مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

4-‏قىسىم: ئىسرائىلنىڭ تۇنجى پادىشاھىدىن، ئىسرائىللارنىڭ بابىلونغا ئەسىر بولۇشىغىچە

4-‏قىسىم: ئىسرائىلنىڭ تۇنجى پادىشاھىدىن، ئىسرائىللارنىڭ بابىلونغا ئەسىر بولۇشىغىچە

سائۇل ئىسرائىلنىڭ تۇنجى پادىشاھى بولغانىدى. ئەمما، پەرۋەردىگار يەھۋا سائۇلنى تاشلاپ، داۋۇتنى ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولۇشقا تاللىدى. بىز داۋۇت توغرىسىدىكى كۆپ ئىشلارنى كۆرۈپ چىقىمىز. ياش داۋۇت غايەت يوغان ئادەم جوليات بىلەن جەڭگە چۈشكەنىدى. كېيىن، ھەسەتخور پادىشاھ سائۇلدىن قېچىپ يۈردى. شۇ ۋاقىتتا، چېۋەر ئايال ئابىگائىل ئۇنى ئەخمىقانە ئىش قىلىشتىن توسۇپ قالدى.

ئۇنىڭدىن كېيىن، داۋۇتنىڭ ئورنىغا ئىسرائىلغا پادىشاھ بولغان ئۇنىڭ ئوغلى سۇلايمان ھەققىدە كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنىمىز. ئاشۇ ئىسرائىلنىڭ دەسلەپكى ئۈچ پادىشاھى ھەر بىرى 40 يىلدىن پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇرغان ئىدى. سۇلايمان ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئىسرائىل دۆلىتى، شىمال ۋە جەنۇبتىن ئىبارەت ئىككى پادىشاھلىققا بۆلۈنۈپ كەتتى.

شىمالىي پادىشاھلىقنى ئىسرائىلنىڭ 10 قەبىلىسى قۇرغان بولۇپ، 257 يىل داۋام قىلغاندىن كېيىن، ئاسسۇرىيىلىكلەر تەرىپىدىن ۋەيران قىلىندى. شۇنىڭدىن يەنە 133 يىل ئۆتۈپ، ئىسرائىلنىڭ ئىككى قەبىلىسى قۇرغان جەنۇبىي پادىشاھلىقمۇ خاراب قىلىندى. بۇ ۋاقىتتا، ئىسرائىللار بابىلونغا ئەسىرلىككە ئېلىپ كېتىلدى. 4-‏قىسىم 510 يىللىق تارىخنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. مۇشۇ قىسىمدا نۇرغۇنلىغان كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئىش-‏ۋەقەلەرنى كۆرۈپ ئۆتىمىز.

سۇلايمان پادىشاھ دۇئا قىلىۋاتىدۇ

بۇ بۆلەكتە