مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

59-‏ھېكايە: داۋۇتنىڭ قېچىپ كېتىشى

59-‏ھېكايە: داۋۇتنىڭ قېچىپ كېتىشى

داۋۇت جولياتنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، ئىسرائىللارنىڭ قوشۇنىنىڭ سەركەردىسى ئابنېر، داۋۇتنى سائۇلنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. سائۇل داۋۇتتىن ناھايىتى خۇرسەن بولغاچ، ئۇنى ئۆز قوشۇنلىرىنىڭ سەركەردىسى قىلدى. ھەمدە پادىشاھ ئۇنى ئۆز ئۆيىدە تۇرغۇزۇش ئۈچۈن ئېلىپ كەتتى.

كېيىن، قوشۇنلار فىلىستىنلىكلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىپ يېنىپ كەلگەندە، ئاياللار:‏ «سائۇل نەچچە مىڭنى ئۆلتۈردى، بىراق داۋۇت نەچچە ئون مىڭنى ئۆلتۈردى»، دەپ ناخشا ئېيتىشتى. شۇنىڭ بىلەن، سائۇلنىڭ ھەسەتخورلۇقى باشلاندى. چۈنكى، داۋۇت سائۇلدىن كۆپرەك شان-‏شۆھرەتكە ئىگە بولغانىدى. ئەمما، سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتان ھەسەت قىلمايتتى. ئۇ داۋۇتنى بەكمۇ ياخشى كۆرەتتى. داۋۇتمۇ يوناتاننى ياخشى كۆرەتتى. شۇڭا، ئۇلار بىر-‏بىرىگە مەڭگۈلۈك دوست بولۇشقا ۋەدە بېرىشتى.

پادىشاھ سائۇل بىر نەيزىنى ئاتتى

داۋۇت چىلتار چېلىشقا بەك ماھىر ئىدى. سائۇل ئۇنىڭ چالغان مۇزىكىسىنى ئاڭلاشقا ئامراق ئىدى. بىراق، بىر كۈنى سائۇلنىڭ ھەسەتخورلۇقى ئۇنى يامان ئىش قىلىشقا قۇتراتتى. داۋۇت چىلتار چېلىۋاتقىنىدا، سائۇل قولىغا نەيزىسىنى ئېلىپ، ئۇنىڭغا قارىتىپ ئېتىپ:‏ «مەن داۋۇتنى تامغا قاداپ قويىمەن!»، دېدى. بىراق، داۋۇت ئۆزىنى قاچۇردى. نەيزە ئۇنىڭغا سانجىلمىدى. كېيىن، سائۇل داۋۇتقا يەنە نەيزە ئاتتى. بىراق، يەنە سانجىيالمىدى. شۇنىڭ بىلەن، داۋۇت ئەمدى قاتتىق دىققەت قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدى.

سائۇلنىڭ قىلغان ۋەدىسى يادىڭىزدا بارمۇ؟ ئۇ جولياتنى ئۆلتۈرگەن كىشىگە قىزىنى خوتۇنلۇققا بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. سائۇل ئاخىرى قىزى مىكالنى داۋۇتقا بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىراق، داۋۇت چوقۇم 100 فىلىستىنلىك دۈشمەننى ئۆلتۈرۈشى شەرت ئىدى. ئويلاپ كۆرسەك! ئەمەلىيەتتە سائۇل فىلىستىنلىكلەرنىڭ داۋۇتنى ئۆلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلغانىدى. ئەمما، ئۇلار داۋۇتنى ئۆلتۈرەلمىدى. شۇڭا، سائۇل قىزىنى داۋۇتقا خوتۇنلۇققا بەردى.

سائۇل بىر كۈنى يوناتان ۋە بارلىق خىزمەتچىلىرىگە ئۆزىنىڭ داۋۇتنى ئۆلتۈرمەكچى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئەمما، يوناتان دادىسىغا:‏ «داۋۇتقا يامانلىق قىلمىسۇن. ئۇ ساڭا گۇناھ قىلمىغان. ئەكسىچە، ئۇنىڭ قىلغان ئىشلىرى ساڭا چوڭ ياردەم بەرگەن. ئۇ ئۆز جېنىنى ئالقىنىغا ئېلىپ، جولياتنى ئۆلتۈرگەندە، سەن ئۇنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇرسەن بولغانىدىڭ»، دېدى.

داۋۇت نەيزىدىن ئۆزىنى قاچۇردى

سائۇل ئوغلىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، داۋۇتقا يامانلىق قىلماسلىققا ۋەدە بەردى. يوناتان داۋۇتنى قايتۇرۇپ كەلگەندە، ئۇ ئىلگىرىكىدەك سائۇلنىڭ خانلىق سارىيىدا خىزمەت قىلدى. ئەمما، بىر كۈنى ساز چېلىۋاتقاندا، سائۇل يەنە نەيزىسىنى داۋۇتقا قارىتىپ ئاتتى. داۋۇت ئۆزىنى قاچۇردى. نەيزە بېرىپ تامغا قادىلىپ قالدى. بۇ ئۈچىنچى قېتىم شۇنداق ئىش يۈز بېرىشى ئىدى! ئەمدى داۋۇت چوقۇم قېچىپ كەتمىسە بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ يەتتى.

شۇ كېچىسى داۋۇت ئۆز ئۆيىگە قايتىپ كەتتى. بىراق، سائۇل ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە ئادەم ئەۋەتتى. مىكال دادىسىنىڭ شۇنداق قىلماقچى بولغانلىقىنى بىلگەنىدى. شۇڭا ئۆز ئېرىگە:‏ «ئەگەر بۇ كېچە قېچىپ كەتمىسەڭ، ئەتە ئۆلتۈرۈلىسەن»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن، مىكال داۋۇتقا ياردەم قىلىپ، ئۇنى دېرىزىدىن قاچۇرۇۋەتتى. يەتتە يىلغىچە، داۋۇت ئۇ يەر، بۇ يەردە مۆكۈپ يۈردى. شۇڭا، سائۇل ئۇنى تاپالمىدى.

1-‏سامۇئىل 17:‏55-‏58؛ 18:‏1-‏30؛ 19:‏1-‏18.



سوئاللار

  • نېمە ئۈچۈن سائۇل داۋۇتقا ھەسەت قىلدى؟ بىراق، سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتان بىلەن داۋۇتنىڭ مۇناسىۋىتى قانداق ئىدى؟
  • بىر كۈنى، داۋۇت سائۇلغا چىلتار چېلىپ بېرىۋاتقاندا، نېمە ئىش يۈز بەردى؟
  • سائۇل، قىزى مىكالنى خوتۇنلۇققا ئېلىش ئۈچۈن داۋۇتنىڭ چوقۇم نېمە ئىش قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى؟ ئۇ نېمە مەقسەتتە شۇنداق دېدى؟
  • رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك، داۋۇت سائۇلغا چىلتار چېلىپ بېرىۋاتقاندا، قانداق ئىش ئۈچىنچى قېتىم يۈز بەردى؟
  • داۋۇتنىڭ جېنىنى ساقلاپ قېلىشى ئۈچۈن مىكال قانداق ياردەم بەردى؟ شۇنىڭدىن كېيىن، داۋۇت يەتتە يىل نېمە ئىش قىلدى؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • 1-‏سامۇئىل 18:‏1-‏30-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    يوناتان بىلەن داۋۇتنىڭ بۇزۇلماس دوستلۇق مېھىر-‏مۇھەببەت رىشتى، قانداق قىلىپ «باشقا قويلار» بىلەن «كىچىك پادا» ئوتتۇرىسىدىكى مېھىر-‏مۇھەببەت ھەققىدە بېشارەت بەرگەن؟ (1-‏سامۇئىل 18:‏1؛ يۇھاننا 10:‏16؛ لۇقا 12:‏32؛ زەكەرىيا 8:‏23)

    قائىدە بويىچە بولغاندا، سائۇلنىڭ پادىشاھلىق ۋارىسى يوناتان بولاتتى. بىراق، يوناتاننىڭ خۇدا تاللىغان پادىشاھقا پۈتۈنلەي بويسۇنغانلىقىنى، 1-‏سامۇئىل 18:‏4-‏ئايەت قانداق كۆرسىتىدۇ؟

    سائۇلنىڭ مىسالىدىن ھەسەتخورلۇقنىڭ ئېغىر گۇناھقا باشلايدىغانلىقىنى قانداق كۆرۈۋالالايمىز؟ بۇ بىزگە قانداق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ؟ (1-‏سامۇئىل 18:‏7-‏9، 25؛ ياقۇپ 3:‏14-‏16)

  • 1-‏سامۇئىل 19:‏1-‏17-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    يوناتان سائۇلغا سۆز قىلغاندا، ئۆز ھاياتى بىلەن قانداق خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغان؟ (1-‏سامۇئىل 19:‏1، 4-‏6؛ پەندى-‏نەسىھەت 16:‏14)