54-ھېكايە: ئەڭ كۈچلۈك كىشى
بىلەمسىز، يەر يۈزىدە ياشاپ ئۆتكەن ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ئادەم كىم؟ ئۇ ئادەم شىمشون ئىسىملىك ھاكىم. پەرۋەردىگار يەھۋا شىمشونغا شۇنداق كۈچ-قۇۋۋەت بەرگەنىدى. ھەتتا شىمشون تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرى، يەھۋا ئۇنىڭ ئانىسىغا: «پات-ئارىدا بىر ئوغۇل تۇغىسەن. ئۇ باشلامچى بولۇپ، ئىسرائىللارنى فىلىستىنلىكلەردىن قۇتقۇزىدۇ»، دېگەنىدى.
فىلىستىنلىكلەر قانان زېمىنىدا ياشايدىغان ئەسكى بىر خەلق ئىدى. ئۇلارنىڭ جەڭچىلىرى كۆپ بولۇپ، ئۇلار ئىسرائىل خەلقىگە ھەقىقەتەن كۆپ زۇلۇم قىلدى. بىر قېتىم، شىمشون فىلىستىنلىكلەر ياشايدىغان جايغا ماڭغىنىدا، چوڭ بىر شىر ھۆركىرەپ ئۇنىڭغا ئېتىلىپ كەلدى. بىراق، ئۇ قۇرۇق قول شىرنى ئۆلتۈردى. ئۇ يەنە نەچچە يۈزلىگەن يامان نىيەتلىك فىلىستىنلىكلەرنى ئۆلتۈردى.
كېيىن، شىمشون دىلەيلاھ ئىسىملىك ئايال بىلەن مۇھەببەتلەشتى. فىلىستىن خەلقىنىڭ يېتەكچىلىرى دىلەيلاھقا، ئەگەر ئۇ شىمشوننىڭ شۇنچە كۈچلۈك بولۇشىنىڭ سىرىنى ئېيتىپ بەرسە، ھەر بىرى ئۇنىڭغا 1100 پارچە كۈمۈش بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە بەردى. دىلەيلاھ ئاشۇ پۇللارغا ئېرىشىشنى بەك ئارزۇ قىلاتتى. ئۇ شىمشوننىڭ ياكى خۇدا خەلقىنىڭ ھەقىقىي دوستى ئەمەس ئىدى. شۇڭا، ئۇ شىمشوندىن نېمىنىڭ ئۇنى شۇنچە بەك كۈچلۈك قىلغانلىقىننىڭ سەۋەبىنى قايتا-قايتا سورىدى.
ئەڭ ئاخىرى، دىلەيلاھ شىمشوننى ئۆزىنىڭ قانداق كۈچلۈك بولغانلىقىنىڭ سىرىنى دەپ بېرىشكە قايىل قىلدى. ئۇ: «مېنىڭ چېچىم ھېچقاچان كېسىلگەن ئەمەس. مەن تۇغۇلۇشىمدىن، خۇدا مېنى ئۆزىنىڭ، نەزىر، دەپ ئاتىلىدىغان ئالاھىدە بىر خىزمەتچىسى بولۇشقا تاللىغان. ئەگەر مېنىڭ چېچىم كېسىلسە، مېنىڭ كۈچۈم يوقىلىدۇ»، دەپ ئېيتىپ بەردى.
دىلەيلاھ بۇنى بىلگەندە، ئۇ شىمشوننى ئاستا ئۆزىنىڭ قۇچىقىدا ئۇخلىتىۋەتتى. ئاندىن كېيىن، ئۇنىڭ چېچىنى كېسىش ئۈچۈن بىر ئادەمنى چاقىردى. شىمشون ئۇيقۇدىن ئويغانغاندا، ئۇنىڭ كۈچى يوقالدى. ئاندىن فىلىستىنلىكلەر كىرىپ، ئۇنى تۇتتى. ئۇلار ئۇنىڭ ئىككى كۆزىنى ئۇيۇپ ئېلىپ، ئۇنى قۇل قىلىپ ئىشلەتتى.
بىر كۈنى، فىلىستىنلىكلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىلاھى داگونغا چوقۇنۇش ئۈچۈن چوڭ بىر زىياپەت ئۆتكۈزدى. ھەمدە ئۇلار شىمشونى مازاق قىلىپ ئويناش ئۈچۈن زىنداندىن ئېلىپ چىقتى. شىمشوننىڭ چېچى يەنە ئۆسكەن ئىدى. شىمشون ئۇنى يېتىلەپ ماڭغان بالىغا: «مەن بۇ قۇرۇلۇشنى تىرەپ تۇرىدىغان تۈۋرۈكلەرنى تۇتاي، مېنى باشلاپ بار»، دېدى. ئاندىن كېيىن، شىمشون يەھۋادىن كۈچ-قۇۋۋەت تىلەپ دۇئا قىلىپ، تۈۋرۈكلەرنى ئىتتىرىپ: «مەن فىلىستىنلىكلەر بىلەن بىرگە ئۆلەي»، دەپ ۋارقىرىدى. 3000 فىلىستىنلىك بۇ زىياپەتكە قاتناشقان ئىدى. شىمشون ئىگىلىپ تۈۋرۈكلەرنى قاتتىق ئىتتىرگەندە، ئۇ قۇرۇلۇش ئۆرۈپ چۈشۈپ، ئاشۇ ئەسكى نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆلدى.
ھاكىملار 13-بابتىن 16-بابغىچە.
سوئاللار
- يەر يۈزىدە ياشاپ ئۆتكەن ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ئادەم كىم؟ ئۇنىڭغا كۈچ-قۇۋۋەتنى كىم بەرگەن؟
- رەسىمدە كۆرۈپ تۇرغىنىڭىزدەك، بىر قېتىم شىمشون چوڭ بىر شىرنى قانداق قىلدى؟
- رەسىمدە، شىمشون قانداق مەخپىي سىرىنى دىلەيلاھقا ئېيتىپ بېرىۋاتىدۇ؟ بۇنىڭ فىلىستىنلىكلەرنىڭ شىمشوننى تۇتۇۋېلىشى بىلەن قانداق باغلىنىشلىقى بار؟
- شىمشون قانداق قىلىپ ئۆزى بىلەن بىرگە 3000 فىلىستىنلىك دۈشمەننى ھالاك قىلدى؟
قوشۇمچە سوئاللار
- ھاكىملار 13:1-14-ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.
مانۇھ ۋە ئۇنىڭ ئايالى، پەرزەنتلەرنى تەربىيىلەۋاتقان ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن قانداق ياخشى ئۈلگە بولالايدۇ؟ (ھاكىملار 13:8؛ زەبۇر 127:3؛ ئەفەسلىكلەر 6:4)
- ھاكىملار 14:5-9 ۋە 15:9-16-ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.
مۇقەددەس كىتابتىكى شىمشوننىڭ شىرنى ئۆلتۈرۈشى، قوللىرى باغلانغان يېڭى ئارغامچىنى ئۈزۈشى ۋە ئېشەكنىڭ ئېڭەك سۆڭىكى بىلەن 1000 كىشىنى ئۆلتۈرۈشى توغرىسىدىكى خاتىرىلەر، يەھۋانىڭ مۇقەددەس روھىنى ئىشقا سېلىشى ھەققىدە نېمىنى ئاشكارا قىلىدۇ؟
بۈگۈنكى كۈندە، مۇقەددەس روھ بىزگە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟ (ھاكىملار 14:6؛ 15:14؛ زەكەرىيا 4:6؛ ئەلچىلەر 4:31)
- ھاكىملار 16:18-31-ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.
شىمشون يامان بىلەن دوست بولۇپ قانداق تەسىرگە ئۇچۇردى؟ بۇنىڭدىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟ (ھاكىملار 16:18، 19؛ 1-كورىنتلىقلار 15:33)