مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

56-‏ھېكايە: ئىسرائىلنىڭ تۇنجى پادىشاھى — سائۇل

56-‏ھېكايە: ئىسرائىلنىڭ تۇنجى پادىشاھى — سائۇل
سامۇئىل پەيغەمبەر سائۇلنىڭ بېشىغا ياغ قۇيۇپ پادىشاھ بولۇشقا تاللانغانلىقىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ

قاراڭ، سامۇئىل بىر ئادەمنىڭ بېشىغا ياغ قۇيۇۋاتىدۇ. قەدىمكى زاماندا شۇنداق قىلىش ئارقىلىق، بىر كىشىنىڭ پادىشاھ بولۇشقا تاللانغانلىقى كۆرسىتىلەتتى. پەرۋەردىگار يەھۋا سامۇئىل پەيغەمبەرگە، سائۇلنىڭ بېشىغا ياغ قۇيۇشنى ئېيتقان ئىدى. ئۇ بىر ئالاھىدە خۇشپۇراق ياغ.

سائۇل ئۆزىنى پادىشاھ بولۇشقا لايىق ئەمەس، دەپ قارىغانىدى. شۇڭا، ئۇ سامۇئىلغا:‏ «مەن بىر بىنيامىن بولۇپ، ئىسرائىلنىڭ ھەممىدىن كىچىك قەبىلىسىنىڭ ئادىمى. نېمە ئۈچۈن سەن ماڭا پادىشاھ بولىسەن، - ‏دەيسەن؟»، دېدى. يەھۋا سائۇلدىن خۇرسەن بولدى. چۈنكى، سائۇل ئۆزىنى چوڭ تۇتقان ياكى قالتىس كىشى، دەپ قارىمىغانىدى. شۇ سەۋەب، يەھۋا ئۇنى پادىشاھ بولۇشقا تاللىدى.

سائۇل كەمبەغەل ياكى ۋىجىك ئادەم ئەمەس، بەلكى ئۇ باي ئائىلىنىڭ ئوغلى بولۇپ، بوي بەستى ئېگىز، قاملاشقان ئىدى. ئىسرائىللار ئارىسىدىكى ھەرقانداق بىر كىشى ئارانلا ئۇنىڭ مۈرىسىگە كېلەتتى! سائۇل، ئۇ بەك تېز يۈگۈرەتتى ۋە ناھايىتى كۈچلۈك ئىدى. يەھۋانىڭ سائۇلنى پادىشاھ بولۇشقا تاللىغانلىقى ئۈچۈن، خەلق شاد-‏خۇراملىققا چۆمدى. شۇڭا، ئۇلار ھەممىسى:‏ «پادىشاھ ياشىسۇن!»، دەپ ۋارقىراشتى.

ئىسرائىللارنىڭ دۈشمەنلىرى ئىلگىرىكىدەكلا كۈچلۈك ئىدى. ئۇلار يەنىلا ئىسرائىللارغا ئارام بەرمەي، كۆپ پاراكەندە قىلاتتى. سائۇل پادىشاھ بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئاممونلۇقلار ئۇلارغا ھۇجۇم قىلدى. ئەمما، سائۇل چوڭ بىر قۇشۇن توپلاپ، ئاممونلۇقلار ئۈستىدىن غەلبە قىلدى. بۇ ۋاقىتتا، خەلق سائۇلنىڭ پادىشاھ بولغانلىقى ئۈچۈن بەكمۇ خۇشال بولۇشتى.

يىللار بىرىنىڭ كەينىدىن بىرىنى قوغلاپ ئۆتتى، سائۇل ئىسرائىللارغا باش بولۇپ، نۇرغۇن جەڭلەردە دۈشمەنلىرى ئۈستىن غەلبە قىلدى. سائۇلنىڭ يوناتان ئىسىملىك بىر باتۇر ئوغلى بار ئىدى. يوناتانمۇ ئىسرائىللارنىڭ كۆپلىگەن جەڭلەردە غەلبە قىلىشىغا ياردەم بەردى. فىلىستىنلىكلەر يەنىلا ئىسرائىللارنىڭ كۈچلۈك دۈشمىنى ئىدى. بىر كۈنى، سان-‏ساناقسىز فىلىستىنلىكلەر ئىسرائىللار بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن كەلدى.

سامۇئىل پەيغەمبەر يېتىپ كېلىپ، ئۇ پەرۋەردىگار يەھۋاغا قۇربانلىق تەقدىم قىلغىچە، سائۇلنىڭ كۈتۈپ تۇرۇشنى ئېيتقان ئىدى. بىراق، سامۇئىل ئاستا كېلىۋاتاتتى. سائۇل فىلىستىنلىكلەرنىڭ جەڭ باشلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۆزى قول سېلىپ قۇربانلىقنى تەقدىم قىلدى. ئاخىرى سامۇئىل يېتىپ كەلدى. ئۇ سائۇلنىڭ يەھۋاغا ئىتائەتسىزلىك قىلغانلىقىنى ئېيتىپ، «يەھۋا باشقا بىر كىشىنى ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇشقا تاللايدۇ»، دېدى.

كېيىنچە، سائۇل يەنە ئىتائەتسىزلىك قىلدى. شۇڭا، سامۇئىل پەيغەمبەر سائۇلغا:‏ «يەھۋاغا ئىتائەت قىلىش ھەرقانداق ياخشى قوينى قۇربانلىق قىلىشتىن ياخشىراقتۇر. چۈنكى، سەن يەھۋاغا ئىتائەتسىزلىك قىلدىڭ، يەھۋا سېنى داۋاملىق ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى قىلمايدۇ»، دېدى.

بىز مۇشۇ ۋەقەدىن مۇھىم ساۋاق ئالالايمىز. ناھايىتى ئېنىقكى، ھەمىشە يەھۋاغا ئىتائەت قىلىش بەك مۇھىم. يەنە شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، سائۇلغا ئوخشاش ياخشى ئادەممۇ، يامانغا ئۆزگىرىپ كېتىشى مۇمكىن. بىز ھەرگىزمۇ يامانغا ئۆزگىرىپ كېتىشنى خالىمايمىز، شۇنداقمۇ؟

1-‏سامۇئىل 9-‏بابتىن 11-‏بابقىچە؛ 13:‏5-‏14؛ 14:‏47-‏52؛ 15:‏1-‏35؛ 2-‏سامۇئىل 1:‏23.



سوئاللار

  • رەسىمدە، سامۇئىل نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن؟
  • يەھۋا نېمە ئۈچۈن سائۇلدىن خۇرسەن بولدى؟ سائۇل ئۇ قانداق ئادەم ئىدى؟
  • سائۇلنىڭ ئوغلىنىڭ ئىسمى نېمە؟ ئۇ نېمە ئىش قىلدى؟
  • سائۇل نېمە ئۈچۈن سامۇئىلنىڭ كېلىشىنى كۈتمەي، قۇربانلىقنى ئۆزى قىلدى؟
  • سائۇل ھەققىدىكى ئىش-‏ۋەقەلەردىن، قانداق ساۋاققا ئىگە بولالايمىز؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • 1-‏سامۇئىل 9:‏15-‏21 ۋە 10:‏17-‏27-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    بەزى كىشىلەر سائۇل ھەققىدە ھۆرمەتسىز گەپلەرنى قىلغاندا، ئالدىراقسانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىشتىن خالىي بولۇشىغا ئۇنىڭ كەمتەرلىكى قانداق ياردەم بەرگەن؟ (1-‏سامۇئىل 9:‏21؛ 10:‏21، 22، 27؛ پەندى-‏نەسىھەت 17:‏27)

  • 1-‏سامۇئىل 13:‏5-‏14-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    سائۇل گىلگالدا نېمە گۇناھ ئۆتكۈزگەن ئىدى؟ (1-‏سامۇئىل 10:‏8؛ 13:‏8، 9، 13)

  • 1-‏سامۇئىل 15:‏1-‏35-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    ئامالەكنىڭ پادىشاھى ئاگوگ بىلەن جەڭ قىلغاندا، سائۇل قانداق ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزدى؟ (1-‏سامۇئىل 15:‏2، 3، 8، 9، 22)

    سائۇل ئۆزىنى ئاقلاپ، مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا دۆڭگەپ قويۇشقا ئۇرۇنۇپ، نېمە ئىش قىلدى؟ (1-‏سامۇئىل 15:‏24)

    بۈگۈنكى كۈندە، بىزگە نەسىھەت بېرىلگەندە قايسى ئاگاھلاندۇرۇشقا دىققەت قىلىشىمىز كېرەك؟ (1-‏سامۇئىل 15:‏19-‏21؛ زەبۇر 141:‏5؛ پەندى-‏نەسىھەت 9:‏8، 9؛ 11:‏2)