مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

55-‏ھېكايە: كىچىك بالىنىڭ خۇداغا خىزمەت قىلىشى

55-‏ھېكايە: كىچىك بالىنىڭ خۇداغا خىزمەت قىلىشى

بۇ كىچىك بالا بەك چىرايلىق شۇنداقمۇ؟ ئۇنىڭ ئىسمى سامۇئىل. سامۇئىلنىڭ بېشىغا قولىنى قويۇپ تۇرغان ئۇ ئادەم، ئىسرائىللارنىڭ ئالىي روھانىيسى ئەلى. سامۇئىلنى ئەلىنىڭ قېشىغا ئېلىپ كەلگەن ئاۋۇلار سامۇئىلنىڭ ئاتىسى ئەلقانا ۋە ئۇنىڭ ئاپىسى ھەننا.

سامۇئىلنىڭ ئالىي روھانىي ئەلى بىلەن كۆرۈشىشى

سامۇئىل تۆت-‏بەش ياشلاردا ئىدى. ئەمما، ئۇ ئەمدى خۇدا يەھۋانىڭ ئىبادەت چېدىرىدا، ئەلى ۋە باشقا روھانىيلار بىلەن بىرگە ياشايدۇ. نېمە ئۈچۈن ئەلقانا ۋە ھەننا شۇنچە كىچىك سامۇئىلنى ئىبادەت چېدىرىدا يەھۋاغا خىزمەت قىلىشقا ئەكېلىپ بېرىدۇ؟ قېنى بىز بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.

بۇنىڭدىن دەل بىرقانچە يىللار ئىلگىرى، ھەننا كۆپ قايغۇ-‏ھەسرەت چەكتى. سەۋەبى، ئۇ بالا تۇغمىغانىدى. ئۇ بىر بالىسى بولۇشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتى. شۇڭا، بىر كۈنى ھەننا پەرۋەدىگار يەھۋانىڭ ئىبادەت چېدىرىغا بارغاندا، ئۇ:‏ «ئەي يەھۋا، مېنى ئۇنۇتمىغايسەن! ئەگەر سەن ماڭا ئوغۇل بەرسەڭ، مەن ۋەدە قىلايكى، مەن ئۇنى ساڭا بېرەي، ئۇ ساڭا ئۆمۈر بويى خىزمەت قىلسۇن»، دەپ دۇئا قىلدى.

يەھۋا ھەننانىڭ دۇئاسىغا جاۋاب قايتۇردى. ئايلار ئۆتۈپ، ۋاقىت-‏سائىتى كەلگەندە، ئۇ سامۇئىلنى تۇغدى. ھەننا ئوغلىنى بەكمۇ ياخشى كۆرەتتى. ئوغلى تېخى كىچىك بولسىمۇ، ھەننا ئوغلىغا يەھۋا توغرىسىدا ئۆگىتىشنى باشلىدى. ئۇ ئېرىگە:‏ «سامۇئىل سەل چوڭراق بولۇپ، ئىمىشتىن توختىشىغا، مەن ئۇنى ئىبادەت چېدىرىدا يەھۋانىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا ئېلىپ بارىمەن»، دېدى.

ھەننا بىلەن ئەلقانانىڭ دەل شۇنداق قىلىۋاتقانلىقىنى بۇ رەسىمدىن كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز. ئاتا-‏ئانىسى سامۇئىلنى كىچىكىدىن ياخشى تەربىيىلىگەچ، سامۇئىل يەھۋانىڭ چېدىرىدا ئۇنىڭغا خىزمەت قىلغىنىدىن بەك خۇشال ئىدى. ھەر يىلى ھەننا بىلەن ئەلقانا بۇ ئالاھىدە چېدىرغا ئىبادەت قىلغىلى ۋە ئوغلىنى يوقلاپ كۆرگىلى كېلەتتى. ھەمدە ھەننا ھەر يىلى سامۇئىل ئۈچۈن يېڭى بىر چاپان تىكىپ ئەكېلىپ بېرەتتى.

يىللارنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، سامۇئىل يەھۋانىڭ ئىبادەت چېدىرىدا داۋاملىق خىزمەت قىلدى. يەھۋا ۋە خەلق ئۇنىڭدىن خۇرسەن ئىدى. ئەمما، باش روھانىي ئەلىنىڭ ئوغۇللىرى ھوفنى بىلەن پىنىھاس ياخشى ئەمەس ئىدى. ئۇلار كۆپ يامان ئىشلارنى قىلىپ، باشقىلارنىڭمۇ يەھۋاغا ئىتائەت قىلماسلىقىغا سەۋەبچى بولدى. ئەلى ئۇلارنىڭ روھانىيلىق ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلىشى كېرەك ئىدى. ئەمما، ئۇ شۇنداق قىلمىدى.

ياش سامۇئىل ئىبادەت چېدىرىدا يۈز بېرىۋاتقان ھەرقانداق يامان ئىشلارنىڭ ئۇنى يەھۋاغا خىزمەت قىلىشتىن توختىتىشىغا يول قويمىدى. شۇ ۋاقىتتا، ناھايىتى ئازلا كىشىلەر يەھۋانى چىن دىلىدىن سۆيەتتى. شۇڭا، يەھۋانىڭ ھەرقانداق بىر كىشىگە سۆز قىلمىغىنىغا ئۇزۇن بولغانىدى. سامۇئىل ئازراق چوڭ بولغاندا، مۇنداق بىر ئىش يۈز بەردى:‏

سامۇئىل ئىبادەت چېدىرىدا ئۇخلاۋاتقاندا، بىر ئاۋاز ئۇنى توۋلاپ ئويغاتتى. ئۇ:‏ «مانا مەن»، دەپ جاۋاب بېرىپ، ئورنىدىن تۇرۇپ ئەلىنىڭ قېشىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ:‏ «مېنى چاقىردىڭمۇ؟ مەن بۇ يەردە»، دېدى.

لېكىن، ئەلى جاۋاب بېرىپ:‏ «مەن سېنى چاقىرمىدىم؛ قايتىپ بېرىپ ئۇخلا»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن، سامۇئىل قايتىپ ئورنىدا ياتتى.

ئىككىنچى قېتىم، «سامۇئىل!»، دەپ چاقىردى. شۇڭا سامۇئىل ئورنىدىن تۇرۇپ، ئەلىنىڭ قېشىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ:‏ «سەن مېنى چاقىردىڭمۇ؟ مانا مەن بۇ يەردە»، دېدى. لېكىن، ئەلى:‏ «مەن سېنى چاقىرمىدىم، ئوغلۇم. قايتىپ بېرىپ ئۇخلا»، دېدى. سامۇئىل قايتىپ بېرىپ ياتتى.

«سامۇئىل!»، دېگەن ئاۋاز ئۈچىنچى قېتىم چاقىردى. شۇڭا، سامۇئىل ئەلىنىڭ قېشىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ:‏ «مانا مەن بۇ يەردە، بۇ قېتىم سەن چوقۇم مېنى چاقىردىڭ»، دېدى. ئەلى يەھۋانىڭ چاقىرىۋاتقانلىقىنى بىلىپ يەتتى. شۇڭا، ئۇ سامۇئىلغا:‏ «يەنە قايتىپ بېرىپ ياتقىن، ئەگەر ئۇ يەنە چاقىرسا، سەن:‏ «يەھۋا، سۆز قىلغىن، خىزمەتچىڭ ئاڭلايدۇ»، دېگىن»، دېدى.

يەھۋا يەنە ئۇنى چاقىرغاندا، سامۇئىل شۇنداق دېدى. شۇنىڭ بىلەن، يەھۋا ئۆزىنىڭ ئەلى ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى قانداق جازالايدىغانلىقىنى سامۇئىلغا ئېيتتى. كېيىن، ھوفنى بىلەن پىنىھاس فىلىستىنلىكلەر بىلەن بولغان جەڭدە ئۆلدى. ئەلى بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بوينى سۇنۇپ ئۆلدى. شۇنداق قىلىپ، يەھۋانىڭ سۆزى ئەمەلگە ئاشتى.

سامۇئىل چوڭ بولۇپ، ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھاكىمى بولدى. ئۇ قېرىغاندا، خەلق ئۇنىڭدىن:‏ «بىزنىڭ ئۈستىمىزدىن ھۆكۈم قىلىدىغان پادىشاھ تاللاپ بەر»، دەپ تەلەپ قىلدى. سامۇئىل بۇنداق قىلىشقا قوشۇلمىدى. چۈنكى، يەھۋا ئۆزى ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ پادىشاھى ئىدى. بىراق، يەھۋا ئۇنى خەلقنىڭ تەلىپىگە قۇلاق سېلىشقا بۇيرۇدى.

1-‏سامۇئىل 1:‏1-‏28؛ 2:‏11-‏36؛ 3:‏1-‏18؛ 4:‏16-‏18؛ 8:‏4-‏9.



سوئاللار

  • رەسىمدىكى كىچىك بالىنىڭ ئىسمى نېمە؟ ئاۋۇ باشقىلار كىملەر؟
  • بىر كۈنى، ھەننا يەھۋانىڭ ئىبادەت چېدىرىغا بارغاندا، نېمە دەپ دۇئا قىلدى؟ يەھۋا ئۇنىڭ دۇئاسىغا قانداق جاۋاب قايتۇردى؟
  • سامۇئىل يەھۋانىڭ ئىبادەت چېدىرىغا ئېلىپ بېرىلغاندا، قانچە ياشتا ئىدى؟ ئانىسى ھەر يىلى ئۇنىڭ ئۈچۈن نېمە قىلدى؟
  • ئەلىنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئىسىملىرى نېمە؟ ئۇلار قانداق كىشىلەر ئىدى؟
  • يەھۋا سامۇئىلنى قانداق چاقىردى؟ ئۇ سامۇئىلغا نېمە توغرىسىدا خەۋەر بەردى؟
  • سامۇئىل چوڭ بولغاندا نېمە ئىش قىلدى؟ ئۇ قېرىغاندا نېمە ئىش يۈز بەردى؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • 1-‏سامۇئىل 1:‏1-‏28-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    ئائىلىنى توغرا ئىبادەتكە يېتەكلەشتە، ئەلقانا ئائىلىگە باش بولغۇچىلارغا قانداق ياخشى ئۈلگە قالدۇرغان؟ (1-‏سامۇئىل 1:‏3، 21؛ مەتتا 6:‏33؛ فىلىپىلىكلەر 1:‏10)

    ھەننانىڭ كىشىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدىغان مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟ (1-‏سامۇئىل 1:‏10، 11؛ زەبۇر 55:‏22؛ رىملىقلار 12:‏12)

  • 1-‏سامۇئىل 2:‏11-‏36-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    ئەلى ئۆز ئوغۇللىرىنى يەھۋادىن قانداق ئەزىز كۆردى؟ بۇ بىزگە قانداق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ؟ (1-‏سامۇئىل 2:‏22-‏24، 27، 29؛ تەكرار قانۇن 21:‏18-‏21؛ مەتتا 10:‏36، 37)

  • 1-‏سامۇئىل 4:‏16-‏18-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    جەڭ مەيدانىدىن قانداق تۆت قايغۇلۇق خەۋەر كەلدى؟ ئۇ ئەلىگە قانداق تەسىر قىلدى؟

  • 1-‏سامۇئىل 8:‏4-‏9-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    ئىسرائىللار قانداق قىلىپ يەھۋانى شۇنچە بەك رەنجىتتى؟ بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى ساداقەتمەنلىك بىلەن قانداق قوللىيالايمىز؟ (1-‏سامۇئىل 8:‏5، 7؛ يۇھاننا 17:‏16؛ ياقۇپ 4:‏4)