا، ئالدىمغا چىققان تۇنجى كىشىنى ساڭا بېرىمەن»، دەپ ۋەدە قىلدى.

پەرۋەردىگار يەھۋا يىفتاخنىڭ ۋەدىسىنى ئاڭلاپ، جەڭدە ئۇنىڭغا ياردەم بېرىپ غەلبىگە ئېرىشتۈردى. يىفتاخ ئۆيىگە قايتقاندا، كىمنىڭ تۇنجى بولۇپ ئۇنىڭ ئالدىغا چىققانلىقىنى بىلەمسىز؟ ئۇنىڭ بىردىن بىر يالغۇز قىزى! يىفتاخ:‏ «ئاھ، قىزىم، سەن مېنى غەم-‏قايغۇغا سالدىڭغۇ! مەن يەھۋاغا ۋەدە قىلغانىدىم، ۋەدەمدىن يېنىۋالالمايمەن»، دەپ يىغلىدى.

يىفتاخنىڭ قىزى دادىسىنىڭ بەرگەن ۋەدىسىنى بىلگەندە، دەسلەپتە ئۇمۇ ھەسرەت چەكتى. سەۋەبى، ئۇ دادىسى ۋە دوستلىرىدىن ئايرىشى كېرەك ئىدى. بىراق، ئۇ قالغان ئۆمىرىدە، شىلوھتىكى پەرۋەردىگار يەھۋانىڭ ئىبادەت چېدىرىدا، ئۇنىڭغا خىزمەت قىلاتتى. شۇڭا، ئۇ دادىسىغا:‏ «ئەگەر سىز يەھۋاغا ۋەدە قىلغان بولسىڭىز، چوقۇم ۋەدىڭىزدە تۇرۇشىڭىز كېرەك»، دېدى.

شۇڭا، يىفتاخنىڭ قىزى ئۆمۈر بويى يەھۋانىڭ ئىبادەت چېدىرىدا، ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن شىلوھقا باردى. ھەر يىلى تۆت كۈن ئىسرائىل ئاياللار ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىلى ئۇ يەرگە بېرىپ، بىرلىكتە خۇشال-‏خورام ئويناپ كۈلۈشەتتى. كىشىلەر يىفتاخنىڭ قىزىنى ياخشى كۆرەتتى. چۈنكى، ئۇ يەھۋانىڭ ئەڭ ياخشى خىزمەتچىسى ئىدى.

ھاكىملار 10:‏6-‏18؛ 11:‏1-‏40.



سوئاللار

  • يىفتاخ كىم؟ ئۇ قانداق بىر زاماندا ياشىغان؟
  • يىفتاخ يەھۋاغا نېمە دەپ ۋەدە بەردى؟
  • نېمە ئۈچۈن يىفتاخ جەڭدە ئاممونلۇقلار ئۈستىدىن غەلبە قىلىپ ئۆيىگە قايتقاندا، ھەسرەت چېكىپ كۆڭلى يېرىم بولدى؟
  • يىفتاخنىڭ قىزى دادىسىنىڭ بەرگەن ۋەدىسىنى بىلگەندە، نېمە دېدى؟
  • نېمە ئۈچۈن كىشىلەر يىفتاخنىڭ قىزىنى ياخشى كۆرەتتى؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • ھاكىملار 10:‏6-‏18-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    ئىسرائىل خەلقىنىڭ يەھۋاغا ساداقەتسىزلىك قىلغانلىقى ھەققىدىكى تارىخى ۋەقە بىزگە قانداق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ؟ (ھاكىملار 10:‏6، 15، 16؛ رىملىقلار 15:‏4؛ ۋەھىيلەر 2:‏10)

  • ھاكىملار 11:‏1-‏11، 29-‏40-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    يىفتاخنىڭ قىزىنى ‹كۆيدۈرمە قۇربانلىق› سۈپىتىدە ئاتىغانلىقى، ھەرگىزمۇ بىر ئادەمنى قۇربان قىلىپ ئوتتا كۆيدۈرۈپ تەقدىم قىلىش دېگەنلىك ئەمەسلىكىنى قانداق بىلىمىز؟ (ھاكىملار 11:‏31؛ لاۋىيلار 16:‏24؛ تەكرار قانۇن 18:‏10، 12)

    يىفتاخ قانداق يول بىلەن قىزنى قۇربانلىق سۈپىتىدە تەقدىم قىلدى؟

    يىفتاخ ئۆزىنىڭ يەھۋاغا بەرگەن ۋەدىسىگە ۋاپا قىلغان. ئۇنىڭ قالدۇرغان ئۈلگىسىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟ (ھاكىملار 11:‏35، 39؛ ۋەز 5:‏4، 5؛ مەتتا 16:‏24)

    يىفتاخنىڭ قىزى، تولۇق ۋاقىت ئىلاھىي خىزمەت قىلىشقا ئىنتىلگەن ياش ئېتىقادچىلار ئۈچۈن قانداق ياخشى ئۈلگە بولالايدۇ؟ (ھاكىملار 11:‏36؛ مەتتا 6:‏33؛ فىلىپىلىكلەر 3:‏8)